\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چېلىشىش مەيدانىدىكى بىر قىسىم سۈرەتلەرگە ھەجۋىي چاقچاق

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:白合提尔·艾拉提|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-11 16:40

ئۆز مۇخبىرىمىز پولات ئاماننۇرىنىڭ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجۇۋ شەھىرىدىن ئەۋەتكەن خەۋىرى:

تورداشلارنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن جېڭجۇۋ داشۆسىنىڭ تەنتەربىيە سارىيىدا تارتقان 12 پارچە سۈرىتىمگە ئازراق ھەجۋىي چاقچاق يېزىپ قويدۇم، ھەممىڭلارنىڭ ھەر كۈنىنىڭ خۇشال-خۇرام ئۆتۈشىگە تىلەكداشمەن!

«ئەجەب چۈپەيكەنسىز تىرېنېر، مانداق بىر شياۋ شىپىڭ تارتىپ قويسىڭىز نېم بولا؟» دەپ قالمىسۇن، تارتىپ قوياييا بىرنى!

مانا، مۇشۇ ئەپتىمدىنغۇ قورقۇپ بولسىمۇ تەن بېرە؟ يامان باش ماۋۇ!

«قارا، ئۇيغۇرچە رادىيو ئۈندىدار سۇپىسىدا بېرىلگەن خەۋەرنىڭ چېكىلىش قېتىم سانى 20 مىڭدىن ئېشىپتۇ، چېمپىيون بولساڭ، 30 مىڭدىن ئېشىشى مۇمكىن» دېگۈدەك تىرېنېر قەھرىمان داۋۇت شاگىرتى تۇرسۇنمۇھەممەد توختىمۇھەممەدكە!

«دىققەت ھە، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى تۈگىدى، خالىغىنىمىزچە ئولتۇرۇۋەرسەك بولىدۇ، دەپ قالماڭلار! ھە دىققەت ھوي!»

«ھاي، بېكخاممۇ بۇ؟ ئاۋۇ تۇرۇشىنى، ھازىرلا ئىختىيارىي توپ تېپىدىغاندەك!»

«تازا بىر يىقىتاي دېسەم، قېنى ماۋۇ ئاداش! ھە، ۋاز كېچىپتۇدە»

«يەنە بىر پۇرسەت بېرىڭ، رېپېر؟»

«قايت!»

«يەنە بىر...»

«قايت دېدىم قايت»

«بوپتۇلا، ئادەتتىغۇ سەن ئۇۋىلايتتىڭ، مۇسابىقە ئەمەسما، مەن ئۇۋىلاپ قوياي، كېلە!»

«ئاداش، بىزنى تارتىۋاتىدۇ؟»

«قارىماي ئولتۇرۇۋېرە، بۇلارنىڭ ئىشى شۇ تارتىش»

«كۈلۈۋېتەي دەپ قالدىم، كۈلۈۋېرەييا بولدى، مانا!»

«مېنىڭ ۋەزىپەم مەيدان خاتىرىلەش، لېكىن تېلېفون ئوينىمىسام غەزەپ زېرىكىمەن دەڭلا، سەت بولدى جۇمۇ!»

«بۇ، چاۋشيەنزۇچە چېلىشىش تۈرى <شىرىمۇ>، قېنى بۇنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىم دەپ قالماڭلار!»

«دەرس تەكرارلاۋاتامدىكى دەپ قالماڭلار، دەپمۇ قويماي ۋاز كەچكەنلەرنى ئىزدەۋاتىمىز جۇمۇ!

中央广播电视总台 央广网 版权所有