باش بەت>>ساغلاملىق
يازدا توڭلاتقۇ كېسىلىدىن ئېھتىيات قىلىڭ
مەنبەسى:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2015-04-26 09:25:00

 

 

توڭلاتقۇ «بىخەتەر ساندۇق»ئەمەس. توڭلاتقۇ پەقەت باكتېرىيەنىڭ كۆپىيىشىنى تېزگەنلەيدۇ، باكتېرىيەنى توڭلىتىپ ئۆلتۈرەلمەيدۇ. ھەتتا بەزى باكتېرىيەلەر توڭلاتقۇدا كۆپىيىپ، يېتىلىپ، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. توڭلاتقۇدا ساقلىغان يېمەكلىكلەر مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىنمىسا، ئاشقازاق ياللۇغى، ئۈچەي ياللۇغىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بەزى باكتېرىيە ۋە كۆكەرتكۈچى باكتېرىيەلەر تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ناھايىتى تېز كۆپىيىپ، مېۋە-چېۋە، كۆكتات، بېلىق ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئاسانلا بۇلغايدۇ. بۇنداق يېمەكلىكلەر ئوبدان ئىستىلىپ ياكى پىشۇرۇلۇپ ئېستىمال قىلىنمىسا، ئۈچەي ياللۇغىنى پەيدا قىلىپ، قورساق ئاغرىش ۋە ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر توڭلاتقۇدا ساقلانغان يېمەكلىك ھەددىدىن كۆپ ئىستېمال قىلىنسا، ئاشقازان بىلەن ئۈچەي تۆۋەن تېمپېراتۇرىنىڭ غىدىقلىنىشىغا ئۇچىراپ، قان تومۇرلار بىردىنلا قورۇلۇپ كېتىتۇ -دە، قان ئايلىنىش نورمال بولمايدۇ. ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىنىڭ ھەزىم قىلىش سۇيۇقلىقىنى ئاجرىتىپ چىقىرىشىمۇ توختاپ، كۆكرەك تۇيۇقسىز ئاغرىش، قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئاشقازان ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بالىلار سوغۇق ساقلانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ يېرىم سائەتتىن كېيىن، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق