باش بەت>>ساغلاملىق
سېمىز كىشىلەر سۆڭەك بوغۇم ياللۇغىغا ئاسان گىرىپتار بولىدۇ
مەنبەسى:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2015-04-24 20:37:31

مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: «سېمىزلىك بىلەن سۆڭەڭ بوغۇم ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ، چۈنكى سېمىزلىك پەيدا قىلغان مېخانىك ئامىللاردىن باشقا، پۈتۈن بەدەن مېتابولىزمىمۇ ئۇلاردا بۇ خىل كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. تىز بوغۇمىنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى ۋە يۆنىلىشى پۇت، قۇللارنىڭ كۈچ سىزىقى، بەدەن شەكلى، مۇسكۇل كۈچى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا رولىغا باغلىق، شۇڭا سېمىز ئايالنىڭ بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى نورمال ئاياللارغا قارىغاندا تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ». مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «بۇنىڭدىن باشقا، سېمىزلىك ياغنىڭ تارقىلىشى ۋە سۆڭەك ياللۇغىنىڭ قوزغىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، يەنى بەل قىسمىدا ياغ كۆپ ئاغرىقلار يانپاش ۋە تىز بوغۇم ياللۇغىغا ئاسان گىرىپتار بولىدۇ، يەنى غەربلىكلەر يانپاش بوغۇم ياللۇغىغا، شەرقلىكلەر تىز بوغۇم ياللۇغىغا ئاسان گىرىپتار بولىدۇ».

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق