باش بەت>>ساغلاملىق
شوخلىدىن پايدىلىنىپ كېسەل داۋالاش ئۇسۇلى
مەنبەسى:شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2015-04-26 09:29:57

 

 

    

شوخلىنىڭ تېرىسى ۋە ئۇرۇقىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئېزىپ زەخىملەنگەن يەرگە ھەر كۈنى 2-3 قېتىم سۈركەپ بەرسە، زەمبۇرۇغ، يۇقۇملۇق تېرە كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

شوخلىنى سىقىپ، سۈيىگە ئاز مىقداردا شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ يۈزىگە سۈركەپ بەرسە، تېرىنى نۇرلاندۇرۇپ قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.

شوخلىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە زەھەر ياندۇرۇپ قىزىتما قايتۇرۇش، ۋىرۇسلارنى تىزگىنلەش رولىغىمۇ ئىگە. ھەر كۈنى شوخلىدىن بىر-ئىككى تال ئىستېمال قىلىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.

ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئاچ قورساققا ئاق شېكەر ئارىلاشتۇرۇلغان شوخلىدىن بىر-ئىككى تال يەپ بەرسە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ.

شوخلا بىلەن ئالمىدىن بىر تال، كۈنجۈتتىن 15گرامنى قوشۇپ، ھەر كۈنى بىر-ئىككى قېتىم ئىستېمال قىلىشنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرسا، قان ئازلىقنى داۋالايدۇ.

يېنىك ھەزىم خاراكتېرلىك يارىسى بارلار، سىقىلغان شوخلا بىلەن بەرەڭگىنىڭ ھەرقايسىسىنى يېرىم ئىستاكاندىن ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قېتىمدىن ئۇدا 10قېتىم ئىستېمال قىلغاندا يارىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

شوخلا سۈيىدىن بىر قوشۇق، كەرەپشە كۆكى، سەۋزە كۆكى ۋە قوي مېيىدىن يېرىم قوشۇق ئېلىپ شوۋىگۈرۈچنىڭ ئىچىگە سېلىپ قاينىتىپ، تۇز بىلەن تەم تېتىقۇچتىن سېلىپ ئىستېمال قىلسا، جىگەر ياللۇغىنى داۋالايدۇ.

بىر-ئىككى تال شوخلىنى يالپاقداپ ئازراق تۇز ياكى شېكەر قوشۇپ، قىيام قىلىپ ئىچىپ بەرگەندە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

شوخلا شەربىتى ۋە تاۋۇز شەربىتىنىڭ ھەر قايسىسىدىن يېرىم ئىستاكاندىن ئارىلاشتۇرۇپ، بىر سائەتتە بىر قېتىم ئىچسە قىزىتمىنى ياندۇرىدۇ.

شوخلىنى پاكىز يۇيۇپ، مېۋە قاتارىدا يېرىم ئاي ئۈزۈلدۈرمەي يەپ بەرگەندە، چىش مىلىكى قاناشنى داۋلايدۇ.

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق