\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو دۆلەت كۆرگەزمە سارىيىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتىلار

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-06 16:00

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى ئۈندىدار سۇپىسىدىكى تورداشلار، مەن تۇرىۋاتقان بۇ جاي 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت كۆرگەزمە سارىيى بولغان جۇڭگو دۆلەت كۆرگەزمە سارىيى.

ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئېچىلغاندىن كېيىن، دۆلەتلىك كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ 2-قەۋىتىگە جايلاشقان جۇڭگو دۆلەت كۆرگەزمە سارىيى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشقا باشلىدى.

ساھىبخان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو دۆلەت سارىيىنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولۇپ، مەزمۇنى ئىنتايىن مول، بۇ يەردە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا، قاتناش قاتارلىق ساھەلىرىدىكى ئۇلۇغ يېڭىلىق يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرى نامايەن قىلىنىپلا قالماستىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى، گۈزەل تۇرمۇش نامايەن قىلىنغان.

نەق مەيداندىكى ھەر خىل مەزمۇندىكى ھېس قىلىشلار ۋە پائالىيەتلەر نۇرغۇن كىشىنى جەلپ قىلدى، جۇڭگو دۆلەت سارىيى ئىنتايىن قىزىقارلىق، بۇ يەردە نۇرغۇن قىزىقارلىق ساۋاتلارغا ئىگە بولالايسىز. جۇڭگو دۆلەت كۆرگەزمە سارىيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئېچىلغانلىقى ھەققىدىكى باش تېمىلىق تام نۇرغۇن كىشىنى خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشكە جەلپ قىلدى. ئۇنداقتا جۇڭگو كۆرگەزمە سارىيىدا يەنە قانداق يارقىن نۇقتىلار بار؟ بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

ئىشىنىمىزكى، كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە جۇڭگو دۆلەت سارىيى داۋاملىق تېخىمۇ كۆپ ئېكىسكۇرسىيەچىنى جەلپ قىلىدۇ، دۇنيادىكى ئېكىسكۇرسىيەچىلەرنى جۇڭگوغا كېلىپ كۆرۈپ بېقىشقا جەلپ قىلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو دۆلەت كۆرگەزمە سارىيىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتىلار

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى ئۈندىدار سۇپىسىدىكى تورداشلار، مەن تۇرىۋاتقان بۇ جاي 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت كۆرگەزمە سارىيى بولغان جۇڭگو دۆلەت كۆرگەزمە سارىيى