\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نۇرغۇن دۆلەتلەر «يۈزىنى ئېتىۋېلىشنى مەنئى قىلىش قانۇنى»نى تۈزگەن

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 09:08

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «يۈزىنى ئېتىۋېلىشنى مەنئى قىلىش قائىدىسى»، 10-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 25 مىڭ شياڭگاڭ پۇلى جەرىمانە قويۇلىدۇ ۋە بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا، رۇسىيە، كانادا، فىرانسىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئىلگىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قانۇن، بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلىپ، نامايىشچىلار ئارىسىدا ئۆز سالاھىيىتىنى يوشۇرۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خالىغانچە بۇزغۇنچىلىق قىلغان ھەمدە جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتىدىن قېچىش مەقسىتىدە بولغان زوراۋانچى نامايىشچىلارنى جازالىغان.

ئامېرىكىدا ئاز بولغاندىمۇ 15 ئىشتات «يۈزىنى ئېتىۋېلىشنى مەنئى قىلىش قانۇنى»نى تۈزۈپ چىققان

ئامېرىكىدا ئاز بولغاندىمۇ 15 ئىشتات يۈزىنى ئېتىۋېلىشنى مەنئى قىلىشقا ئالاقىدار قانۇنلارنى تۈزۈپ چىققان. بۇنىڭ ئىچىدە، نىيۇيورك ئىشتاتىنىڭ نامايىشچىلارنىڭ يۈزىنى ئېتىۋېلىشىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى ئەڭ بۇرۇن 1845-يىلى يولغا قويۇلغان، ھەمدە 1965-يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن. مەزكۇر قانۇندا ھەر قانداق ئادەمنىڭ يۈزىنى ئېتىۋېلىپ ياكى ھەرقانداق باشقا ئۇسۇل ياكى تەبىئىي بولمىغان كىيىم-كېچەك، قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ساختا قىياپەت بىلەن باشقىلار بىلەن ئاممىۋى سورۇنلاردا لاغايلاپ يۈرۈشى، تۇرۇشى، يىغىلىشى مەنئى قىلىنغان، باشقىلارنىڭ ساختا قىياپەتتە ياسىنىپ ئاممىۋى سورۇنلارغا بېرىشىغا يول قويۇش، ياردەم بېرىش قاتارلىقلارمۇ مەزكۇر قانۇنغا خىلاپ ھېسابلانغان.

رۇسىيەدە ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشقا قاتناشقانلار يۈزىنى ئېتىۋالسا دەرھال قولغا ئېلىنىدۇ

2012-يىلى 6-ئايدا، رۇسىيە «يىغىن، يىغىلىش، كۈچ كۆرسىتىش،  نامايىش ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈش قانۇنى»نىڭ تۈزىتىلگەن لايىھەسىنى ئېلان قىلغان. تۈزىتىلگەن لايىھەدە، ئېتىراز بىلدۈرۈش يىغىلىشقا قاتناشقانلار يۈزىنى ئېتىۋالسا، ساقچىلار دەرھال قولغا ئالىدىغانلىقى ۋە تەكشۈرىدىغانلىقى، ئەگەر قولغا ئېلىنىپ تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن قانۇنغا خىلاپ پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانمىغانلىقى ئېنىقلانسا، جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن دەپ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى، لېكىن يىغىلىش، نامايىش پائالىيىتىنى ئىلتىماس قىلىپ تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ تەشكىللەش خىزمىتى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن جەرىمانىگە ئۇچراش ئېھتىماللىقى بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

كانادادا توپىلاڭ جەريانىدا ھەر قانداق ئادەمنىڭ يۈزىنى ئېتىۋېلىشى مەنئى قىلىنغان

2013-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى، كانادا «توپىلاڭ ۋە قانۇنسىز يىغىلىشلاردا سالاھىيىتىنى يوشۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى ماقۇللاپ، ھەر قانداق ئادەمنىڭ توپىلاڭ ياكى قانۇنسىز يىغىلىش جەريانىدا ماسكا تاقىۋېلىشى ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن يۈزىنى ئېتىۋېلىپ سالاھىيىتىنى يوشۇرۇشىنى جىنايى قىلمىش ھېسابلايدىغانلىقىنى، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.

فىرانسىيەدە نامايىشچىلار يۈزىنى ئېتىۋالسا قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ

2019-يىلى 4-ئايدا، فىرانسىيە «زوراۋانلىق نامايىشلىرىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نى ئېلان قىلغان. مەزكۇر قانۇندا نامايىشتا «يۈز قىسمىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسىمىنى قەستەن توسۇۋېلىپ، ئاممىۋى تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلغاندىن كېيىن تونۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلغان» قىلمىشلارغا قارىتا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بىر يىللىق قاماق جازاسى ۋە 15 مىڭ ياۋرو جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدىن سىرت، نامايىشتا ياغلىق، قالپاق ۋە سۇ ئاستى ئەينىكى تاقىغانلار ئەگەر «ئورۇنلۇق سەۋەب» بىلەن تەمىنلىيەلمىسە، قولغا ئېلىنىش ۋە ئەيىبلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى بەلگىلەنگەن.

ئاۋسترالىيە ۋىكتورىيە ئىشتاتى: يۈزىنى ئېتىۋېلىپ زوراۋانلىق قىلغانلارغا 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدۇ

2017-يىلى 9-ئايدا، ئاۋسترالىيە ۋىكتورىيە ئىشتاتى «2017-يىللىق جىنايەتلەرگە قارىتا قانۇن تۇرغۇزۇش تۈزىتىلمە لايىھەسى (ئاممىۋى تەرتىپ) قانۇنى»نى ماقۇللىغان. مەزكۇر قانۇندا، ئەگەر يۈزىنى ئېتىۋالغاندا ئالتە ئادەم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى توپلىشىپ پائالىيەتكە قاتنىشىپ، كوللېكتىپ ھالدا زوراۋانلىق ئىشلىتىپ باشقىلارنىڭ زەخىملىنىشى ۋە مال-مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقى، بېرىلىدىغان جازانىڭ يۈزىنى ئېتىۋالمىغانلارغا بېرىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى مۇددەتلىك جازادىنمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكى ئېنىق بەلگىلەنگەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有