ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭدىكى ئىككى قاراگۇرۇھقا چېتىشلىق دېلوغا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 14:04

 

يېقىندا، ئالتاي شەھىرىدە يۈزبەرگەن چۇ فامىلىلىك باشچىلىقىدىكى قارا گۇرۇھقا چېتىشلىق دېلو ۋە ماۋ فامىلىلىك باشچىلىقىدىكى قارا گۇرۇھقا چېتىشلىق دېلوغا بۇرچىن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقتى، ئالتاي شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 1-ئوچۇق سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىپ، ئالاقىدار گۇرۇھ ئەزالىرىنى مۇناسىپ قانۇنىي جازاغا ھۆكۈم قىلدى. ئالتاي شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئورگان كادىرلىرى، مەھەللە كومىتېتى ئاممىسى، سىياسىي قانۇن كادىر، ساقچىلىرى قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى يۈزگە يېقىن ۋەكىل سوتقا سىرتتىن قاتناشتى.

ئىگىلىنىشىچە، جاۋابكار چۇ فامىلىلىك قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى (ئادەم ئۆلۈشىگە سەۋەب بولۇپ) سەۋەبلىك مۇددەتلىك 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سادىر قىلىشتەك ئالاھىدە كەچۈرمىشىدىن پايدىلىنىپ، جەمەت كۈچىگە تايىنىپ، تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ، جەمئىيەتتىكى بىكار يۈرگەن كىشىلەر، تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرى قاتارلىقلارنى يېنىغا تارتىپ قىمارخانا ئېچىش، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش، توپلىشىپ ئۇرۇشۇش، ئاممىۋى ئىشلارغا توسقۇنلۇق قىلىش، قانۇنسىز كان ئېچىش قاتارلىق بىر قاتار قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى تەشكىللەپ، جاۋابكار چۇ فامىلىلىك تەشكىللىگەن، باشچىلىق قىلغان، غوللۇق ئەزالار نىسبەتەن مۇقىم، قاتناشقان ئادەم سانى كۆپ قارا جەمئىيەت خاراكتېرىدىكى گۇرۇھ شەكىللەندۈرگەن. سوت مەھكىمىسى چۇ فامىلىلىك باشچىلىقىدىكى قارا گۇرۇھ ۋە ئۇنىڭ توققۇز ئەزاسىنىڭ قارا جەمئىيەت خاراكتېرىدىكى گۇرۇھ تەشكىللەش جىنايىتى، قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى، قانۇنسىز سولاپ قويۇش جىنايىتى، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى، توپلىشىپ ئۇرۇشۇش جىنايىتى، قانۇنسىز كان ئېچىش جىنايىتى، ئاممىۋى ئىشلارغا توسقۇنلۇق قىلىش جىنايەتلىرىگە جازا ھۆكۈم قىلغان. 

بۇنىڭ ئىچىدە، تەشكىللىگۈچى، باشچىلىق قىلغۇچى چۇ فامىلىلىككە مۇددەتلىك 20 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۈچ يىللىق مەھرۇم قىلىنغان، بارلىق خۇسۇسىي مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ كان بايلىقىغا سالغان 8 مىليون 850 مىڭ يۈەن زىياننى تۆلەشكە بۇيرۇلغان. قالغان جاۋابكارلارغا 10 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن تارتىپ ئۈچ يىل ئىككى ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغىچە ئوخشاش بولمىغان جازالار بېرىلگەن، ئارىدىكى ئاكتىپ قاتناشقان تۆتەيلەننىڭ بارلىق خۇسۇسىي مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان، قالغان جاۋابكارلارغا 225 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، 8 مىليون يۈەندىن ئارتۇق قانۇنسىز تاپاۋىتى تاپشۇرغۇزۇلغان.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جاۋابكار ماۋ فامىلىلىك زاڭ مالنى سېتىپ بېرىش جىنايىتى سەۋەبلىك ئالتاي شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىپ كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان بولغاندىن كېيىن، پۇشايمان قىلماي، ئىقتىسادىي نەپكە ئېرىشىش ئۈچۈن، جەمئىيەتتىكى بىكار يۈرگەن كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، داۋالىنىش، تۇرمۇش راسخوتى بىلەن تەمىنلەش ياكى مائاش بېرىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي نەپ بېرىش ئۇسۇلىدا، قىمارخانا ئېچىش، توپلىشىپ ئۇرۇشۇش، قانۇنسىز كان ئېچىش، قاقتى-سوقتى قىلىش قاتارلىق بىر قاتار قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلغان، جىنايەت سادىر قىلىش جەريانىدا جاۋابكار ماۋ فامىلىلىك تەشكىللىگەن ۋە باشچىلىق قىلغان قاتلىمى ئېنىق، غوللۇق ئەزالىرى بىر قەدەر مۇقىم، ئادەم سانى كۆپ قارا جەمئىيەت شەكلىدىكى جىنايەت گۇرۇھى شەكىللەنگەن. سوت مەھكىمىسى ماۋ فامىلىلىك  باشچىلىقىدىكى قارا گۇرۇھنىڭ قارا جەمئىيەت خاراكتېرىدىكى گۇرۇھ تەشكىللەش ۋە باشچىلىق قىلىش جىنايىتى، قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى، قانۇنسىز سولاپ قويۇش جىنايىتى ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى، توپلىشىپ ئۇرۇشۇش جىنايىتى، قانۇنسىز كان ئېچىش جىنايىتى، قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايەتلىرىگە جازا ھۆكۈم قىلغان. 

بۇنىڭ ئىچىدە، ماۋ فامىلىلىككە مۇددەتلىك 20 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۈچ يىللىق مەھرۇم قىلىنغان، بارلىق خۇسۇسىي مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان، بىرلىكتە قانۇنسىز كان ئاچقان ۋاڭ فامىلىلىك بىلەن دۆلەتنىڭ كان بايلىقىغا سالغان 14 مىليون 850 مىڭ يۈەن زىياننى تۆلەشكە بۇيرۇلغان. قالغان جاۋابكارلارغا 18 يىل 10 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن تارتىپ 3 يىل 6 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغىچە ئوخشاش بولمىغان جازا بېرىلگەن، ئارىدىكى ئاكتىپ قاتناشقان ئىككىيلەننىڭ بارلىق خۇسۇسىي مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان، قالغان جاۋابكارلارغا 800 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، 6 مىليون يۈەندىن ئارتۇق قانۇنسىز تاپاۋىتى تاپشۇرغۇزۇلغان.

قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى باشلانغاندىن بۇيان، ئالتاي شەھىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «قارا كۈچلەر بولسا قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىك بولسا رەزىللىكنى تۈگىتىش، قالايمىقانچىلىق بولسا قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرگە قارىتا قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش ۋە يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، ئېغىر مۇشت ئېتىپ، قاتتىق بولۇپ، دەل جايىدا، قاتتىق زەربە بەردى، بىخ ھالىتىدە بالدۇر زەربە بەردى. ھازىرغىچە، قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق گۇرۇھتىن تۆتنى، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق گۇرۇھتىن بىرنى بىتچىت قىلىپ، تۈرلۈك جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن 108نى پاش قىلىپ، 138 ئادەمنى قولغا چۈشۈردى، دېلوغا چېتىشلىق مال-مۈلۈكنى تەكشۈرۈپ پېچەتلىدى، توڭلاتتى. جەمئىيەت ئادىللىقى قوغدىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭدىكى ئىككى قاراگۇرۇھقا چېتىشلىق دېلوغا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى