ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەيدىز توغرىسىدا پاراڭلىشايلى، قورقماڭ!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 14:02

 

يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، 

كوچىدا ناتونۇش ئادەملەرنىڭ سەمىمىي سوۋغىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدىڭىزمۇ؟ 

 ھودۇقماڭ، 

قورقماڭ، 

ئەجەبلەنمەڭ، 

چۈنكى بۈگۈن يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان 

دۇنيا ئەيدىز كۈنى

 

ئەمەلىيەتتە كۆپ ھاللاردا ئەيدىز كېسىلى تىلغا ئېلىنسىلا كۆپچىلىك قورقۇپ كېتىدۇ، لېكىن ئەيدىز كېسىلى راستىنلا شۇنچە قورقۇنچلۇقمۇ؟ بۈگۈن كۆپچىلىككە «ئەيدىز كېسىلى» توغرىسىدىكى ساۋاتلارنى سۆزلەپ بېرەيلى، «ئەيدىز كېسىلى» توغرىسىدا سىز نېمىلەرنى بىلىشىڭىز كېرەك؟ 

 No. 1 : ئەيدىز كېسىلى زادى قانداق كېسەل؟  

 

ئەيدىز كېسىلى، AIDS ((Acquired Immunodeficiency Syndrome نىڭ تولۇق نامى ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىدۇر.  

لېكىن بىر ئوبدان ياشاۋېتىپ، نېمىشقا ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك كېلىپ چىقىدۇ؟

ئەمەلىيەتتە، ئەيدىز كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغىنى «ئەيدىز ۋىرۇسى» بولماستىن، بەلكى «ئىنسانلار ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك ۋىرۇسى» دەپ ئاتىلىدىغان ۋىرۇستۇر، يەنى دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان HIV (Human Immunodeficiency Virus) دۇر.  

ئەگەر باشقا باكتېرىيە ياكى ۋىرۇسلارنى «مىليون كىشىلىك دۈشمەن ئارمىيەسىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك گېنېرال» بولۇشنى مەقسەت قىلىپ، ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن بىۋاستە ئەجەللىك يەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ، دېسەك،  ئۇنداقتا HIV نى مەقسىتى ناھايىتى ئوچۇق ھالدا «بىرىنچى دەرىجىلىك گېنېرال» ئورنىغا قاراپمۇ قويماستىن، بەلكى قارشى تەرەپنىڭ قاراۋۇللىرىغا مەخسۇس ھۇجۇم قىلىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ.

بىز ئالدى بىلەن ئادەتتىكى ۋىرۇسلار ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى

ئادەتتىكى ۋىرۇسلار ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. نورمال ئادەم بەدىنىدە يۇقۇملىنىش كۆرۈلسە، بەدەننىڭ مۇداپىئە سىستېمىسى دەرھال جانلىنىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدىكى ئەڭ مۇھىم «قوغدىغۇچى» --- ئاق قان ھۈجەيرىسى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ «باكتېرىيە يوقىتىش» خىزمىتىنى باشلايدۇ.  

بۇنىڭ ئىچىدە، ياردەمچى T لىمفا ھۈجەيرىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئاق قان ھۈجەيرىسى (ياردەمچى T ھۈجەيرە) ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشقا بولغان ئىنكاسىنى كۈچەيتىدۇ.

 

ئالدى بىلەن، ياردەمچى T ھۈجەيرە «خىمىيەلىك فاكتور» قويۇپ بېرىپ، باشقا ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى يۇقۇملانغان ئورۇنغا جەلپ قىلىدۇ.  

جەلپ قىلىنغان بۇ ئاق قان ھۈجەيرىلىرى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن باكتېرىيە ياكى ۋىرۇسلارغا ۋە يۇقۇملانغان ھۈجەيرىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ.  

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياردەمچى T ھۈجەيرە ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى كۆپەيتىدىغان ماددىلارنى قويۇپ بېرىدۇ. قوشۇمچە T ھۈجەيرە ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئاق قان ھۈجەيرىسى ئانتىتېلا دەپ ئاتىلىدىغان ماددا ھاسىل قىلىدۇ.  

پەيدا بولغان ئانتىتېلا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋىرۇسلارغا يۆتكىلىپ، ئۇلارغا بەلگە سالىدۇ. ئانتىتېلا ئارقىلىق بەلگە سېلىنغان ۋىرۇس «نىشان ھۈجەيرە» گە ئايلىنىدۇ.  

ئارقىدىن، ئانتىتېلا ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنى «چاقىرىپ» بۇ نىشان ھۈجەيرىلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ. نىشان ھۈجەيرىلەر يوقىتىلغاندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىدىكى يۇقۇممۇ تۈگەيدۇ.  

 

مانا بۇ ئادەم بەدىنىنىڭ باكتېرىيە ياكى ۋىرۇسلارنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇشىدىكى ئادەتتىكى مەشغۇلاتىدۇر.  

ئۇنداقتا HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئادەم بەدىنىدە نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ 

ئادەم بەدىنى HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، HIV ۋىرۇسى قان ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقى ئىچىدە ئايلىنىپ، ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى ئىزدەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. ياردەمچى T ھۈجەيرە HIV ۋىرۇسىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانىدۇر.  

HIV ۋىرۇسى ھۈجەيرىگە كىرىپلا ئۆزىنىڭ نۇرغۇن نۇسخىلىرىنى ھاسىل قىلىپ، يېڭى HIV ۋىرۇسلىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. يېڭى HIV ۋىرۇسلىرى بىرىككەندىن كېيىن، ئۇلار ئاللىقاچان قۇرۇپ كەتكەن بۇ ياردەمچى T ھۈجەيرىدىن ئايرىلىپ، باشقا ھۈجەيرىلەرنى ئىزدەيدۇ ھەمدە ئۇلارنى يۇقۇملاندۇرىدۇ.  

بۇ جەريان سانسىز قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن، ياردەمچى T ھۈجەيرە ئاستا-ئاستا يۇقۇملىنىدۇ، ئاندىن ھەممىسى ئۆلىدۇ. 

 

بەدەندىكى ياردەمچى T ھۈجەيرىنىڭ ھەممىسى بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى يوقىلىدۇ. ئادەم بەدىنى ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يوقاتقان ھامان، ئاسانلا باكتېرىيە ياكى ۋىرۇسلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

بۇ يۇقۇملىنىش «پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش» دەپ ئاتىلىدۇ.  

دائىم كۆرۈلىدىغان پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشلاردىن مېڭە پەردە ياللۇغى، مېڭە ياللۇغى؛ نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكى، مەسىلەن ئۆپكە ياللۇغى، ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى؛ ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىكى، مەسىلەن پارازىت قۇرت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاستا خاراكتېرلىك ئىچى سۈرۈش؛ ئۆسمە قاتارلىقلار بار.  

مانا بۇ HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى: ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرايدۇ، ھەتتا ئادەتتىكى يۇقۇملىنىشقىمۇ تاقابىل تۇرالمايدۇ.  

ئەمدى چۈشەنگەنسىز، ئادەم HIV بىلەن يۇقۇملانسىلا، ۋىرۇس ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئىزچىل ۋەيران قىلىدۇ. گەرچە ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئادەم بەدىنىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولمىسىمۇ، لېكىن ئادەم ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى يوقىتىپ قويسا، ئۇنداقتا بۇ بىر قەلئەنىڭ بارلىق مۇداپىئە ئىستىھكاملىرىنى يوقاتقانغا ئوخشاپ قالىدۇ، دۈشمەن ئارمىيەسى ئىشىك ئالدىغا كېلىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن خەۋەر يەتكۈزىدىغان ئادەممۇ يوق بولغاچقا، ھەرقانداق دۈشمەن قىلچە كۈچىمەيلا ئۇنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ.  

 

No. 2 : ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى قۇتقۇزۇۋالغىلى بولامدۇ؟  

 

گەرچە ئەيدىز كېسىلى قارىماققا ناھايىتى قورقۇنچلۇق بولسىمۇ، لېكىن ئەندىشە قىلماڭ، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى قۇتقۇزۇۋالغىلى بولىدۇ!  

ھازىر ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان ئۇسۇل --- «كوكتېل ھارىقى داۋالاش ئۇسۇلى» بولۇپ، ئۇنىڭ پىرىنسىپى تۆۋەندىكىچە: 

بىر مەزگىل ئىچىدە، ئەگەر ۋىرۇس دورا A غا قارىتا تاقابىلچانلىق پەيدا قىلىش ئۈچۈن   (10نىڭ 10-دەرىجىسى ) قېتىم نۇسخىلىنىدۇ، دورا B غا قارىتا تاقابىلچانلىق پەيدا قىلىش ئۈچۈن   قېتىم نۇسخىلىنىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ مەزگىلدە، ئەگەر بىرلا ۋاقىتتا A ۋە B دورا ئىشلىتىلسە، بۇ ۋىرۇس بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل دورىغا قارىتا تاقابىلچانلىق پەيدا قىلىش ئۈچۈن  قېتىم نۇسخىلىنىدۇ، بۇ سان ئۇنىڭ ئىككى خىل دورىنىڭ ئىچىدىكى بىر خىلى ئۈچۈن يالغۇز نۇسخىلانغان قېتىم سانىغا قارىغاندا خېلى كۆپ بولىدۇ.  يەنى، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ياكى ئىككى خىلدىن ئارتۇق دورا ئىشلەتكەندە، بۇ ۋىرۇس ئىككى خىل دورىنىڭ بىرىگە قارىتا تاقابىلچانلىق پەيدا قىلغان تەقدىردىمۇ، يەنە بىر خىل دورىغا تاقابىلچانلىق پەيدا قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا مۇشۇ خىل دورا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.  

بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق HIV ۋىرۇسىنى بىۋاسىتە ئۆلتۈرگىلى بولمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ نۇسخىلىرىدىكى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، كېيىن پارازىت ئىگىسى بولغان ھۈجەيرىنىڭ ئۆلۈشىگە ئەگىشىپ، HIV ۋىرۇسىمۇ ئۆلىدۇ. نۆۋەتتە HIV ۋىرۇسىنىڭ نۇسخىلىرىدىكى چەكلەيدىغان 20 ~ 30 خىل دورا بار، «كوكتېل ھارىقى داۋالاش ئۇسۇلى»دا بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك 2 ~ 3 خىل بىرىكمە دورا تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئاغرىق ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەيدىز ئاغرىقلىرىمۇ نورمال ئادەملەردەك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ.  

ئەمما داۋالاش خادىملىرى ياكى ج خ ساقچىلىرى قاتارلىق «خەتىرى يۇقىرى كەسىپ» بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار خىزمەت جەريانىدا HIV ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشى مۇمكىن، ئۇلار قانداق قىلىشى كېرەك؟  

قورقماڭ، ئەيدىزنىڭمۇ «يۇقۇملىنىشتىن جىددىي ساقلىنىش دورىسى» بار!  

ئەگەر خىزمەت جەريانىدا HIV ۋىرۇسى بىلەن ئۇچرىشىش ئەھۋالى كۆرۈلسە ياكى ئادەتتىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ «خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت» ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايقىسا، دەرھال «توسۇغۇچى دورا» نى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. 72 سائەت ئىچىدە ئىستېمال قىلغاندا HIV ۋىرۇسىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالغىلى بولىدۇ، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %99.5 كە يېتىدۇ. ئەگەر توسۇغۇچى دورىنى ئىچىشنى قارار قىلسىڭىز دورىنى قانچە بالدۇر ئىچسىڭىز شۇنچە ياخشى، بۇنىڭدىكى ئالتۇن ۋاقىت ئىككى سائەت بولىدۇ. 

 

 No. 3 :ئەيدىز كېسىلى قانداق تارقىلىدۇ؟  

 

ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئۇسۇلى ئىنتايىن چەكلىك، بۇنىڭدىن بەك ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. 

 HIV ۋىرۇسى ئاساسلىقى ئادەتتىكى ئاغرىقلارنىڭ قېنى، ئىسپېرمىسى ۋە جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى سۇيۇقلۇقىدا مەۋجۇت بولۇپ، تارقىلىش ئۇسۇلى ئاساسلىقى ئۈچ خىل بولىدۇ.

 

(1) قان ئارقىلىق تارقىلىش: مۇنتىزىم بولمىغان يوللار بىلەن قان بېرىش؛ HIV بىلەن يۇقۇملانغان، دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان ئوكۇل يىڭنىسى ۋە شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش؛ باشقا داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ياكى تۇرمۇش سايمانلىرىنى (مەسىلەن ساقال ئالغۇچ) ئورتاق ئىشلەتكەندە يېنىك زەخىملىنىش تۈپەيلى يۇقۇملىنىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن.  

 

(2) جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش: ئوخشاش جىنسلىقلار ۋە يات جىنسلار ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي ئالاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

 

(3) ئانىدىن بالىغا يۇقۇش: بالا ھەمراھى، تۇغۇت يولى، شۇنداقلا بالا ئېمىتىش ئارقىلىقمۇ يۇقىدۇ. ئەمما مېدىتسىنانىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كۆپ ساندىكى ئەيدىز ئاغرىقلىرى ساغلام بالا تۇغالايدۇ.  

 

قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، قۇچاقلىشىش، ئەدەپ-قائىدە بويىچە سۆيۈشۈش، بىللە غىزالىنىش، سۇ ئۈزۈش، يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش، پاشا چىقىشتەك كۈندىلىك ئۇچرىشىشلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇش يولى ھېسابلانمايدۇ.  

كۆپچىلىكنىڭ ئەيدىزنىڭ نېمىلىكىنى بىلىپ يەتكەنلىكىگە ئىشىنىمىز، 

پەقەت ئەيدىزنى توغرا تونۇغاندىلا، ئاندىن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، 

ئەيدىز ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرىمۇ بىز ئويلىغاندەك ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەس. 

ئەڭ قورقۇنچلۇقى ئەيدىز كېسىلى ئەمەس، بەلكى كەمسىتىشتۇر. 

كۆپچىلىكنىڭ ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا بولغان بىر تەرەپلىمە قارىشىنى تاشلاپ، ئۇلارغا ھېسداشلىق ۋە غەمخورلۇق قىلىشىنى، ئۇلارنىمۇ بىزگە ئوخشاش ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا خاتىرجەم ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەيدىز توغرىسىدا پاراڭلىشايلى، قورقماڭ!