ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بىلىۋېلىڭ! بۇ يىل ئىككى قېتىم ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنىدۇ

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-11 17:48

 

1-ئاينىڭ 9-كۈنى، مەملىكەت بويىچە ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش تورىنىڭ 2020-يىللىق ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىشنى تىزىملاش يولى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى.

2020-يىلى ئىككى قېتىم ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش بېكىتىلدى.

مەملىكەت بويىچە ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش (ئەر ئەسكەر) 2020-يىللىق چاقىرىققا بىنائەن تىزىملىتىش ۋاقتى:

ئالدىنقى يېرىم يىل: 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە

كېيىنكى يېرىم يىل: 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە

ئەر ئەسكەرلەرنى چاقىرىش ئوبيېكت دائىرىسى:

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ (ئوتتۇرا تېخنىكوم، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى)نى پۈتتۈرگەنلەر ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ياشلار (ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، يېشى 18 ياشتىن 22 ياشقىچە (1998-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2002-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە تۇغۇلغانلار)؛ ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە بولغان ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ يېشى 18 ياشتىن 24 ياشقىچە؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىگە ئىگە ياشلارنىڭ يېشى 18 ياشتىن 20 ياشقىچە.

ئەر ئەسكەرلەر توردا تىزىملىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە تىزىملىتىشنى تاماملىشى كېرەك.

 

مەملىكەت بويىچە ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش (ئايال ئەسكەر) 2020-يىللىق چاقىرىققا بىنائەن تىزىملىتىش ۋاقتى:

ئالدىنقى يېرىم يىل: 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 15-كۈنى، سائەت 18:00 گىچە

كېيىنكى يېرىم يىل: 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، سائەت 18:00 گىچە

ئايال ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلىش ئوبيېكت دائىرىسى:

ئالدىنقى يېرىم يىللىق چاقىرىققا بىنائەن تىزىملىتىش: ئادەتتىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلار ۋە مۇشۇ يىلى پۈتتۈرىدىغانلار (2019-يىلى پۈتتۈرگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، يېشى 18 ياشتىن 22 ياشقىچە.

كېيىنكى يېرىم يىللىق چاقىرىققا بىنائەن تىزىملىتىش: ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى بۇ يىل پۈتتۈرىدىغانلار (ئالىي مەكتەپكە يېڭى كىرگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئادەتتىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلار ۋە مۇشۇ يىلى پۈتتۈرىدىغانلار، يېشى 18 ياشتىن 22 ياشقىچە.

ھەربىي خىزمەتكە تىزىملىتىشنىڭ كونكىرېت مەشغۇلاتى:

مەملىكەت بويىچە ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش تورىغا كىرىپ ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە تىزىملىتىدۇ

بىرىنچى، باشلاش

https://www.gfbzb.gov.cn/ تورىغا كىرىسىز

باش بەتنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى «ئەسكەرلىككە تىزىملىتىش (ئەر ئەسكەر)»نى باسىسىز.

بىر قىسىم يىگىتلەر شۇنچە كۆپ تىزىملىكنى كۆرۈپ گاڭگىراپ قالىدۇ، ئەمەلىيەتتە جىددىيلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەگەر سىز بۇ تور بەتكە تۇنجى قېتىم كىرگەن بولسىڭىز، بىۋاسىتە «ئەسكەرلىككە تىزىملىتىش (ئەر ئەسكەر)»نى بېسىپ كىرسىڭىزلا بولىدۇ؛ بولمىسا «چاقىرىققا بىنائەن تىزىملىتىش (ئەر ئەسكەر)» دىن كىرسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن تۆۋەندىكى بەت كۆرۈنىدۇ.

بۇ بەتتە، تىزىملىتىش ۋاقتى ۋە ئەسكەرلىككە قاتنىشىشتىكى سىياسەتلەر چۈشەندۈرۈلۈشى بار، كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن «ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە تىزىملىتىش»نى بېسىپ، ئەسكەرلىك ھاياتىڭىزنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسسىڭىز بولىدۇ! (ئەسكەرلىككە تىزىملىتىپ بولغانلار، ئەسكەرلىككە قاتنىشىش ئارزۇسى بارلار بىۋاسىتە توردا چاقىرىققا بىنائەن تىزىملىتىشقا قاتناشسا بولىدۇ.)

ئىككىنچى، سىستېمىغا كىرىش

سىز بۇ بەتنىڭ ئۈستىدىكى «تىزىملىتىش» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ «شۆشىن تورى نومۇرى (学信网账号)»نى تىزىملاتقاندىن كېيىنلا كىرسىڭىز بولىدۇ، «شۆشىن تورى نومۇرى (学信网账号)» بولغانلارنىڭ قايتىدىن تىزىملىتىشى ھاجەتسىز، بىۋاسىتە كىرسە بولىدۇ.

«شۆشىن تورى نومۇرى (学信网账号)»غا تىزىملاتقاندا چوقۇم ھەقىقىي ئىسمىنى قوللىنىشى ۋە كىملىكنى ئەستايىدىل تولدۇرۇشى كېرەك، ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ئورگانلىرى بۇ ئۈنۈملۈك ئۇچۇرلارنى تەكشۈرىدۇ.

تىزىملاتقاندا، يان تېلېفون نومۇرى يەنى ھېسابات نومۇرى بولىدۇ، مەزكۇر نومۇر ۋە مەخپىي نومۇرنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ، تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن «دەرھال تىزىملىتىش»نى باسىسىز.

تىزىملىتىش ئوڭۇشلۇق بولغاندىن كېيىن «دەرھال كىرىش»نى بېسىپ «ھەربىي خىزمەت ئۆتەشنى تىزىملىتىش»نى داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.

سىستېمىغا كىرگەندىن كېيىن، ئوڭ تەرەپتىكى «ھەربىي خىزمەتكە تىزىملىتىشنى باشلاش»نى بېسىپ تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ.

ئۈچىنچى، ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇش

تىزىملىتىش باشلانغاندا بىر چۈشەندۈرۈش مەزمۇنى چىقىرىدۇ، سىزنىڭ باشقا يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلىغاندەك ئوقۇمايلا «جەزىملەشتۈرۈش»نى بېسىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلمايمىز.

ئەڭ ياخشىسى «ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە تىزىملىتىشتا بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار»نى ياخشى ئوقۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردە ئۆلچەمگە توشىدىغان-توشمايدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق چۈشىنىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز كېيىنكى خىزمەتلەردە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلىنالايسىز.

«مەن ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە تىزىملىتىشتا بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى ئوقۇپ بولدۇم»نى باسقاندىن كېيىن، ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە تىزىملاش ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇش بېتىگە كىرىسىز، بىر قاتار ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ، «تاپشۇرۇش»نى باسسىڭىز، تىزىملاش تاماملىنىدۇ.

ئەگەر 2020-يىللىق ھەربىي خىزمەتكە قاتنىشىشنى تىزىملاتماقچى بولسىڭىز، «بۇ يىللىق ھەربىي خىزمەتكە داۋاملىق تىزىملىتىش»نى بېسىپ، شەخسىي ئۇچۇرنى تولۇقلاڭ. سول تەرەپتىكى شۇنچە كۆپ تىزىملىكنى كۆرۈپ جىددىيلەشمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. پەقەت ئوڭ تەرەپتىكى مەزمۇندا كۆرسىتىلگىنى بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىز خاتالاشمايسىز.

«ھەربىي خىزمەت ئۆتەشنى تىزىملىتىش جەدۋىلىنى بېسىپ چىقىرىش»نى باسسىڭىز، تۆۋەندىكىچە بەت كۆرۈنىدۇ.

«ئەر پۇقرالارنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەشنى تىزىملىتىش كارتىسىنى چۈشۈرۈش»نى باسسىڭىز، تۆۋەندىكى «ھەربىي خىزمەت ئۆتەشنى تىزىملىتىش جەدۋىلى» كۆرۈنىدۇ.

يۇقارقى باسقۇچلار بويىچە، ئەسكەرلىككە قاتنىشىش ئارزۇسى بارلار، قېنى دەرھال ھەرىكەتلىنىڭلار!

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بىلىۋېلىڭ! بۇ يىل ئىككى قېتىم ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنىدۇ

1-ئاينىڭ 9-كۈنى، مەملىكەت بويىچە ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش تورىنىڭ 2020-يىللىق ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىشنى تىزىملاش يولى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. مەملىكەت بويىچە ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش تورىغا كىرىپ ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە تىزىملىتىدۇ