\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ ئايال ئەزىمەتلەر ب د ت دا شياڭگاڭدىكى ھەقىقەتنى سۆزلەيدۇ

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-11 14:28

 

«چوڭ قولتۇق رايونى ئاۋازى» جامائەت نومۇرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، شىياڭگاڭنىڭ سودا ساھەسىدىكى ئىككى ئىقتىدارلىق ئايال – قىمار شاھى خې خوڭشېننىڭ قىزى خې چاۋچيوڭ بىلەن مېيشىن گۇرۇھىنىڭ بەرپاچىسى ۋۇ جەندېنىڭ چوڭ قىزى ۋۇ شۇچىڭ، شياڭگاڭ ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋە شياڭگاڭ ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مەمۇرى تەپتىش مەسىلىھەتچىسى سالاھىيىتى بىلەن، 9-ئاينىڭ 10-، 11-كۈنلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە، يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان «شياڭگاڭنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ۋەقەسى» توغرىلىق نۇتۇق سۆزلەيدۇ.

خې چاۋچيوڭ (سولدا) ۋە ۋۇ شۇچىڭ (ئوڭدا)

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئالدىنقى قېتىم «شياڭگاڭنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ۋەقەسى» توغرىلىق كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغىنى، كانادا تەۋەلىكىدىكى «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى» تەرەپدارى ناخشىچى خې يۈنشى ئىدى. 9-ئاينىڭ 10-كۈنى دەل ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى بولۇپ، بۇ قېتىمقى نۇتۇق خې يۈنشىدەك «خام خىيال قىلىدىغان» كىشىلەرگە بىر قېتىملىق دەرس بولىدۇ، شۇنداقلا سىرتقا ھەقىقىي ئەھۋاللارنى بىلدۈرىدۇ، كىچىك بىر توپ ئەسەبىي نامايىشچىلارنىڭ پىكرى ھەرگىزمۇ 7 مىليون 500 مىڭ شياڭگاڭلىققا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

كىچىك بىر توپ ئەسەبىي نامايىشچىلارنىڭ پىكرى ھەرگىزمۇ 7 مىليون 500 مىڭ شياڭگاڭلىققا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ

بۇ قېتىم ۋۇ شۇچىڭ بىلەن خې چاۋچيوڭ شياڭگاڭ ئاياللار بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 42-نۆۋەتلىك دائىمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، ھەمدە «شياڭگاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ. بۇندىن بۇرۇن، شياڭگاڭ ئاياللار بىرلەشمىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كېڭىشىنىڭ مەسلىھەتچىلىك ئورنىغا ئېرىشكەن.

9-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئىككىيلەننىڭ نۇتۇق ئورگىنالى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورگان تور بېتىگە يوللانغان. نۇتۇق ئورگىنالىدا مۇنداق يېزىلغان: «كىچىك بىر توپ ئەسەبىي نامايىشچىلارنىڭ پىكرى ھەرگىزمۇ 7 مىليون 500 مىڭ شياڭگاڭلىققا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنداق تەشكىللىك، غەرەزلىك ئېلىپ بېرىلغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە، شياڭگاڭ خەلقى ئەزەلدىن يول قويۇپ باقمىغان.»

ۋۇ شۇچىڭ بىلەن خې چاۋچيوڭ شياڭگاڭ ساقچىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدۇ

بۇنىڭدىن سىرت، بۇ ئىككىيلەن يەنە مۇنداق دەپ تەكىتلىگەن: «شياڭگاڭ قالايمىقانلاشقان»دىن بۇيان تا ھازىرغىچە، ئەسەبىي نامايىشچىلار «كىشىلىك ھوقۇق» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغىنى بىلەن، لېكىن ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى بۇزۇپ، زوراۋانلىق قىلىپ ساقچىلارغا، شەھەر ئاھالىلىرىگە جىسمانىي زەخمە يەتكۈزدى، ئۇلار ماھىيەت جەھەتتىن ئۆزلىرى بىلەن ئوخشىمىغان قاراشتىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزدى.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشىنىڭ ئەسلى مەقسىتى، «تەيۋەندىكى قاتىللىق دېلوسى»دا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۈچۈن ھەققانىيەتنى ياقلاش ئىدى. «چىقىش نۇقتىسى ئىنتايىن ياخشى» لېكىن نامايىشچىلار «تۇتقۇن قىلىش» شەكلى بىلەن شياڭگاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇزىغا زىيان يەتكۈزىۋاتىدۇ.

ۋۇ شۇچىڭ بىلەن خې چاۋچيوڭ چەتئەللەرنىڭ «شياڭگاڭ ساقچىلىرى قانۇننى زوراۋانلىق بىلەن ئىجرا قىلدى» دېگەن ئەيىبلەشلىرىگە رەددىيە بېرىپ، شياڭگاڭ ساقچىلىرىنىڭ نوپۇزىنى قوغدايدۇ.

نۇتۇق ئورگىنالىدا يەنە مۇنداق يېزىلغان: ھەر قانداق ئادەم مەسىلەن BBC، CNN، Bloomberg قاتارلىق خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىنى كۆرسە، ھەممىسىدە ساقچىلارنىڭ نامايىش مەيدانىنى تازىلاشتىن بۇرۇن ئوخشىمىغان بايراقلارنى كۆتۈرۈپ نامايىشچىلارغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، نامايىشچىلاردىن تارقىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى كۆرەلەيدۇ.

لېكىن ئۆتكەنكى ئىككى ئاي جەريانىدا، نامايىشچىلار شياڭگاڭنىڭ غول لىنىيە يوللىرى ۋە دېڭىز تونىلىدا يول توسۇقى قۇردى؛ يوللارغا بېنزىن چېچىپ ئوت قويدى، ساقچى مەھكىمىسى سىرتىدا ئەخلەت ۋە ياغاچ قاتارلىق نەرسىلەرنى كۆيدۈردى؛ «سۇ بىلەن باستۇرىۋېتىش» قاتارلىق شەكىللەر بىلەن شياڭگاڭ مېترو بېكەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، قاتناشنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. ھەتتا شياڭگاڭدىكى بىردىنبىر ئايرودۇرۇمنىمۇ بوش قويمىدى.

نامايىشچىلار ئاشكارا ھالدا ساقچىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي، ساقچىلارغا كېسەك، ئەينەك، مېتال بۇيۇملارنى ئاتتى، ھەتتا بېنزىن بومبىسى ئىشلەتتى، لازىر نۇرلۇق چىراقلارنى ساقچىلارنىڭ كۆزىگە ياقتى. پەقەت نامايىشچىلارنىڭ قىلمىشى بۇ خىل ئەھۋاللارغا يەتكەندىلا، ساقچىلار ئاندىن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە كاۋچۇك ئوق بىلەن نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇردى.

«ساقچىلارنىڭ مەسئۇل خىزمىتى دەل قانۇن ئىجرا قىلىپ، تەرتىپنى ساقلاش... يالغۇز شياڭگاڭدىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساقچىلارنىڭ ھەممىسىلا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە كاۋچۇك ئوقنى ئىشلىتىدۇ. ئەگەر ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن كاۋچۇك ئوقنى ئىشلىتىش تولۇق قانۇنىي تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلسا، ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق ئۈنۈملۈك ئايرىلىدۇ، يېقىن ئارىلىقتا توقۇنۇش يۈز بېرىپ زەخمىلىنىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ».

«كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە كەمسىتىش ھالىتىدە بولۇۋېلىپ، قوش ئۆلچەم قوللانسا، بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.» ئاخىرىدا ئىككىيلەن يەنە مۇنداق دەپ تەكىتلىگەن: «مانا بۇ شياڭگاڭدىكى ھەقىقىي ئەھۋاللار توغرىسىدىكى بايانات.»

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有