\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ مۇنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-11 10:30

 

شى جىنپىڭ مەملىكەت بويىچە مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە بايراملىق سالام يوللىدى

35-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، 2019-يىللىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ۋە مەملىكەت بويىچە مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە بايراملىق سالام يوللىدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىغا كەلدى، زالدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەر ئارىسىغا كېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، پات-پات پاراڭلاشتى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز مائارىپىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئوقۇتقۇچىلار ئۈلگە بولۇپ، قېتىرقىنىپ ئادەم تەربىيەلەپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك يېتىشكەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەشنى چۆرىدەپ، پارتىيە ئۈچۈن، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئوقۇتۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، ئوقۇتۇش بىلەن ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ قورساق بولۇشقا ھۆرمەت قىلىپ، قاتتىق كۆيۈنۈپ، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىپ، پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان «تۆتتە ياخشى» ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.

يىغىندا 718 «مەملىكەتلىك ئۈلگىلىك ئوقۇتقۇچى»، 79 «مەملىكەتلىك مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار خىزمەتچى»، 597 مەملىكەتلىك مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ» ۋە 1432 «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى»، 158«مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىسى» تەقدىرلەندى، 1355 تۈرگە «دۆلەت دەرىجىلىك ئوقۇتۇش نەتىجىسى مۇكاپاتى» بېرىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىقلار يەنە 10 «مەملىكەتلىك ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەش ئۈلگىسى»نى سايلاپ چىققان.

مەملىكەتلىك ئۈلگىلىك ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىلى، خېبېي ئۆلكىسى شىنجى شەھىرى چىڭخېۋەن مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاڭ مېڭۋېي، مەملىكەتلىك ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەش ئۈلگىسى ۋەكىلى، گۇاڭشى بېيخەي شەھىرى ۋىيجۇداۋ يەسلىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى فەن خۇيلى، مەملىكەتلىك مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋەكىلى، سۇجۇ قۇرۇلۇش قاتناش ئالىي كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى خاۋ يۈنلياڭ، دۆلەت دەرىجىلىك ئوقۇتۇش نەتىجىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىلى، سىچۈەن داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى شيې خېپىڭلار يىغىندا سۆز قىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有