ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىشىغا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرىمىز

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-30 10:22

2019-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لې يۈچېڭ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى برانستاد بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكىنىڭ «شياڭگاڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيەسى توغرىسىدا قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ قانۇنلاشتۇرغانلىقىغا قارىتا كەسكىن سۆزلەشكەن ۋە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرگەن.

لې يۈچېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «شياڭگاڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيەسى توغرىسىدا قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ قانۇنلاشتۇرۇشى، شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا، جۇڭگونىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشقانلىق، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمىگە خىلاپ، بۇ ئاشكارا زومىگەرلىك قىلمىشىغا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى قاتتىق غەزەپلەندى، قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

لې يۈچېڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «شياڭگاڭ جۇڭگونىڭ، شياڭگاڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەر قانداق چەتئەل ھۆكۈمىتى ۋە چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، ھەر قانداق تاشقى كۈچنىڭ شياڭگاڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ.

لې يۈچېڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز ئامېرىكىنى خاتالىقىنى تۈزىتىپ، تۇتقان يولىنى ئۆزگەرتىپ، مەزكۇر لايىھەنى يولغا قويماسلىققا، شياڭگاڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى دەرھال توختىتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇھىم ساھەلەر ئارا ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ چوڭ زىيان كەلتۈرۈشتىن ساقلىنىشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلىمىز. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ خاتا تەدبىرىنى چوقۇم قەتئىي تىزگىنلەيدۇ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە ئامېرىكا تولۇق مەسئۇل بولىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有