ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-11 17:35

 

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنىنى داغدۇغىلىق ئاچتى، شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر قاتارلىقلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى، لى كېچياڭ سۆز قىلدى، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى، خەن جېڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 1-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنىنى داغدۇغىلىق ئاچتى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى. لى كېچياڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىندا سۆز قىلدى. خەن جېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىن 1-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن 2019-يىللىق دۆلەتلىك ئالىي پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن سابىق جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائەت گۇرۇھى شىركىتى 719-تەتقىقاتخانىسىدىن ئاكادېمىك خۇاڭ شۈخۇا ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاتموسفېرا فىزىكىسى تەتقىقاتخانىسىدىن ئاكادېمىك زېڭ چىڭسۈنگە مېدال ۋە گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى، ئۇلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ئۇلارنى تەبرىكلىدى ھەمدە ئۇلارنى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىشقا تەكلىپ قىلدى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى بىلەن بىرلىكتە دۆلەتلىك تەبىئىي پەن مۇكاپاتى، دۆلەتلىك تېخنىكا كەشپىيات مۇكاپاتى، دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىگە گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىغا قاتناشقان ۋە قوللىغان چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، شانلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئۆتكەن يىلى دۆلىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىدا يەنە ياخشى نەتىجىلەر يارىتىلىپ، خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە ئىگە بىر تۈركۈم نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش چوڭقۇرلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى، يېڭى قۇۋۋەت سىجىل تېز ئۆسۈپ يېتىلدى. بۇ يىل بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن-تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئۇل تەتقىقاتتىن ئىبارەت پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. مالىيەنىڭ مۇقىم مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانا قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سېلىنمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، خىراجەت كاپالىتى، نەتىجىنى باھالاش ۋە ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، مەغلۇبىيەتكە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشىغا مەدەت بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەسلىي ئىجادىيەت نەتىجىلەرنى يارىتىپ، داۋاملىق قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇش لازىم. كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ھالقىلىق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۇنى نەتىجىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كەسىپ يېڭى ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، مۇھىتنى تۈزەش قاتارلىق جەھەتلەردە تەتقىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخنىكىنى ئاممىغا يېقىنلاشتۇرۇپ، خەلققە بەخت يارىتىش كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەتقىق قىلىش ۋە ئېچىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاش تۇتۇپ قېلىش قاتارلىق باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى قوغداپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئارزۇسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر، تەتقىقات يۇرتلىرى ۋە تەتقىقاتخانىلار، ئادەتتىكى ئىجادكارلارنىڭ يۈرۈشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئىشلىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش لازىم. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن-تەتقىقات باشقۇرۇش «يېشىل يولى» ۋە تۈر خىراجىتىنى ئىشلىتىشتە «ھۆددىگە بېرىش تۈزۈمى» سىنىقىنى كېڭەيتىش كېرەك. پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئىختىساسلىقلارنى باھالاش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېشى، خىزمەت ئىستاژى، كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرۈنۈشى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، قابىلىيىتىگە ئاساسەن گەپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پەن تەتقىقات سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

ياش ئىختىساسلىقلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.خەلقئارا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ھەر قايسى دۆلەت پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇشى، كارخانىلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ تەرەققىي قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش لازىم.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش روھى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ روشەن تالانتى، ھەرقانداق دەۋردە كەم بولسا بولمايدىغان مەنىۋى ئالاھىدىلىك. پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى مۇكاپاتلانغۇچىلارنى ئۈلگە قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، شەخسىي غايىسىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا ئاڭلىق سىڭدۈرۈشى كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ،شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ،ئىككى100 يىللىق كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش لازىم.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ خې يىغىندا «گوۋۇيۈەننىڭ 2019-يىللىق دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى توغرىسىدىكى قارارى» نى ئوقۇپ ئۆتتى.

خۇاڭ شۈخۇا، زېڭ چىڭسۈن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بارلىق خادىملارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

مۇكاپاتلاش يىغىنى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

دىڭ شۆشياڭ، شۈ چىلياڭ، چېن شى، خۇاڭ كۈنمىڭ، سەي دافېڭ، شياۋ جيې، خې لىفېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، 2019-يىللىق دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بولۇپ تەخمىنەن 3300 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

2019-يىللىق دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىدا جەمئىي 296 تۈر ۋە 12 پەن-تېخنىكا مۇتەخەسسىسى باھالاپ چىقىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەتلىك ئالىي پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئىككى كىشى؛ دۆلەتلىك تەبىئىي پەن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈر 46، بۇنىڭ ئىچىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكىنى بىر، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكىنى 45؛ دۆلەتلىك تېخنىكا كەشپىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈر 65، بۇنىڭ ئىچىدە 3 تۈر 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 62 تۈر 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈر 185، بۇنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكىنى 3، 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكىنى 22، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكىنى 160؛ چەتئەللىك 10 مۇتەخەسسىسكە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق مۇكاپاتى بېرىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى ئېچىلدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنىنى داغدۇغىلىق ئاچتى، شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر قاتارلىقلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى، لى كېچياڭ سۆز قىلدى، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى، خەن جېڭ رىياسەتچىلىك قىلدى