باش بەت>>ساغلاملىق
بالىلارنىڭ بەل ئاغرىقىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ
مەنبەسى:شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2015-04-26 09:59:43

ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا بېلى ئاغرىپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆپ ئۇچىرايدۇ، بىراق كۆپىنچە بالىلار بۇنىڭغا تازا ئېتىبار بەرمەيدۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھەرىكەت قىلسىلا بەل ئاغرىيدىغان، ھەتتا كېيىنچە بىكار تۇرسىمۇ ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «بۇ ئومۇرتقا دوغىسى سۇنۇپ كېتىش كېسىلىنىڭ ئىپادىسى. ئەگەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسى كۆپ، سومكىسى ئېغىر، ئولتۇرۇش قىياپىتى توغرا بولمىسا، بۇ خىل كېسەلگە مۇپتىلا بولىدۇ؛ بالىلاردا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىسە داۋالىتىش ھاجەتسىز، پات-پات تەكشۈرتۈپ تۇرسىلا بولىدۇ؛ بىراق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلسە، ئاغرىقنى پەسەيتىش ئۈچۈن داۋالاتمىسا بولمايدۇ، بولمىسا بەل ئومۇرتقىسى چىقىپ كېتىش، ھەتتا يۇلۇننى بېسىۋېلىش خەتىرى پەيدا قىلىدۇبىز ئادەتتە بەل ئاغرىقىنى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا بولىدىغان كېسەل دەيمىز، بالىلاردا بەل ئاغرىقى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمىز. ئەمەلىيەتتە بالىلاردا ئومۇرتقا دوغا بوغۇزى كېرىلىپ كېتىش كېسىلى كۆرۈلۈپلا قالماستىن، يەنە قاتما مەنبەلىك ئومۇرتقا تۆۋرۈكى ياللۇغى، بەل ئومۇرتقا تۇبېركۇليۇزمۇ كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل كېسەللىكلەر بەل ئاغرىش شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ، بىراق ھەرىكەت قىلسا سەل پەسىيىدۇ. بۇ كېسەل ئاخىرقى باسقۇچقا بارغاندا ئېغىز بولسا دۈمچەكلىك، يولنى ئوڭشاپ ماڭالماسلىق، دەرھال كەينىگە قايرىلىپ قارىيالماسلىق كېسەللىكلىرىگە تەرەققىي قىلىدۇ».

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق