\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ئىككى يۈزلىمىچى»نىڭ قىلمىشىغا ئىنكاس قايتۇرۇلدى!

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-08 13:42

خيۇستون راكېتا كۇلۇبىنىڭ باش دىرېكتورى مورېينىڭ شياڭگاڭغا چېتىشلىق نامۇۋاپىق سۆزلەرنى ئېلان قىلغانلىقىغا قارىتا، 10-ئاينىڭ 6- كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خيۇستوندا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ باياناتچىسى سۆز قىلدى. جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەنتەربىيە قانىلى، پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى كىرېدىت كارتىسى مەركىزى، لى نىڭ ماركىسى، تېڭشۈن تەنتەربىيەسى قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن ئورگان تەرەپ باياناتى ئېلان قىلىپ، راكېتا كوماندىسى بىلەن ئالاقىدار ھەمكارلىقنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى ياكى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىدى.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خيۇستوندا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ باياناتچىسى راكېتا كوماندىسىنىڭ باش دىرېكتورىنىڭ خاتا ھالدا شياڭگاڭغا چېتىشلىق قىلغان سۆزلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: 

بىز راكېتا كوماندىسىنىڭ باش دىرېكتورى مورېينىڭ يېقىندا خاتا ھالدا شياڭگاڭغا چېتىشلىق سۆزلەرنى ئېلان قىلغانلىقىدىن قاتتىق چۆچىدۇق ۋە قاتتىق نارازى بولدۇق، راكېتا كوماندىسىغا قارىتا كەسكىن قارشى تۇرۇش پوزىتسىيەرىمىزنى بىلدۈرۈپ، بۇ كوماندىنىڭ ئېنىق چۈشەنچە بېرىشىنى، خاتالىقنى دەرھال تۈزىتىشىنى ھەمدە ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، ناچار تەسىرنى تۈگىتىشىنى تەلەپ قىلدۇق.  

نۆۋەتتە، زوراۋانلىقنى توختىتىپ، قالايمىقانچىلىقنى تىزگىنلەش، تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش شياڭگاڭ جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھەنىڭ ئەڭ كەڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ئەڭ كۈچلۈك مۇراجىئىتى بولۇپ قالدى، ھەر قانداق ۋىجدانلىق ئادەم شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللىشى كېرەك.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خيۇستوندا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ تور بېكىتىدىن كېسىلگەن سۈرەت

جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى ئورگان مىكرو بىلوگىدا مۇنداق بايانات ئېلان قىلىندى: 

خيۇستون راكېتا كۇلۇبىنىڭ باش دىرېكتورى مورېي شياڭگاڭغا چېتىشلىق نامۇۋاپىق سۆزلەرنى ئاشكارا ئېلان قىلدى. جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى بۇنىڭغا كۈچلۈك قارشى تۇرىدۇ ھەمدە بۇ كۇلۇب بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ.  

 جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئورگان مىكرو بىلوگىنىڭ كەسمە سۈرىتى

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەنتەربىيە قانىلى مۇنداق بايانات ئېلان قىلدى: 

ئامېرىكا NBA خيۇستون راكېتا كۇلۇبىنىڭ باش دىرېكتورى مورېي شياڭگاڭغا چېتىشلىق نامۇۋاپىق سۆزلەرنى تارقاتتى، بىز بۇنىڭغا كۈچلۈك قارشى تۇرىمىز ھەمدە بۈگۈندىن باشلاپ بۇ كۇلۇبنىڭ مۇسابىقە ئەھۋالىنى ئۇلاپ كۆرسىتىش قاتارلىق ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلدۇق.  

 مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەنتەربىيە قانىلى ئورگان مىكرو بىلوگىنىڭ كەسمە سۈرىتى

پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسىنىڭ كىرېدىت كارتىسى مەركىزىنىڭ باياناتى تۆۋەندىكىچە: 

خيۇستون راكېتا كوماندىسىنىڭ باش دىرېكتورى مورېينىڭ شەخسىي ئالاقە سۇپىسىدا ئېلان قىلغان خاتا سۆزلىرىگە، پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسىنىڭ كىرېدىت كارتىسى مەركىزى كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى ۋە قارشى تۇردى!  ۋەتىنىمىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ھەممىدىن ئۈستۈن، ۋەتەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا جەڭ ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ! 

پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى كىرېدىت كارتىسى مەركىزى ئالاقىدار بازار پائالىيىتى ۋە تەشۋىقاتنى ۋاقتىنچە توختاتتى ھەمدە خيۇستون راكېتا ئەترىتىنى بۇ ئىشنى تولۇق تەكشۈرۈشكە ھەمدە مۇۋاپىق جاۋاب قايتۇرۇشقا داۋاملىق دەۋەت قىلدى.  

ئالاھىدە بايانات ئېلان قىلىندى.

 پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى كىرېدىت كارتىسى مەركىزى ئېلان قىلغان باياناتنىڭ كەسمە سۈرىتى

لى نىڭ ماركىسى ئېلان قىلغان بايانات:

خيۇستون راكېتا كوماندىسىنىڭ باش دىرېكتورى مورېينىڭ شەخسىي ئالاقە سۇپىسىدا ئېلان قىلغان خاتا سۆزىگە قارىتا، بىز چەكسىز نەپرەتلىنىمىز ۋە ئۇنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز!  لى نىڭ شىركىتى دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە ئۇنى توسىدۇ. بىز خيۇستون راكېتا كوماندىسى بىلەن بولغان ئالاقىدار ھەمكارلىقنى توختىتىپ بولدۇق ھەمدە راكېتا ئەترىتىنى بۇ ئىشقا قارىتا ئېنىق جاۋاب بېرىشكە دەۋەت قىلدۇق. 

 لى نىڭ ئورگان مىكرو بىلوگىنىڭ باياناتىدىن كېسىلگەن سۈرەت

تېڭشۈن تەنتەربىيەسى ئالاقىدار بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى:

تېڭشۈن تەنتەربىيەسى راكېتا كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ۋە خەۋەر قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ. 10-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ، راكېتا كوماندىسىنى تاللىغان توپ مەستانىلىرى ئارقا-ئارقىدىن مۇنداق ئەسكەرتىش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالدى: ئەگەر قوللايدىغان ئاساسلىق كوماندىنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز، بىز سىزگە تەڭشەپ بېرىمىز.  

 تېڭشۈن تەنتەربىيەسىنىڭ باياناتىدىن كېسىلگەن سۈرەت

خۇپۇ ۋاسكېتبولى مۇنداق دەپ قارىدى: 

راكېتا كوماندىسىنىڭ باش دىرېكتورى مورېينىڭ قىلمىشىغا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرۈش ۋە ئەيىبلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ھەر قانداق خەۋىرىنى ئېلان قىلىشنى توختىتىش ھەمدە ئىلگىرىكى مۇناسىۋەتلىك بارلىق خەۋەرلەرنى ئۆچۈرۈش كېرەك.  

ۋەقە يۈز بەرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە، مەيلى راكېتا كوماندىسىنىڭ باش دىرېكتورى مورېي بولسۇن ياكى كوماندا تەرەپ بولسۇن، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقە توغرىسىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلمىغانلىقىغا، خۇپۇ ۋە بارلىق ۋەتەنپەرۋەر JRs لەر ئوخشاشلا چىداپ تۇرالمايدۇ، شۇڭا بۇ قېتىمقى ۋەقە مۇۋاپىق ھەل قىلىنىشتىن بۇرۇن، بىز راكېتا كوماندىسىنىڭ يازما بىۋاسىتە تارقىتىلىشى ۋە ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى خەۋەر قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىمىز، ھەمدە راكېتا مەخسۇس رايونىنى قۇلۇپلايمىز. 

 خۇپۇ ۋاسكېتبولى ئورگان مىكرو بىلوگىدىن كېسىلگەن سۈرەت

 توپ دېگەن يەنىلا توپ،

دۆلەتنى چوقۇم چىن دىلدىن سۆيۈش شەرت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有