\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نيۇيورك مېترو بېكىتىدىكى نامايىش كىمگە زەربە بولدى؟

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-08 14:27

11-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە، ئامېرىكا نيۇيوركتىكى برۇكلېن مەركىزىي رايونىدا، تەخمىنەن مىڭدىن ئارتۇق نامايىشچى كوچىغا چىقىپ، نيۇيورك ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشىنىڭ چەكتىن ئېشىپ كەتكىنىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن. ئارقىدىن، قىسمەن نامايىشچىلار ساقچىلارنى ھاقارەتلىگەن، ساقچى ماشىنىلىرىنى بويىغان، نيۇيورك مېترو بېكىتى سىستېمىسىغا بۆسۈپ كىرگەن، ھەتتا ئاممىۋى مال-مۈلۈكلەرنى بۇزۇپ چاققان. نيۇيورك يەرلىك تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى كەچتە ساقچىلار بىر قىسىم نامايىشچىلارنى قولغا ئالغان.

 

ۋىدىيو: نيۇيورك مېترو بېكىتىدىكى نامايىش كىمگە زەربە بولدى؟

بۇ نامايىشنىڭ سەۋەبى، يېقىندا ئامېرىكا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا مۇنداق بىر ۋىدىيو تارقالغان، ۋىدىيودا قانۇن ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچى، مېترو بېكىتىدە ئۆزىنى 15 ياش دېگەن بىر ئوغۇل بالىنى ئۇرغان بولۇپ، بۇ برۇكلېندىكى بىر قىسىم ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، ئۇلار نيۇيورك ساقچى ئىدارىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشىدا چەكتىن ئاشقان ئەھۋال بار دەپ قارىغان.

ئارقىدىن، تىنچلىق نامايىشى قىسمەن كىشىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلمىشىغا ئۆزگىرىپ كەتكەن. قىسمەن كىشىلەر ساقچىنىڭ مېترو بېكىتىدە قانۇننى چەكتىن ئاشۇرۇپ ئىجرا قىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۈچۈن، مېترو بېكىتىگە بېلەت ئالماي بۆسۈپ كىرگەن. لېكىن بۇ قارىماققا باغلىنىشى بار قىلمىشلارنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ ئىككىلىسى مېترو بېكىتىدە يۈز بەرگەن بولغاندىن باشقا، يەنە قانداق باغلىنىشى بار؟

CNN قاتارلىق تاراتقۇلار بۇ ئىشنى ئۆتكۈزىۋەتكەن، شياڭگاڭنى مۇھاكىمە قىلغاندىكى قىزغىنلىق بولمىغان

بۇ نامايىشتىكى قىسمەن بۇزغۇنچىلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئادەمنى تېخىمۇ ئويغا سالغىنى تاراتقۇلار بولغان. بۇ قېتىملىق نامايىشنى نيۇيوركتىكى يەرلىك تاراتقۇلار خەۋەر قىلغاندىن باشقا، ئامېرىكىدا كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان فوكىس خەۋەرلىرى، ئۆزىنى «ئاخبارات ساھەسىدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ئىسىم» دەپ ئاتىۋالغان CNN قاتارلىق تاراتقۇلار بۇ ۋەقەنى تىلغىمۇ ئالمىغان، ياكى تور بېكەتلىرىدە يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ گەپلىرىنى قىسقارتىپ نەقىل كەلتۈرۈپلا خەۋەر قىلغان بولۇپ، شياڭگاڭدىكى ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلغاندەك چوڭ مۇھاكىمە قىلىش، بىر قانچە ئۇلىنىش كۆزنەكلىرىنى چىقىرىپ خەۋەر قىلغاندەك قىزغىنلىق ۋە غەيرىتى كۆرۈنمىگەن.

بۇ ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ پەقەت زۇڭتۇڭنى ئەيىبلەيدىغان ئىشلارغىلا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن ئەمەس. نيۇيوركتا نامايىش بولغان كۈنى، CNN شياڭگاڭ توغرىسىدا تۆۋەندىكى گەپلەرنى قىلغان:

ھە راست! يەنە BBC مۇ نيۇيوركتىكى نامايىش توغرىلىق بىر ئېغىز گەپ قىلمىغان

ساقچى، سىياسىيونلارنىڭ پوزىتسىيە پەرقى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ

تاراتقۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پوزىتسىيە جەھەتتىكى پەرقىمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

مەسىلەن، برۇكلېن رايونىنىڭ باشلىقى ئېرىك ئادامس ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە نومۇرىدا مۇنداق دېدى: «مەنمۇ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ساقچىلارنىڭ قانۇننى چەكتىن ئاشۇرۇپ ئىجرا قىلغىنىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ كەلدىم، لېكىن تۈنۈگۈن كۆرگىنىم قوبۇل قىلىش دائىرىسىدىن ھالقىغان نامايىش بولدى.» ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: «نامايىشچىلار قىلغان ئىش بۇ شەھەرنى تېخىمۇ بىخەتەر ۋە ئادىل قىلالمايدۇ. نيۇيورك ساقچى ئىدارىسى ۋە مېترو سىستېمىسىگە مەسئۇل نيۇيورك شەھەر رايونى مېترو مەھكىمىسى نامايىشچىلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق ۋە ھاقارەتلەش قىلمىشىنى ئەيىبلەيدۇ».

لېكىن، لېكىن!!! ئامېرىكىدا يەنە بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ، نامايىشچىلارنىڭ قىلمىشىنى قوللىغان، ماختىغان. نيۇيورك شتاتىغا ۋەكىل بولغان ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى كېرتىس سۆزىدە نامراتلار بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقىنى تىلغا ئېلىپ، «2.75 دوللار مېترو بېلىتىنى تۆلىيەلمىگەن ئادەملەرنى قولغا ئېلىش، ھېچقانداق ئادەمگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، پەقەت شۇ رايوندىكى ئەنسىزلىكنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. نيۇيوركتىكىلەرنىڭ ھەممىسى، ئۆزلىرىنىڭ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزئارا قوللاش كېرەكلىكىنى بىلىدۇ» دېگەن.

ئامېرىكىدا چوڭ گەپ قىلىدىغان قوللىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى سىياسىي كاپىتالنى قولغا كەلتۈرىۋالغان سىياسىيونلار

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دۇنيادا مەيلى قەيەردە قالايمىقانچىلىق يۈز بەرسۇن، ئامېرىكىدا تۇرۇۋېلىپ بۇزغۇنچىلارغا بولۇشۇپ سۆز قىلغانلار چوقۇم ھېچقانداق پايدا-مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولمىغان، «سىياسىي توغرىلىق» نىقابىغا ئورىنىۋېلىپ سىياسىي كاپىتالغا ئېرىشمەكچى بولغان سىياسىيونلاردۇر، چۈنكى ئۇلار بۇزغۇنچىلىقنىڭ «ئاقىۋىتىگە ئىگە بولمايدۇ. شۇڭا مەيلى ھەققانىيەتنى ياقلاۋاتامدۇ ياكى سايلام بېلىتى ئۈچۈن قىلىۋاتامدۇ، كاللىسى ئوچۇق ئادەم كۆرۈپلا بىلەلەيدۇ».

لېكىن بىرىنچى سەپتىكى ساقچىلار، شەھەر باشقۇرغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھەقىقىي ئىش قىلىدىغانلارنىڭ بۇ ۋاقىتتا ھەقىقەتەن بېشى ئاغرىيدۇ، چۈنكى بىر تەرەپتىن ئاممىنىڭ ھېسسىياتى، سىياسىيونلارنىڭ بېسىمىنى ئويلاشسا، يەنە بىر تەرەپتىن قالدۇق ئىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى كېرەك، ئۇلار نورمال تەرتىپ بۇزۇلۇپ كېتىپلا قالسا، ئاقىۋىتىنىڭ قانچىلىك ناچار بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

قانۇن، نامايىشچىلارنىڭ قىزىل سىزىقى

ئەمەلىيەتتە تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، قانۇن، نامايىشچىلارنىڭ قىزىل سىزىقى ھېسابلىنىدۇ. قانۇنسىز قىلمىش كۆرۈنگەن ھامان چوقۇم قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. نيۇيوركتىكى بۇ قېتىملىق نامايىشتىمۇ، بىر قىسىم كىشىلەر ساقچىلارغا تۈكۈرگەنلىكى، ساقچىلارنى ھاقارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. لېكىن يەنىلا بىر قىسىم سىياسىيونلار ھەيرانلىقتا «نېمە؟ مۇشۇنىڭ ئۈچۈن تۇتۇلغان ئادەم بارمۇ» دەيدۇ. ئەجىبا بۇ سىلەرنىڭ بىر گۈزەل مەنزىرەڭلار ئەمەسمۇ؟

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نيۇيورك مېترو بېكىتىدىكى نامايىش كىمگە زەربە بولدى؟

11-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە، ئامېرىكا نيۇيوركتىكى برۇكلېن مەركىزىي رايونىدا، تەخمىنەن مىڭدىن ئارتۇق نامايىشچى كوچىغا چىقىپ، نيۇيورك ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشىنىڭ چەكتىن ئېشىپ كەتكىنىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن. ئارقىدىن، قىسمەن نامايىشچىلار ساقچىلارنى ھاقارەتلىگەن، ساقچى ماشىنىلىرىنى بويىغان، نيۇيورك مېترو بېكىتى سىستېمىسىغا بۆسۈپ كىرگەن، ھەتتا ئاممىۋى مال-مۈلۈكلەرنى بۇزۇپ چاققان. نيۇيورك يەرلىك تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى كەچتە ساقچىلار بىر قىسىم نامايىشچىلارنى قولغا ئالغان