باش بەت>>ساغلاملىق
يۇقىرى قان بېسىم، شېكەرلىك دېئابىتنى دەرىجىگە بۆلۈپ داۋالاش پىلانى بېكىتىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن | يوللانغان ۋاقىت:2015-12-02 19:24:25

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-دېكابر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 1-دېكابىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يۇقىرى قان بېسىم، شېكەرلىك دېئابىتنى دەرىجىگە بۆلۈپ داۋالاش سىنىقىنى ياخشى قىلىپ، بىمارلارغا ساغلاملىق ئارخىپى تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يۇقىرى قان بېسىمى، شېكەرلىك دېئابىت قاتارلىق سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى، قوزغىلىش نىسبىتى، داۋالىنىش نىسبىتى ۋە دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش تېخنىكىسى لايىھەسىگە ئاساسەن، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش مۇلازىمەت ئەندىزىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىمارلار سانىنى بېكىتىپ، كېسەللىك ئەھۋالى ۋە ئاساسىي ئەھۋالىنى باھالاش كېرەك. ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاشقا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىمارلارغا ئىككىنچى دەرىجىلىك ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى دوختۇرخانا ۋە ئاساسىي قاتلام داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتلىرىغا ئۇلانغان ئېلىكترونلۇق ساغلاملىق ئارخىپى تۇرغۇزۇش كېرەك. ئۇقتۇرۇشتا يەنە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىقتىدار خاراكتېرى ھەمدە يۇقىرى قان بېسىم، شېكەرلىك دېئابىتنى دەرىجە بويىچە داۋالاش مۇلازىمىتى تەرتىپى قاتارلىقلار ئېنىق بېكىتىلدى.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق