ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھۆكۈمەت خادىملىرى دىققەت! بۇلارنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-30 15:14

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەت نازارەتچىلىك كومىتېتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، قىممەتلىك ئالاھىدە مەھسۇلات، ئالاھىدە بايلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش مەسىلىسىدىن مەملىكەت بويىچە جەمئىي 2848 ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، 4217 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە 749 كىشى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، 2009 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىلگەن. 

قىممەتلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار بايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش زىيىنىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئۇنداقتا، «داڭلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلار تۈرىدىكى ئالاھىدە بايلىقلار» قانچە تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ بۇنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟ بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى!

11-ئاينىڭ 24-كۈنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى مەملىكەت بويىچە قىممەتلىك ئالاھىدە مەھسۇلات، ئالاھىدە بايلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش مەسىلىسىدىن 2848 نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، 4217 ئادەمنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 749 ئادەمنى ئەدىلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، 2009 ئادەمنى پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە جازالىغانلىقىنى، 1161 ئادەمنى ھۆكۈمەت ئىشلىرى بويىچە جازالىغانلىقىنى، 449 ئادەمنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، 307 ئادەمگە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى، 856 تىپىك مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلىدى. سىچۈەن ئۆلكىسى تارقاتقان " ھۆكۈمەت-سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى يېقىن، پاكىز بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر (سىناق نۇسخىسى)" دە، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش خادىملىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىدە "ئالتە مەنئىي قىلىش"كە قاتتىق ئەمەل قىلىش بەلگىلەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي دەرىجىلىك ھاراق-تاماكا، قىممەتلىك دورا ماتېرىياللىرى قاتارلىق قىممەتلىك ئالاھىدە مەھسۇلات تۈرىدىكى سوۋغاتلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ قوبۇل قىلىش قاتتىق چەكلىمىسى 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. تاراتقۇلارنىڭ رەتلەپ چىقىشىچە، «قىممەتلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار تۈرىدىكى ئالاھىدە بايلىق» ئاساسلىقى ئالىي دەرىجىلىك ھاراق-تاماكا، قىممەتلىك دورا ماتېرىياللىرى، قىممەت باھالىق چاي، قىممەتلىك ياغاچ ماتېرىياللىرى، ئۈنچە-مەرۋايىت، قاشتېشى، داڭلىق فارفۇرلار قاتارلىق ئالتە چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدىكەن.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، پەرقلەندۈرۈش مەشغۇلاتىغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن، ھەر قايسى جايلار «قىممەتلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار تۈرىدىكى ئالاھىدە بايلىق»نىڭ تەپسىلىي تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلار يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن يەنى  خېبېي ئۆلكىسىنىڭ باۋدىڭ شەھىرى لەيشۈي پالىساندىر ياغىچىدىن قىلىنغان ئۆي جاھازلىرى، چۈياڭ تاش ئويمىسى ۋە فارفورى، يىشۈي سىياھدىنى، ئەنگو قىممەتلىك دورا ماتېرىياللىرى، شۈنپىڭ شاپتۇل ياغىچىدىن ياسالغان ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ لونەن ناھىيەسىدىن چىقىدىغان ھېقىق، يىلتىز ئويمىسى، داڭلىق ھۆسنخەت ۋە رەسىم قاتارلىق شۇ جاينىڭ قىممەتلىك ئالاھىدە مەھسۇلات بايلىقى  نۇقتىلىق ئوبيېكت قىلىپ بېكىتىلگەن ۋە تۈزەشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان.

 چىڭخەي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نازارەت قىلىش كومىتېتى يېقىندا لايىھە ئېلان قىلىپ، شۇ ئۆلكىدىكى قىممەتلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار تۈرىدىكى ئالاھىدە بايلىقنى بېكىتتى، بۇ ئاساسلىقى قۇرتئوت، كۇئېنلۇن قاشتېشى ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان بۇيۇملارنى كۆرسىتىدۇ. يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ نۇجياڭ ئوبلاستى مۇنۇلارنى بەلگىلىدى: ئۈنچە-مەرۋايىت قاشتېشى ئاساسلىقى تۇرمالىن، قاشتېشى، ، غەلىتە تاش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؛ قىممەتلىك ياغاچ ئاساسلىقى زەرنەپ دەرىخى، يۈننەن توررېيە دەرىخى، نەنمۇ دەرىخى قاتارلىقلار ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان بۇيۇملارنى كۆرسىتىدۇ؛ قىممەتلىك گۈل-گىياھلار ئاساسلىقى گۈل چاي، كەترەن گۈلى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؛ داڭلىق قىممەتلىك دورا ماتېرىياللىرى ئاساسلىقى ئېيىق ئۆتى، ئىپار، قۇرتئوت، ياۋا گاسترودىيە ئوتى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؛ قىممەتلىك قېزىلما بايلىق بۇيۇملىرى ئاساسلىقى كۈمۈش ۋە مىس بۇيۇملىرىنى كۆرسىتىدۇ؛ يەرلىك مەھسۇلاتلار ئاساسلىقى لاۋۋونىڭ سۈرلەنگەن چوشقا گۆشى، پالما تالقىنى، ياۋا ھەسەل قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. 

شىنجاڭ داڭلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلار تۈرىدىكى ئالاھىدە بايلىقلارنى تۆت چوڭ تۈرگە ئايرىغان:

 (1) ئالىي دەرىجىلىك ھاراق، تاماكا. ئاساسلىقى، شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەر بىر تېلىنىڭ باھاسى 800 يۈەن دىن يۇقىرى بولغان ئالىي دەرىجىلىك تاماكا ۋە ھەر بىر بوتۇلكىسى 400 يۈەن دىن يۇقىرى بولغان ئالىي دەرىجىلىك ھاراقنى كۆرسىتىدۇ.

(2) ئەتىۋارلىق دورا ماتېرىياللىرى. بۇ ئاساسلىقى شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان زەپەر، قۇرتئوت، شىنجاڭ ئەڭلىكئوتى، تەڭرىتاغ قار لەيلىسى ۋە بۇغا تۆرەلمىسى، بۇغا مۈڭگۈزى قاتارلىق ئەتىۋارلىق ھايۋانات، ئۆسۈملۈك خام ئەشيالىرى ۋە ئۇلاردىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن قىممەتلىك ئىنچىكە دورا ماتېرىياللىرى ۋە ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى كۆرسىتىدۇ. 

 (3) ئۈنچە-مەرۋايىت، قاشتېشى. ئاساسلىقى شىنجاڭدىن چىقىدىغان خوتەن قاشتېشى، زۇمرەت، سېرىق قاشتېشى، دۇڭلىڭ قاشتېشى قاتارلىق قاشتاشلار؛ ياقۇت، تۇرمالىن، زۇمرەت، قىزىل ياقۇت، خرۇستال قاتارلىق ۋە مەنزىرە تېشى قاتارلىق قىممەتلىك خام ماتېرىياللار ھەمدە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن، ئويۇپ ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرى، ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى، سەنئەت بۇيۇملىرىنى كۆرسىتىدۇ. 

 (4) ھۆسنخەت ۋە رەسىم ئەسەرلىرى. ئاساسلىقى شىنجاڭدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىدا بەلگىلىك ۋەزىپە ئۆتىگەن ياكى مۇئەييەن كەسپىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرىگە ئىگە داڭلىق ھۆسىنخەت، رەسىم، ھەيكەلتاراشلىق ئەسەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

«ئالىي دەرىجىلىك ھاراق-تاماكا» ھەر قايسى جايلاردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ نۇقتىلىق «دىققەت ئوبيېكتى» بولۇپ، ئۇنداقتا قانداق باھادىكى ھاراق-تاماكا ئالىي دەرىجىلىك دەپ ئاتىلىدۇ؟ بىز جايلاردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئېلان قىلغان ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلىرىدىن جاۋاپ تاپالايمىز. بۇلتۇر 12-ئايدا، چاڭشا رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قىممەتلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار تۈرىدىكى ئالاھىدە بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ شەخسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىشتەك تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: چاڭشا شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىلىك سوتچىسى چېن يۇڭچاۋ ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنلىرى ھەدىيە قىلغان خېتيەنشا ماركىلىق تاماكىدىن 9 نى، گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ فېيتەي ھارىقىدىن 6 بوتۇلكا، گوجياۋ 1573 ھارىقىدىن ئالتە بوتۇلكا، ياۋچىڭجيۇ ھارىقىدىن 2 ساندۇق ۋە ساپ ئالتۇندىن 100 گرام ئالغان. نىڭشياڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ليۇ پىڭ باشقىلاردىن گۈيجۇ ماۋتەي ھارىقى، ۋۇلىياڭيې ھارىقى قاتارلىق تۈرلۈك داڭلىق ھاراقلاردىن 235 بوتۇلكا، خېتيەنشا، سېرىق تۇرنا راۋىقى«1916» قاتارلىق داڭلىق تاماكىدىن 101نى ئالغان. (ليۇ پىڭنىڭ ئايالى ئىلگىرى داڭلىق بىر مېھمانخانا ئاچقان). بەزى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ماركىلارنىڭ باھاسى خېلى يوقىرى بولۇپ، ھاراقلارنىڭ باھاسى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن. 

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەت نازارەتچىلىك كومىتېتى ئورگىنى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى، دۆلەت كارخانىلىرىنى باشقۇرغۇچى خادىملار باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى قىممەتلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار، ئالاھىدە بايلىقلارنى مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋاستىسى قىلىپ، ھوقۇق ئىجارىكەشلىكى، ھوقۇق-پۇل سودىسى، سىياسىي جەھەتتە تايىنىۋېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىغا خىلاپلىق قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى بۇزۇپ، سىياسىي ئېكولوگىيەگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قىممەتلىك ئالاھىدە مەھسۇلات، ئالاھىدە بايلىقتىن پايدىلىنىپ پايدا ئېلىش مەسىلىسىنىڭ ناچار ماھىيىتى ۋە ئېغىر زىيىنىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، مەخسۇس تۈزەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھۆكۈمەت خادىملىرى دىققەت! بۇلارنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەت نازارەتچىلىك كومىتېتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، قىممەتلىك ئالاھىدە مەھسۇلات، ئالاھىدە بايلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش مەسىلىسىدىن مەملىكەت بويىچە جەمئىي 2848 ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، 4217 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە 749 كىشى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، 2009 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىلگەن