\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەزىمەتلەر! سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمىز

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-11 14:13

 

ئۆز مۇخبىرىمىز پولات ئاماننۇرىنىڭ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجوۋ شەھىرىدىن ئەۋەتكەن خەۋىرى:

9-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، خېنەن سانائەت داشۆسىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا مەيدانى قاينام تاشقىنلىققا چۆمۈلدى. 11-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ دائىملىق تۈرلىرىدىن بولغان ياغاچ پۇتچىلاپ يۈگۈرۈش، ياغاچ تاختاي ئاياغنى كىيىپ يۈگۈرۈش قاتارلىق تۈرلىرى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە داۋاملىشىۋاتاتتى.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋەكىللەر ئۆمىكى 11-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ياغاچ پۇتچىلاپ يۈگۈرۈش تۈرىگە بەش ماھىرنى قاتناشتۇرغانىدى. ياغاچ پۇتچىلاپ يۈگۈرۈش كوماندىسى بۇ يىل 1-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە سەككىز ئايغا يېقىن مەشىق قىلدى. بۇ ماھىرلار ئەسلىدە ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، مۇسابىقە ئېھتىياجى تۈپەيلى ياغاچ پۇتچىلاپ يۈگۈرۈشتە نۆل سەۋىيەدىن مەشىقنى باشلىدى. كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى، داۋلېتبەگ ئادىلبەگ 100 مېتىرغا ياغاچ پۇتچىلاپ يۈگۈرۈشتە ئالدىنقى 24 ماھىرنىڭ ئىچىگە كىرگەنىدى.

 

 

ئارزىگۈل سەمەت بىلەن زۇبەيدە تۇرسۇن تۇمشۇق شەھىرىدىن بولۇپ، ئىككىيلەنمۇ ياغاچ پۇتچىلاپ 100 مېتىرغا، 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش ھەمدە كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئىككىيلەن مەملىكەتلىك 11-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقىنىدىن تولىمۇ خۇشال ئىدى.

ياغاچ پۇتچىلاپ يۈگۈرۈش خۇنەن، خۇبېي، گۈيجوۋ، يۈننەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردا ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە تۈر. ئادەتتىكى يۈگۈرۈشكە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ياغاچقا پۇتنى كىرگۈزىدىغان جاي ھازىرلىنىپ، ياغاچ ئۈستىدە يۈگۈرەيدۇ. گەرچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە ئومۇملاشمىغان تەنھەرىكەت تۈرى بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنىلا مۇسابىقىگە پۇختا تەييارلىق قىلماقتا. بىز ئۇلارغا يەنىلا ئۇتۇق تىلەيمىز!

سۈرەت سۆزى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋەكىللەر ئۆمىكى ياغاچ پۇتچىلاپ يۈگۈرۈش كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى خې لۇڭ

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有