ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ مەزمۇننى كۆرسىڭىز يۈرىكىڭىز ئېچىشىدۇ

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-10 15:09

ئاۋسترالىيەدىكى ئوت ئاپىتى تۆت ئايدىن ئارتۇق داۋاملىشىپ، 20 نەچچە ئادەم قازا قىلدى، تەخمىنەن 500 مىليون ھايۋان ئوت دېڭىزىغا غەرىق بولدى، نۇرغۇن ئۆيلەر ۋەيران بولۇپ، ئاھالىلەر سەرسان بولدى.

لېي. خاۋى بۇ قېتىمقى زور ئوت ئاپىتىدە  ئۆزى 16 يىلدىن بۇيان جاپادا باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان «كېنگۇرۇ مۇھاپىزەت رايونى»دىن ئايرىلىپ قالدى. «مۇھاپىزەت رايونى»دىكى ئون نەچچە كېنگۇرۇ ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى.

خاۋىغا نىسپەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ زەربە، ئائىلىسىدىكىلەردىن ئايرىپ قالغاندىن قېلىشمايدۇ.

«بۇ كېنگۇرۇلار بەزىدە سىزنى قوغلاپ، قۇچاقلاپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلاتتى. ئۇلار بەكمۇ سەزگۈر ھەم ئەقىللىك ئىدى، ماڭا نىسبەتەن ئۇلار گويا مىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىم.

 

يۈرەك ئاغرىدى.

500مىليون ھايۋان ئوت دېڭىزىغا شۇڭغۇدى. ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەر شۇنداقلا پۈتكۈل ئېكولوگىيە سىستېمىسى ناھايىتى زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. كىشىلەر كامېرا ئارقىلىق مەۋجۇداتلارنىڭ كۈلگە ئايلىنىۋاتقان  ئېچىنىشلىق مەنزىرىسىنى سۈرەتكە ئېلىۋالدى.

ھايۋاناتلار ئوتتا كۈيۈپ ئۆلدى.

جەسەتلىرى قاپقارا كۆمۈردەك...

بەزىلىرى تېخى ئۆرە ھالەتتە...

قورقۇنۇچلۇق مەنزىرە كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرىدۇ.

 

ئاۋسترالىيەدىكى زور ئوت ئاپىتىدە، خەلق بەكلا پەرىشان بولدى!  بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ئامما ھۆكۈمەتنىڭ يېتەرلىك قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللانمىغانلىقىدىن قاتتىق غەزەپلەندى،

 6-يانۋار 

بىر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنىڭ ئىختىيارسىز كامېراغا قاراپ زۇڭلى سىكوت موررىننى تىللاۋاتقان كۆرۈنۈشى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

«ئاۋسترالىيە» ئوت دېڭىزىغا ئايلاندى، 

زۇڭلى بولسا دەم ئالغىلى كەتتى!

كاۋلالار كۆيۈپ كەتتى.

ئوت ئۆچۈرگىچىلەر قايناپ كەتتى.

 

مەركىزىي تېلېۋىزىيەنىڭ باھالىغۇچىسى جوياڭ مۇنداق دېدى:

ئوت ئۆچۈرۈشكە ئاكتىپ ئەمەس، دەم ئېلىشقا كەلگەندە بەك تېز يۈگۈرەيدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ پۇتى راستتىنلا بەك ئۇزۇن بولسا، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن جايدىكى جانىۋارلارغا ، ئوماق كاۋلالارغا بېرىپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قېچىشىغا ياردەم بەرسە بولماسمىدى؟

ھازىر يېڭى زېلاندىيە بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ ئاسمىنى ئوت قىزىل رەڭدە كۆرۈنىدۇ. بىز ھېچقايسىمىز بۇنىڭ بىزنىڭ ئەتىدىكى ئاسمىنىمىز بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمىز.

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ مەزمۇننى كۆرسىڭىز يۈرىكىڭىز ئېچىشىدۇ

ئاۋسترالىيەدىكى ئوت ئاپىتى تۆت ئايدىن ئارتۇق داۋاملىشىپ، 20 نەچچە ئادەم قازا قىلدى، تەخمىنەن 500 مىليون ھايۋان ئوت دېڭىزىغا غەرىق بولدى، نۇرغۇن ئۆيلەر ۋەيران بولۇپ، ئاھالىلەر سەرسان بولدى.