\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە نۇتۇق سۆزلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-06 15:45

شى جىنپىڭ 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم باش مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، ھەمكارلىق، يېڭىلىق يارىتىش، ھەمبەھرىلىككە ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى،  جۇڭگونىڭ يېڭى تەدبىر قوللىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

 

 

 

 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى شاڭخەي دۆلەتلىك كۆرگەزمە مەركىزىدە ئېچىلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە «ئېچىۋېتىش ھەمكارلىشىش، تەقدىرداش بولۇش» دېگەن تېمىدا باش مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىش ھالىتى ۋە تەدبىرى بىلەن ھەمكارلىق، يېڭىلىق يارىتىش، ھەمبەھرىلىككە ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشىنى تەكىتلىدى، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئېچىۋېتىلىدىغانلىقى، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

 چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەنلەردە شى جىنپىڭ چەتئەل رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە يىغىن مەيدانىغا كىرىپ كەلدى.

قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە شى جىنپىڭ 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى، شى جىنپىڭ باش مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن بىز بۇ يەردە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، بۈگۈن تېخىمۇ كۆپ دوستلار تەكلىپكە بىنائەن يېتىپ كەلدى، ئىشىنىمەنكى ھەرقايسى دوستلار خۇشال خۇرام كېلىپ، رازى بولۇپ قايتىدۇ، ئۆتكەن يىلى مەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە جۇڭگونىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشىدىكى بەش تۈرلۈك تەدبىرنى جاكارلاپ، شاڭخەيگە ئۈچ نۇقتىلىق ئېچىۋېتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم، بىر يىلدىن بۇيان، بۇ ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرى ئاساسەن ئەمەلىيلەشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىسادنى يەرشارىلاشتۇرۇش ــ تارىخىي ئېقىم، گەرچە بەزى تەتۈر دولقۇنلار كۆرۈلگەن، ناھايىتى كۆپ خەتەر ۋە توسالغۇلارغا ئۇچرىغان بولساقمۇ غايەت زور دەريا ئېقىنىنىڭ ئالدىغا قاراپ ئېقىش ۋەزىيىتىنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھېچقانداق دۆلەت ئۆزى يالغۇز ھەل قىلالمايدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىنسانلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىش ھالىتى ۋە تەدبىرى ئارقىلىق يەر شارى بازىرىدىن ئىبارەت بۇ تورتنى بىرلىكتە تېخىمۇ چوڭايتىپ، يەرشارى بويىچە تەڭ بەھرىلىنىش مېخانىزمىنى پۇختىلاپ، يەر شارى بويىچە ھەمكارلىشىش ئۇسۇلىنى جانلاندۇرۇپ، ئىقتىسادنى يەرشارىلاشتۇرۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى بارغانسېرى ئاشۇرۇپ، توسالغۇلارنى بارغانسېرى كىچىكلىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ بىرقانچە تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمكارلاشقان دۇنيا ئىقتىسادىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش كېرەك. زىددىيەت ۋە سۈركىلىشلەر ئالدىدا، كېڭىشىش، ھەمكارلىشىش توغرا يول. باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزئارا چۈشۈنۈپ، ئۆزئارا يول قويغاندىلا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان قىيىن مەسىلە بولمايدۇ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىيات يولىدا ئىزدىنىشتا، قولنى قويۇۋېتىش ئەمەس، قول تۇتۇشۇشتا، ئارىدا تام ياساش ئەمەس تامنى چېقىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، قورۇقچىلىق، بىرتەرەپچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك.

ئىككىنچى، ئېچىۋېتىلگەن، يېڭىلىق يارىتىشچان دۇنيا ئىقتىسادىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش كېرەك، ھەرقايسى دۆلەتلەر يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، پەن تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ مۇستەقىل تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىشىنى قوللاپ، يېڭىلىق يارىتىش بۇلىقىنى تولۇق قېزىشى كېرەك، بىلىمنى قامال قىلىۋېلىپ، پەن تېخنىكا چېگراسى قۇرۇپ ھەتتا ئۇنى كېڭەيتمەستىن بەلكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى بىرلىكتە كۈچەيتىشى كېرەك.

ئۈچىنچى، ئېچىۋېتىپ ھەمبەھرىلىنىدىغان دۇنيا ئىقتىسادىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش كېرەك، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسىدىكى باش مەقسەت ۋە پىرىنسىپ ئاساس قىلىنغان خەلقئارا تەرتىپنى بىرلىكتە قوغداپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنىڭ يادرولۇق قىممىتى ۋە ئاساسى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنى قوللاش كۈچىنى زورايتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە خەلقىنى نەپلەندۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ، بىز ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتقا، تەرەققىياتقا، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز.

بىرىنچى، بازارنى داۋاملىق كەڭ ئېچىۋېتىمىز. جۇڭگودا ئوتتۇرا كىرىملىكلەر كۆلىمى يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ، بازار كۆلىمى، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئىستىقبالى چەكسىز، مۇشۇنداق چوڭ جۇڭگو بازىرى كۆپچىلىكنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو تېخىمۇ جانلىق ئىچكى بازارنى پائال قۇرۇپ، ئىمپورتنىڭ رولىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تاموژنا بېجى ۋە تۈزۈم خاراكتېرلىك تەننەرخنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، بىر تۈركۈم ئىمپورت سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش،ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى يېتىلدۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىدۇ.

ئىككىنچى، ئېچىۋېتىش قېلىپىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، جۇڭگو ئەركىن سودا سىناق رايونىنى تېخىمۇ دادىل سىناپ بېقىش، دادىل ئىش قىلىپ بېقىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، خەينەن ئەركىن سودا پورت قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ تەڭكەش تەرەققىياتى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتى، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتى، گۇاڭدوڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولىدۇ ھەمدە خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ، ئېچىۋېتىش، بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ.

ئۈچىنچى، تىجارەت سودا مۇھىتىنى داۋاملىق سەرخىللاشتۇرىدۇ، جۇڭگو ئىقتىسادى تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەتلەرگە قارىتا، ئاچقۇچلۇق ھالقا ۋە مۇھىم ساھەلەردە ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ، بازارلاشقان ، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاشقى مەبلەغنىڭ بازارغا كىرىش ئىجازىتىنى بوشۇتۇپ، پاسسىپ تىزىملىكنى داۋاملىق قىسقارتىپ، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش، ئۇچۇر دوكلاتى قاتارلىق تۈزۈملەرنى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

تۆتىنچى، كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ زۆرۈر ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشىنى قوللايدۇ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنىڭ نوپۇزى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرىدۇ. رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنىڭ بالدۇرراق ئىمزالىنىپ، كۈچكە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو تېخىمۇ كۆپ دۆلەت سودىگەرلىرى بىلەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ، جۇڭگو ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى، جۇڭگو ياپونىيە، كورېيە ئەركىن سودا كېلىشىمى، جۇڭگو ــ پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتى مۇساپىسىنى تېزلىتىشنى خالايدۇ، جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى قاتارلىق مېخانىزم ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشنىڭ ئالغا تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

بەشىنچى، بىر بەلباغ بىر يولنى ئورتاق قۇرۇشقا داۋاملىق تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپى بويىچە ئېچىۋېتىش، يېشىل، پاك بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر بەلباغ بىر يولنى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كەلگۈسىدە جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، يېڭى قۇۋۋەتنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئۇسۇلدا بۇرۇلۇش ياساش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاشۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئىشىنىمەنكى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ئىستىقبالى چوقۇم تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ، ھەم شۇنداق بولۇشى مۇقەررەر.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارىخنىڭ ئۇزۇن ئېقىمىدىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى-پۈتۈن ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا مەنسۇپ بولغان ئۇلۇغ ئىش. جۇڭگو ئىككى قولىنى كەڭ ئېچىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ بازار پۇرسىتى، مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى، ئاشۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. مەن كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە تېرىشىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ نۇتۇق سۆزلەش جەريانىدا، پۈتۈن مەيداندا كۆپ قېتىم قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى.

ئارقىدىن، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، گىرېتسىيە زۇڭلىسى مىتسوتاكىس، يامايكا زۇڭلىسى خولنېس، سېربىيە زۇڭلىسى بىرنابىچ، ئىتالىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى دىمايو، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئازىۋىدو ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگو ئۆتكۈزگەن 2-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، بۇ كۆرگەزمە-جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇش روھى ھەم ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇش ۋە ئەركىن سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان ئىرادىسى ۋە سەمىمىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى دەپ قارىدى.

سۈرەتتە شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىچى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

ماكرون مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىش دېيىشكە بولىدۇ، بۇ-بۈگۈنكى زاماندىكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيىتى-ئۆز تىرىشچانلىقىغا مەنسۇپ شۇنداقلا ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشقا پايدىلىق. جۇڭگو ھەم يەر شارىلاشتۇرۇشتىن نەپ ئالغۇچى ھەم ئۇنى بەرپا قىلغۇچى. قەدىمىي يىپەك يولى بۈگۈنكى كۈندە داۋاملىق ئۇزىرىپ، ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى. جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىلىرى-جۇڭگونىڭ دۇنياغا ئېچىۋېتىشكە موھتاج ئىكەنلىكى، دۇنيانىڭمۇ جۇڭگوغا ئېچىۋېتىشكە موھتاج ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئېچىۋېتىش ياۋروپانىڭمۇ تاللىشى. ھەر قايسى دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش تەدبىرىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇيدۇ ھەم شۇنداق بولۇشىنى بەك كۈتمەكتە. يەر شارىلاشتۇرۇشتا، ھەر قايسى دۆلەتلەر تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە. بىر تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىققا مۇراجىئەت قىلىش، تاموژنا بېجى قورالى ۋە ئورمانلىق قائىدىسىنى قوللىنىش-نۆۋەتتە دۇنيا دۇچ كەلگەن مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، بۇ-فىرانسىيەنىڭ تاللىشى ئەمەس شۇنداقلا ياۋروپانىڭمۇ تاللىشى ئەمەس. سودا ئۇرۇشىدا يەڭگۈچى بولمايدۇ، جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر مۇھىم سودا ھەمراھى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەنپەئەتى ھەم كۆپ تەرەپچىلىك، ئەركىن سودا ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسى قوغدىلىشى كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگونى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قارايدۇ، جۇڭگو بىلەن ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، ئۆز ئارا ئىشىنىش، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىش روھىغا ئاساسەن، كۈچلۈك كۆپ تەرەپچىلىكنى بىرلىكتە قوغداپ، تېخىمۇ تەڭپۇڭ بولغان خەلقئارا تەرتىپنى بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

سۈرەتتە ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ «جۇڭگونىڭ 70 يىللىق تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى» مۇنبىرىگە قاتناشقان چەتئەل تەرەپ ئاقىللار ئامبىرى تاراتقۇلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم موتورى ھەم خەلقئارا سودىنىڭ مۇقىملىق ئامىلى. جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش مۇۋەپپەقىيىتى شۇنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدىكى، 21-ئەسىردە ھەر قايسى دۆلەتلەر بارغانسېرى بىر-بىرىگە تايىنىۋاتقان، تەقدىرداش بولۇۋاتقان دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە، بېكىنمىچىلىك قىلماستىن سىرتقا ئېچىۋېتىپ، باشقىلارغا ئورا كولىماستىن پائال ھەمكارلىشىپ، ئۆز مەنپەئەتىنى دەپ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەستىن ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇق قازانغاندىلا، ئاندىن ئۆزلىرى ۋە يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. ھەر قايسى تەرەپلەر جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ۋە ئېچىۋېتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىگە بىرلىكتە قۇچاق ئېچىشنى خالايدۇ.

سۈرەتتە ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى كىچىك تىپتىكى مىنىستىرلار يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل مىنىستىرلىرى ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ چەتئەل رەھبەرلىرى بىلەن كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى ھەم دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىچىلار ۋەكىللىرى، «جۇڭگونىڭ 70 يىللىق تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى» مۇنبىرىگە قاتناشقان چەتئەل تەرەپ ئاقىللار ئامبىرى تاراتقۇلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ كىچىك تىپتىكى مىنىستىرلار يىغىنىغا قاتناشقان چەتئەل تەرەپ مىنىستىرلىرى ھەم ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

دىڭ شۆشياڭ، لى چياڭ، ياڭ جېچى، خۇ چۈنخۇا، خۇاڭ كۇنمىڭ، ۋاڭ يى، جاۋ كېجى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. خۇ چۈنخۇا ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى 11-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. جەمئىي 181 دۆلەت، رايون، خەلقئارا تەشكىلات ئېچىلىش مۇراسىمىغا، 3800 دىن ئارتۇق كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى، خۇڭچياۋ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى، دۇنيادىكى سىياسىي، سودا، ئىلىم، تەتقىقات ساھەسىدىن كەلگەن تۆت مىڭدىن ئارتۇق مېھمان قاتناشتى. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە نۇتۇق سۆزلىدى

شى جىنپىڭ 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم باش مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، ھەمكارلىق، يېڭىلىق يارىتىش، ھەمبەھرىلىككە ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى، جۇڭگونىڭ يېڭى تەدبىر قوللىنىپ،