\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگودا بىر مىنۇتتا مۇنداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-08 13:41

مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، «بىز داغدام يولدا مېڭىۋاتىمىز» ماۋزۇلۇق 24 قىسىملىق چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك مەخسۇس فىلىمنى تەييارلىدى.

23 - قىسىم

«شانلىق يېڭى دەۋر»

بۇنىڭدىن 70 يىل بۇرۇنقى جۇڭگولۇقلار بۈگۈنكى جۇڭگودا بىر مىنۇتتا قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى چوقۇم تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقى مۇمكىن.

بىر مىنۇتتا، «گۈللىنىش» ناملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز 5833 مېتىر ئىلگىرىلەيدۇ؛ كىشىلەرنىڭ يانفوندا قىلىدىغان چىقىمنىڭ سوممىسى 400 مىليون يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ؛ GDP يېڭىدىن 157 مىليون يۈەن كۆپىيىدۇ؛ 475 مېتىرلىق ئۇزۇنلۇقتىكى يېزا تاشيولى يېڭىدىن ئۆزگەرتىلىپ ياسىلىدۇ؛ 30 مىليون يۈەنلىكچە تاۋار دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىرىلىدۇ. يېڭى دەۋرنىڭ ھەر بىر مىنۇتىدا ئەنە شۇنداق مۆجىزىلەر بارلىققا كېلىپ تۇرىدۇ.

بۈگۈنكى جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىقتىسادىي گەۋدە. جۇڭگونىڭ پولات - تۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى، كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى، توك چىقىرىش مىقدارى، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ قاتنىشى ۋە قاتناش مۇساپىسى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتناش باشلاش مۇساپىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ، زور قۇرۇلۇشلاردىكى نەتىجىلەرنىڭ خەۋەرلىرى كەڭ تارقىلىپ تۇرىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو ياسىمىچىلىقى، جۇڭگو ئىجادىيىتى، جۇڭگو قۇرۇلۇشى بىرلىكتە تەك كۈچەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ شانلىق مەنزىرىسىنى نامايان قىلماقتا.

ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى خەلق يارىتىدۇ، شۇنداقلا ئۇلاردىن خەلق ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ.

جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىكى مۆجىزىلەر بۇ مۇقەددەس زېمىندىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە، شۇنداقلا مىليونلىغان خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىغا يېزىلغان.

ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان دېڭىز قىرغاقلىرىدا نەچچە مىليون تور ساندۇق لەيلەپ يۈرىدۇ. بۇ، جۇڭگونىڭ «دېڭىز مەھسۇلاتلىرى دېھقانچىلىق مەيدانى». جۇڭگو دۇنيادىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ، دۇنيادىكى 65 مىليون توننا سۇ مەھسۇلاتى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %45ىنى جۇڭگو ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 50 مىليون توننا سۇ مەھسۇلاتى دەل ئاشۇ سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق مەيدانىدىن كېلىدۇ.

تاللا بازارلىرىدا ساقلىنىۋاتقان دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان نەرسىلەر دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ پىڭخۇ شەھىرىدە سانسىزلىغان «پارقىراق ئۆي»يەرنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ، كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ بولغان كۆكتات پارنىكلىرىدۇر. يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېخنىكىلارنىڭ ياردىمى بولغاچقا، جۇڭگولۇقلار كۆكتاتلاردىن پايدىلىنىشتا پەسىلنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، كۆكتاتلارنىڭ خىللىرى كۆزنىڭ يېغىنى يەيدۇ.

«نىڭشياڭ چوشقىسى مېنىڭ ئەركەمدۇر» دېگەن ناخشا تېكىستىنىڭ ئاسان ئەستە تۇتۇۋېلىشقا بولىدىغانلىقى، مۇزىكىسىنىڭ يېقىملىقلىقى بىلەن خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ نىڭشياڭ شەھىرىدىكى ليۇشياخې بازىرى ساۋچۇڭ كەنتىدىن چىقىدىغان چوشقىنىڭ داڭقىنى بىراقلا چىقىرىۋەتتى. بۈيۈك مەلۇماتنىڭ ياردىمىدىكى بېقىش سۇپىسىدا ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودىدا نىڭشياڭ چوشقا گۆشى پۈتۈن مەملىكەتتە بازار تاپتى.

جياڭسۇ ئۆلكىسىدە، ياڭچېڭخۇ چوڭ قىسقۇچ پاقىسىمۇ تورغا تايىنىپ بازار تاپتى.

ھازىر كىشىلەر توردىن ھەرقانداق نەرسىنى دېگۈدەك سېتىۋالالايدۇ، جۇڭگونىڭ توردىكى پارچە سېتىش سودا سوممىسى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 89 ياشقا كىرىپ قالغان، جۇڭگونىڭ شالغۇت شال ئاتىسى يۈەن لۇڭپىڭ «شورتاڭ شال» تەتقىقاتىغا كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، ئۇ ھازىر «جۇڭگونى كىم باقىدۇ» دېگەن مەسىلىگە جاۋاب بېرىپلا قالماي، يەنە «جۇڭگونىڭ ئاشلىق تېرىقچىلىق تېخنىكىسى يەنە قەيەرلەرگە نەپ يەتكۈزىدۇ؟» دېگەن سوئالغىمۇ جاۋاب بېرىۋاتىدۇ.

يۈەن لۇڭپىڭ: بۇ شورتاڭ شال ناۋادا 100 مىليون موغا كېڭەيتىلسە، يىلىغا 30 مىليارد توننا مەھسۇلات ئېشىپ، يەنە 80 مىليون نوپۇسنى باقالايدۇ. 

ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىشى، تېخنىكىنىڭ ئۈزۈكسىز ئالغا بېسىشى كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى پۇختا ماددىي ئاساس بىلەن تەمىنلەپ، «لەززەتلىك جۇڭگو تائاملىرى»نى سەھنىگە چىقاردى. بۈگۈنكى جۇڭگو ئاشلىق مەسىلىسىنى ئۆزى ئوبدان ھەل قىلىپ، گۈرۈچ خالتىلىرىنى گۈرۈچلەرگە تولدۇرۇپ، كۆكتاتلارنى مول قىلىۋەتتى. كۆكتات ، مېۋە - چىۋە، گۆش، تۇخۇم، سۇ مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە جۇڭگونىڭ مەھسۇلات مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

FAST دېگەن بۇ سۆز دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يەككە دىيامېتىرلىق شار يۈزلۈك رادىيو تېلېسكوپىنىڭ ئىنگلىزچىدىكى قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى، بۇ تېلېسكوپنىڭ دىيامېتىرى 500 مېتىرغا يېتىدۇ، ئۇنى جۇڭگو ئۆز ئالدىغا لايىھەلەپ ياسىغان بولۇپ، «جۇڭگونىڭ مۇئەللەقتىكى كۆزى» يەنى تيەنيەن دەپ ئاتالغان. 

بۇ تۈرنىڭ باشلامچىسى ۋە ئاساس سالغۇچىسى نەن رېندۇڭ «تيەنيەن تېلېسكوپى ئاتىسى» دەپ ئاتالغان. نەن رېندۇڭ 1994 - يىلى چەت ئەلدىكى يۇقىرى مائاشتىن ۋاز كېچىپ ۋەتەنگە قايتىشنى تاللاپ، جۇڭگونىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان دەرىجىدىن تاشقىرى تېلېسكوپىنى ياساپ چىقتى. ئورۇن تاللاش، دەلىللەشتىن لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىشقىچە ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى 20 نەچچە يىللىق ھاياتىنى سەرپ قىلدى.

بۈگۈنكى جۇڭگو جۇڭگونىڭلا جۇڭگوسى ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ جۇڭگوسىدۇر. جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان ئوتتۇرىچە تۆھپە نىسبىتى %30كە يېتىدۇ.

مەيلى دۆلەت ئىچىدىكى تۇرمۇشتا بولسۇن، ياكى چەت ئەللەردىكى تىرىشىش جەريانلىرىدا بولسۇن، ھەر بىر جۇڭگولۇق ۋەتەندىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلالايدۇ.

ئارزۇ قەلبىمىزدە لاۋۇلدايدۇ. كەلگۈسى قولىمىزدا كۆككە پەرۋاز قىلىدۇ.

يىللار تۇرمايدۇ بىر ئىزدا توختاپ،  ۋاقىت ئۆتىدۇ تىنماي يورغىلاپ. جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىي كۈچى مىليونلىغان جۇڭگو مۆجىزىلىرىنى توپلىماقتا.

جۇڭگو خەلقى بىرلىكتە ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شانلىق يېڭى دەۋرنى ياراتماقتا!

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有