\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«جۇڭگو ئايروپىلان باشلىقى» ناملىق كىنودىكى ئەسلى ۋەقەلىك بۇ يەردە

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 18:38

دۆلەت بايرىمىدا «جۇڭگو ئايروپىلان باشلىقى» ناملىق كىنو كىنوخانىدا تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئەسلى ۋەقەلىكتىكى رېئال شەخسلەر ۋە پېرسوناژلار

بۇ فىلىم قويۇش جەريانىدا بېلەت كىرىمى جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى، تاماشىبىنلار كىنوخانىدا ئىختىيارسىز يىغلاپ كەتتى، بىر قىسىم ئاۋىياتسىيە خىزمەتچىلىرى بۇ كىنودا خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى ئەكس ئېتىپتۇ دېيىشتى. ئاۋىياتسىيە خىزمەتچىسى: ساياھەت ئۆمىكىدىكىلەر، ئەتراپتا خۇشال ئويناۋاتقان بالىلار، ئايروپىلان كۈتۈش زالىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋازلار، ئايروپىلان باشلىقىنىڭ ئۇچۇشتىن ئاۋۋالقى بىر قاتار تەييارلىقلىرى، بۆلمە باشلىقىنىڭ توختىماي ئىمزا قويۇپ خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئايروخانقىزلارنىڭ تاماق ۋە چاي توشۇغۇچىلار بولماستىن ئوينايدىغان رولى قاتارلىقلار ئىنتايىن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۈپتۇ.

بۇ كىنونى كۆرمىگەن تورداشلار ئاۋۋال تۆۋەندىكى قىسقا فىلىمنى كۆرۈپ بېقىڭ

 

كىنودا خەتەرلىك كۆرۈنۈشلەر كەينى-كەينىدىن چىقتى، بىز تاماشىبىن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پەقەت ھەيران قالغان ھالەتتە ئولتۇردۇق ھەم كۆز يېشى قىلدۇق. لېكىن ھەممىمىزگە ئايان بۇ سىچۈەن 3U8633 نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئۇچرىغان ھەقىقىي ۋەقە.

 ئەمەلىيەتتە بىز «قەھرىمان ئايروپىلان گۇرۇپپىسى» دەپ نام بەرگەن بۇ كىنونىڭ ئەسلى ۋەقەلىكىدىكى رېئال شەخسلەر كىنودىكى كۆرۈنۈشلەردىنمۇ خەتەرلىك ئەھۋالغا يولۇققان.

2018-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەردە، سىچۈەن ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ 3U8633 نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ خادىملىرى ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئۇچۇش ئالدىدىكى تەييارلىقنى تەرتىپلىك تاماملاپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈپ، تاماق ساناش بىلەن ئالدىراش بولدى. 

ئايروپىلاندا توققۇز ئايروپىلان خادىمى ۋە 119 يولۇچى بار بولۇپ، كۆپچىلىك ئازادە كەيپىياتتا بۇ قېتىملىق سەپىرىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

چۇڭچىڭدىن لاساغا ئۇچىدىغان بۇ ھاۋا يولىدا ئايروپىلان باشلىقى ليۇ چۈەنجيەن نەچچە يۈز قېتىم ئۇچتى، ئۇ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بۇ ھاۋا يولىنى بەش قولدەك بىلەتتى.

ئايروخانقىز: ھەرقايسى ئايروپىلان خادىملىرى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈڭلار، ئايروپىلان ھازىر ئۇچۇش ئالدىدا، يولۇچىلار بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋېلىڭلار!

بۆلمە باشلىقى بى نەن ئىلگىرىكىدەك ئايروپىلان خادىمى ۋە يولۇچىلارغا ئۇچۇشتىن بۇرۇنقى تەييارلىقنى ئەسكەرتتى، ئارقىدىن ئايروپىلان ئوڭۇشلۇق ئۇچتى.

سائەت يەتتىلەر ئەتراپىدا، ئايروپىلان چارلاش ھالىتىگە كىردى، بۇ چاغدا كۆپ قىسىم يولۇچى شېرىن ئۇيقۇغا كەتكەن، يولۇچىلار بۈلۈمچىسى تىمتاسلىققا چۆمگەن ئىدى. ھېچكىم خەتەرنىڭ يېتىپ كېلىشىنى بىلمەيتتى، تۇيۇقسىز «گۇم» قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى! ھەيدەش بۆلۈمچىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئالدى شامال توشۇش ئەينىكىدە يېرىق پەيدا بولدى.

ئايروپىلان باشلىقى ليۇ چۈەنجيەن ھەيران قالدى ھەمدە ئىنكاسىمۇ تېز بولدى، ئۇ دەرھال ئەينەك يېرىلغان جاينى سىلاپ ئەينەكنىڭ ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلدى. ئۇ كەسپىي سەزگۈرلۈكىگە تايىنىپ، ئايروپىلاننىڭ تاقابىل تۇرۇش كۈچىنىڭ بۇزۇلغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى ۋە دەرھال قايتىش كېرەك، دەپ قارىدى. سائەت يەتتىدىن سەككىز مىنۇت ئۆتكەندە، ليۇ چۈەنجيەن باشقۇرۇش سۇپىسىغا ئەھۋالنى دوكلات قىلدى، يەر يۈزىدىكى باشقۇرۇش سۇپىسى شۇ چاغدىكى سۆھبەتنى خاتىرىلىدى.

-چىڭدۇ، چىڭدۇ سىچۈەن 8633 سۆزلەڭ 

-مەن ھازىر كاشىلىغا ئۇچرىدىم، تۆۋەنلەشنى ئىلتىماس قىلىمەن، ھازىر قايتمىسام بولمايدۇ، ئالدى شامال توسۇش ئەينىكى يېرىلىپ كەتتى. 

-ئالدى ئەينەك يېرىلىپ كەتتى شۇنداقمۇ؟

-شۇنداق، توغرا 

-8633 چۇڭچىڭغا قايتامسىز؟

-چېڭدۇغا قايتىمەن

-سىچۈەن 8633 ئالدى بىلەن 8400دىكى ئورۇننى ساقلاپ ئۇچۇڭ

نازارەتچى بۇيرۇق چۈشۈرۈشى بىلەن بىر پەس ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋازغا ئەگىشىپ، سىچۈەن ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ 3U8633 نۆۋەتچى ئايروپىلانى بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى.

غايەت زور سۇنغان ئاۋاز بىلەن ياردەمچى ئۇچقۇچىنىڭ ئالدىدىكى شامال توسۇش ئەينىكى پۈتۈنلەي يېرىلىپ كەتتى. كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە كۈچلۈك شامال پىرىبورلار سۇپىسىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى، ھەيدەش بۆلمىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 40 نەچچە گىرادۇسقا چۈشۈپ، كابىنكىنىڭ بېسىمى تۆۋەنلەپ، ئوكسىگېن يېتىشمەي قالدى. دەل مۇشۇ پەيتتە، ئايروپىلان كەڭرى كەتكەن چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ تاغ باغرىلىرىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈۋاتقان بولۇپ، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتسە ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. 

ئايروپىلان باشلىقى ليۇ چۈەنجيەن كۈچلۈك بوراندا كۆزىنى تەستە ئىچىپ ياردەمچى شوپۇر شۈ رۈيچېننىڭ يېرىم بەدىنىنىڭ كۈچلۈك ھاۋا بېسىمى تەسىرىدە ئايروپىلان بۆلمىسىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، تەبىئىي ھالدا قولىنى سوزۇپ ئۇنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى، ئەمما غايەت زور بوران ليۇ چۈەنجيەننى ئورۇندۇققا مەھكەم بېسىپ، مىدىرلىيالماي قالدى.

ليۇ چۈەنجيەن مۇنداق دەيدۇ: شۇ چاغدا بۈگۈن چۈشۈپ كېتىدىغان بوپتۇق دەپلا ئويلىغان ئىدىم.

ئۆلۈم ۋەھىمىسى پۈتكۈل ئايروپىلان بۆلمىسىنى قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، گەرچە يولۇچىلار كونكرېت نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمىسىمۇ، ئايروپىلاننىڭ غايەت زور سىلكىنىشى، تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىشى، يۇقىرىدىن تۇيۇقسىز چۈشكەن ئوكسىگېن ماسكىسى يولۇچىلارغا بۇنى كۈچلۈك ھېس قىلدۇرغان ئىدى. بالا يىغلاشقا باشلىدى، ئوكسىگېن كەمچىل يولۇچىلار ياندۇرۇشقا باشلىدى، كابىنكا بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان بۆلمە باشلىقى بىنەن توختىماي رادىيو ئارقىلىق، يولۇچىلارغا ئوكسىگېن سۈمۈرگۈچنى تارتىۋېلىشنى ئەسكەرتتى. 

ئايروپىلان خادىملىرى قالايمىقانچىلىقتا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، يولۇچىلارغا توختىماي تەسەللىي بەردى ھەمدە ھەرۋاقىت يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك تاسمىسى ۋە ئوكسىگېن ماسكىسىنى توغرا تاقىغان-تاقىمىغانلىقىنى جەزمىلەشتۈردى.

-بوشلۇقتا ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلانلار سىچۈەن8633 بىلەن ئالاقىلىشىپ بەرگەن بولساڭلار

-سىچۈەن 8633 چىڭدۇ سىزنى چاقىرىۋاتىدۇ

-سىچۈەن 8633 دېگەن گەپنى ئاڭلىغان بولسىڭىز جاۋاب قايتۇرۇڭ

-سىچۈەن 8633 چىڭدۇ سىزنى چاقىرىۋاتىدۇ

چاقىرغان ئاۋازلىرى ئۈزۈلمىدى، بىراق كونتروللۇقىنى يوقاتقان 8633 بۇ ئاۋازلارنى ئاڭلىيالمايتتى، ئايروپىلان بىلەن ئالاقىلىشالمىغان يەر يۈزىدىكى باشقۇرغۇچىلار بۇ چاغدا سىچۈەن 8633 نىڭ خەتەرگە يولۇققانلىقىنى ھېس قىلىپ، رادارنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن داۋاملىق بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بارلىق بۇيرۇقلار كۈچلۈك بوران بىلەن تەڭ ئاسماندا غايىب بولدى.

-ئايروپىلان چۈشۈپلا كەتمىسە، چوقۇم ئامال قىلىپ ئايروپىلاننى كونترول قىلىمەن دەپ ئويلىدىم

بۇ ئەينى چاغدا ليۇ چۈەنجيەننىڭ كۆڭلىدە ھەقىقىي ئويلىغىنى.

بۇ چاغدا ئايروپىلاننىڭ ئېگىزلىكى 9800 مېتىر بولۇپ، ھەيدەش بۆلۈمچىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 40نەچچە سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ قالغان ئىدى، كالتە يەڭ كۆينەك كىيگەن ليۇ چۈەنجيەن بەدىنى توختىماي تىتىلىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلدى. قەھرىتان سوغۇقتا ئايروپىلان كونتروللۇقىنى يوقاتقان ئەھۋالدا، ئۇ توڭلاپ كۆكىرىپ كەتكەن قولى بىلەن تېزدىن مەشغۇلات قىلىپ ئايروپىلاننىڭ ئورنىنى تۆۋەنلەتتى.

ئۇزۇن ۋاقىت ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان، ئىنتايىن ناچار بۇ خىل مۇھىتتا، بارلىق كىشىلەر ئاستا-ئاستا ئىشەنچىسىنى يوقاتتى، ئايروپىلان گۇرۇپپىسىدىكىلەرمۇ ئاللىقاچان بەرداشلىق بېرىش چېكىگە يەتكەن ئىدى، سىچۈەن ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ 3U8633 نۆۋەتچى ئايروپىلانىدىن ئۈمىد قالمىغان ئىدى.

سائەت 7دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، غەربىي جەنۇب ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ راداردا 3U8633 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرى خەتەرگە ئۇچراش كودى A7700 دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بارلىق نۆۋەتچى باشقۇرغۇچى خادىملار دەرھال جىددىي خىزمەت ھالىتىگە كىردى. ئۇلار ھاۋادىكى ئالتە ئايروپىلانغا قوماندانلىق قىلىپ جىددىي يول بەردى، چېڭدۇ شۇاڭليۇ ئايروپورتىنىڭ ئۇچۇش يولى سىرتىدىكى سەككىز ئايروپىلان ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قوماندانلىقىدا ئۇچۇشنى توختاتتى، ھەممىسى 3U8633 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ جىددىي قونۇشىنى ئەڭ ياخشى بوش مۇھىت بىلەن تەمىنلىدى.

سائەت 7 دىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە، ئايروپىلان سىلىق تۆۋەنلەشكە باشلاپ، ليۇ چۈەنجيەننىڭ كۆڭلى ئاخىرى ئارام تاپتى.

سائەت 7 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئايروپىلان تەدرىجىي كونترول قىلىندى، ليۇ چۈەنجيەن ئاخىرى ئايروپىلاننى چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى تاغلىق رايوندىن ئېلىپ چىقتى. بۇ چاغدا ئايرودۇرۇمدىكى ئۇچۇش-چۈشۈش يولىدا ئاپتوموبىل، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش، قوراللىق ساقچى قىسىم قاتارلىق قۇتقۇزۇش تەييارلىقلىرىنىڭ ھەممىسى تەق بولغان ئىدى. 

ۋەقە يۈز بېرىپ 34 مىنۇتتىن كېيىن، ئايروپىلان ئۇچۇش-چۈشۈش يولىغا سىلىق قونغان پەيتتە، يولۇچىلار بۆلۈمچىسىدىكى يولۇچىلار چاۋاك چېلىپ تەنتەنە قىلدى. ھەيدەش بۆلمىسىدە بولسا، ئۈچ چوڭ ئەر، ئايروپىلان باشلىقى ليۇ چۈەنجيەن، ئىككىنچى ئايروپىلان باشلىقى لياڭ پېڭ، ياردەمچى ئۇچقۇچى شۈ رۇيچېن جىمجىت ئولتۇرۇپ، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدى. ئاخىرىدا، ئايروپىلان باشلىقى ليۇ چۈەنجيەن بوغۇق ئاۋازى بىلەن غەيرەتكە كېلىپ: «بىز ھايات قالدۇق» دېدى. 

-ئۇچۇشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىشىمىزنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدۇق، 34 مىنۇتنىڭ ئالدىدا بولسا ھايات قېلىشىمىزدىن ئۈمىد كۈتمىدۇق

ھايات ھەققىدىكى ليۇ چۈەنجيەننىڭ بۇ بايانلىرى دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل سۆز بولۇپ قالدى، قونۇش ئالدىدىكى ھايات-ماماتلىق 34 مىنۇتتا ئايروپىلان خادىملىرى ئەڭ يۇقىرى كەسپىي سەۋىيەسىنى نامايەن قىلدى.

"چىڭدۇ 8633دىكى 119 يولۇچى ۋە توققۇز ئايروپىلان خادىمى بىخەتەر قايتىپ كەلدى! "بۇ قالتىس جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى مۆجىزىسىنى ياراتتى! جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ۋە سىچۈەن ئۆلكىسى قارار چىقىرىپ، سىچۈەن ئاۋىياتسىيەسى U8633 نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا «جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى قەھرىمان ئايروپىلان گۇرۇپپىسى» دېگەن نامنى بەردى، ئايروپىلان باشلىقى ليۇ چۈەنجيەن «جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى قەھرىمان ئايروپىلان باشلىقى» دېگەن نامغا ئېرىشتى، ياردەمچى ئۇچقۇچى، ئىككىنچى ئايروپىلان باشلىقى قاتارلىقلار تەقدىرلەندى. 

يەتتە ئايدىن كېيىن، بىر قاتار پىسخىكىلىق ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ئايروپىلان باشلىقى ليۇ چۈەنجيەن ۋە پۈتكۈل ئايروپىلان گۇرۇپپىسى قايتىدىن كۆك ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. ليۇ چۈنجيەن مۇنداق دېدى: بىز ھايات-مامات جېڭىنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزدۇق، بىز ھاياتلىقنى قوغدىشىمىز، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك.

ئۇلۇغ ئىشلار ئاددىيلىقتىن كېلىدۇ

قەھرىمانلار بولسا خەلق ئىچىدىن چىقىدۇ

جۇڭگو ئاۋىياتسىيە خادىملىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有