ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يان تېلېفوندا پۇل يۆتكەپ پۇل يۇيۇشقا چېتىلىپ قالغانلار

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-13 15:54

توردا چىقىم قىلىش كەسپىنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىك ئېشىش ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا، تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر تور سىرتىدىكى يوشۇرۇنچە يۆتكەشتىن تورغا يۈزلەنگەن. دېلوغا چېتىشلىق مەبلەغ ئوبوروت ئۇسۇلى شۇنىڭغا ئەگىشىپ تورلىشىپ، توردا قانۇنسىز چىقىم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ يېڭىدىن گۈللەنگەن تور جىنايەت شەكلى تېزدىن بارلىققا كەلگەن.

2019-يىل 8-ئاينىڭ 26-كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئىقتىسادىي رازۋېدكا ئىدارىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە قوماندانلىقىدا، «يىغىلما چىقىم قىلىش» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، يوشۇرۇن، قانۇنسىز ھالدا مەبلەغ راسچوت كەسپىنى قانات يايدۇرغان چوڭ تىپتىكى جىنايەت شايكىسىنى بىتچىت قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق 400 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغنى توڭلىتىپ قويغان.

بىر شەھۋانىي سۇپا بىلەن توردا قانۇنسىز چىقىم قىلىش سۇپىسى ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتكەن.

 

2017-يىل 3-ئايدا، داليەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى شاخېكۇۋ شۆبە ئىدارىسى بىر قېتىملىق شەھۋانىي سۇپا دېلوسىنى رازۋېدكا قىلىش داۋامىدا، شەھۋانىي سۇپىلار تورداشلارغا تىزىملىتىپ، ئەزا بولۇشى،ھەق تۆلەش ئۇچۇرىنى ئەۋەتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى، بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسى ئۈچىنچى تەرەپ چىقىم قىلىش سۇپىسى ئارقىلىق تۆلىنىدىغانلىقىنى، دېلوغا چېتىشلىق سوممىنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىغان. 2017-يىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، قانۇنغا خىلاپ ئالغان پايدا 230 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

لېكىن ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تىزىملاتقان ئەزالارنىڭ شەھۋانىي تور بېكەتلەرگە تۆلىگەن ھەقنىڭ بۇ تور بېكەتكە كىرمەي، بەلكى شۇجا پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ ھېساباتىغا كىرگەنلىكىنى بايقىغان. بۇ مەبلەغ نېمىشقا پەن-تېخنىكا شىركىتىگە يۆتكىلىدۇ؟ مەبلەغ يەنە نەگە يۆتكەلمەكچى؟

لىياۋنىڭ ئۆلكىسى داليەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى شاخېكۇۋ شۆبە ئىدارىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ خەنسۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئۇلار مەبلەغ سودا ئوبوروتى، سودا سوممىسى بىر قەدەر كۆپ بولغان كۇمى شىركىتىنى تاللاپ ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى باشلىغان، كۇمى شىركىتى ئەمەلىيەتتە «ئەيبېي» شىركىتى مەخسۇس ھېسابات يۆتكەيدىغان شىركەتلەرنىڭ بىرى.

بۇ خىل يېڭىچە ئالاقە تورى جىنايەت ئەندىزىسى ئەنئەنىۋى دېلولارغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇلار نۇرغۇن «پۈچەك» شىركەتلەرنىڭ ھىمايىسىدىن پايدىلىنىدىكەن، «ئەيبېي» دىن ئىبارەت بۇ شىركەت قانۇنسىز «4-تەرەپ چىقىم سۇپىسى» ئارقىلىق قانۇنسىز مەبلەغ ئوبوروتى ئېلىپ بارغان، 40 تىن ئارتۇق 4-تەرەپ چىقىم سۇپىسى ئەيبېيغا چىقىم راسچوتى قىلىپ بەرگەن.

خۇددى جىفۇباۋ، ئۈندىدارغا ئوخشاش ئۈچىنچى تەرەپ چىقىم قىلىش سۇپىسى چىقىم قىلىش كەسپى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىپ ئىجازەتنامە ئېلىشى،  ھەمدە مەركىزىي بانكىغا مەلۇم مىقداردا چىقىم ئېھتىيات فوندى چىقىم قىلىشى، مەركىزىي بانكىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

ئاتالمىش 4-تەرەپ چىقىم قىلىش سۇپىسى»دۆلەتنىڭ چىقىم قىلىش راسچوت ئىجازىتىگە ئېرىشەلمىگەن، زور مىقداردا دۇكان ياكى شەخسىي ئىسچوتنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئارقىلىق، قانۇنسىز چىقىم قىلىش يولى قۇرۇپ، باشقىلارنى قانۇنسىز چىقىم قىلىش راسچوت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ نۆۋەتتىكى تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى، توردا قىمار ئويناش قاتارلىق جىنايەت شايكىلىرىدىن مەبلەغ يىغىدىغان مۇھىم يول.

دېلوغا چېتىشلىق شېنجېن شەھىرى ئەيبېي ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2010-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى چاغدا پەقەت بىر پەن-تېخنىكا شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن يىغىلما چىقىم قىلىش كەسپىنى قانات يايدۇرغان. تىجارەت جەريانىدا، گەرچە مەبلەغ سودا مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن مۇلازىمەت ھەققىدىن ئالغان پايدىغا تايانغاچقا كۆپ پۇل تاپالمىغان. تەرەققىي قىلىشقا ئالدىراپ كەتكەن «ئەيبېي» ئۆز ئالدىغا «مەبلەغ كۆلچىكى» تەسىس قىلىپ، توردا قانۇنسىز چىقىم قىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلغان.

ئۇلار بىر قىسىم پۈچەك شىركەتلەردىن پايدىلىنىپ، بىر تەرەپتىن قانۇنسىز شەھۋانىي، قىمار تور بېكەتلىرىدىن پۇل ئېلىپ، يۇقىرى سوممىلىق شېرىنكانە ئالغان، يەنە بىر تەرەپتىن «مەبلەغ كۆلچىكى» ئىچىدىكى غايەت زور مەبلەغنى يۆتكەپ ئىشلىتىپ، يۇقىرى سوممىلىق مەبلەغ سېلىپ پايدا ئېلىشقا ئۇرۇنغان.

نۇرغۇن جىنايەت دەلىل-ئىسپاتىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى، ساقچى تەرەپنىڭ 100 دىن ئارتۇق ساقچىسى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ شېنجېن، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا، مەركەزلىك تۇتۇشنى قانات يايدۇرۇشقا تەييارلىق قىلغان.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى «توردا قانۇنسىز چىقىم قىلىش»قا مەخسۇس زەربە بەرگەندىن باشقا، خەلق بانكىسىمۇ توردا قانۇنسىز چىقىم قىلىشقا قارىتا نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرغان.

جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ داليەن شەھەرلىك مەركىزىي تارماق بانكىسى بوغالتىرلىق-مالىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جۇ يەن: 2019-يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، تەۋەلىكىدىكى قانۇنىي ئىگە بانكا 6415 قېتىم تەكشۈرۈپ، جىددىي چىقىم قىلىشنى توختىتىش ھېسابىدىن 423 نى قوبۇل قىلىپ، 115 ئىسچوتنى توڭلىتىپ، تەۋەلىكىدىكى ئالدامچىلىق دېلوسىدىن 38 نى توستى.

«تۇخۇم تۇتۇش» نىڭ A p p دېلوغا چېتىشلىق سوممىسى 1 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە بولۇپ ئون مىڭدىن ئارتۇق شەخسىي ئابونت سۇغا چۈشۈرۈلدى.

 

مەبلەغ تور قانۇنسىز كەسىپلەرنىڭ جان تومۇرى، قانۇنسىز كەسپىدە زور پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تور مەبلىغىنى راسچوت قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، «ئەيبېي» شىركىتى «بىرلىكتە چىقىم قىلىش» شەكلىدە نىقابلىنىپ، «تېخنىكا مۇلازىمىتى» تونىغا ئورىنىۋېلىپ،  توردا قانۇنسىز چىقىم قىلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇنىڭدىن زور پايدا ئالغان.

ئەمما توردا قانۇنسىز چىقىم قىلىش» بىلەن شۇغۇللىنىش شىركەتلەر ئارىسىدىكى قىلمىش بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا بەزى شىركەتلەر نۇرغۇن شەخسىي خېرىدارلارنى بۇنىڭغا قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، تور شەھۋانىيلىقى، توردا قىمار ئويناشنى قانۇنسىز مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن.

2019-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى يەنتەي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئىقتىسادىي رازۋېدكا ئىدارىسى تارقاتقان بىر يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇۋالغان، يىپ ئۇچىدا «تۇخۇم تۇتۇش» دەپ ئاتىلىدىغان يان تېلېفون قوللانمىسىنىڭ قىمار ئوينايدىغان تور بېكەت قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەت شايكىلىرىنى «ۋاكالىتەن كىرىم-چىقىم قىلىش» تۈرىدىكى قانۇنسىز چىقىم قىلىش راسچوت كەسپى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، دېلوغا چېتىشلىق سومما 1 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتكەنلىكى ئېيتىلغان.

ساقچىلارتەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ جىنايەت شايكىسىنىڭ ئىلگىرى ئۇزۇن مەزگىل ئالاقە تورىغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا، بۇ دېلوغا چېتىشلىق بانكا ئىسچوتى بىر قەدەر كۆپ، دېلوغا چېتىشلىق رايون كەڭ ئىكەنلىكىنى، بىر قەدەر يېڭى تىپتىكى تور جىنايىتىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

جىنايەت شايكىسى يان تېلېفون يۇمشاق دېتالىدىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز پائالىيەت ئېلىپ بارغان، ئۇلار قانۇنلۇق بولۇش تونىغا ئورنىۋالغان بولۇپ، زور دەرىجىدە قانۇنسىز مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە توپلاشقا قولايلىق ياراتقان.

زەربە بېرىشتىن قېچىش ئۈچۈن، «تۇخۇم تۇتۇش» يۇمشاق دېتالىنى تونۇشلار ئىسپات بەرگەندىن كېيىن چۈشۈرگىلى بولىدىغان قىلغان. شۇڭا يان تېلېفوندا ئەسلى بار بولغان سۇپا، دۇكانلاردىن بۇ يۇمشاق دېتالنى تاپقىلى بولمايدىكەن. «تۇخۇم تۇتۇش»نىڭ مەبلەغ ئوبوروتىنى «پۇل يىغقۇچى» مەسئۇل بولۇپ تاماملايدىكەن.

شياۋ خۇڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر پۇل يىغقۇچى. ئۇ ئۈندىداردا پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بانكا كارتىسىغا يۆتكىگەن.ئۆزىنىڭ بانكا كارتىسىدىن بوغالتىرنىڭ بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ بېرىپ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغان ھەمدە شېرىنكانە ئالغان.

كۆپ پۇل تېپىش ئۈچۈن، شياۋ خۇڭ ئون نەچچە ئۈندىدار نومۇرىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، ھەر كۈنى تۆت يانفون ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇۋېلىشنى كۈتكەن، ئۈچ ئاي ئىشلەپ، ئون مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل تاپقان. لېكىن نازارەت قىلىش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۈندىدار نومۇرى ئارقا-ئارقىدىن پېچەتلەنگەن. بۇ پۇل نەدىن كەلگەن، يەنە كىمنىڭ بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بېرىلگەن، بۇ پۇلنىڭ كېلىش مەنبەسى، ئىشلىتىلىش ئورنى، نەگە كەتكەنلىكىنى ئۇ ئېنىق بىلمەيدىكەن.

شەندۇڭ ئۆلكىسى يەنتەي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئىقتىسادىي رازۋېدكا تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لياڭ خۇڭچاۋ: بۇ ئىلگىرىكى بانكا كارتىسىنى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىش، بېرىپ تۇرۇشقا ئوخشاپ كېتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى توردا قىمار ئويناش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ سۇپىلارنى قانۇنسىز مەبلەغ، چىقىم قىلىش، راسچوت قىلىش كەسپى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ھېسابلىنىدۇ.

بۇ قانۇنسىز تور چىقىم سۇپىسىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ئاساسلىقى ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بىرىنچى قىسمى سۇپا تىجارىتىنى باشقۇرغۇچى تەرەپ؛ ئىككىنچى قىسمى بىرلىشىپ باشقۇرۇش؛ ئۈچىنچىسى تۈەنجاڭ، گۇرۇپپا باشلىقى ۋە كونكرېت پۇل يىغقۇچى. جىنايەت شايكىسىنىڭ تەشكىللىنىشى پۇختا، ھەربىر قاتلام، دەرىجىسى ئېنىق، مەسئۇلىيىتى ئېنىق ئايرىلغان. بۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق «پۈتۈننى پارچىلاپ»، چۈمۈلىلەر ئۆي كۆچۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق قانۇنسىز مەبلەغنى يۆتكەپ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ۋە زەربە بېرىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

2019-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى يەنتەي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئالدىن تەھقىقلەپ ئىگىلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، پۈتۈن شەھەردىكى 12 ناھىيە، شەھەردىكى 200 دىن ئارتۇق ساقچىنى ئاجرىتىپ، 12 تۇتۇش گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنۈپ،  مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ، بىر تۇتاش قولغا ئېلىشنى يۈرگۈزگەن.

بۇ دېلودىكى باش جىنايەتچى لو فامىلىلىك 2012-يىلى چەت ئەلدە ئوقۇپ، بازارغا كىرگەن بىر شىركەتتە باش تېخنىكا ئەمەلدارى بولغان، يىللىق مائاشى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەكتىن غەم قىلمىغان. ئۇچراشقان تېخنىكا سۇپىسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان بىر يولنى بايقىغان. ئارقىدىنلا ئۆزى پۇل چىقىرىپ يۇمشاق دېتال ئېچىشقا باشلىغان، بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، «تۇخۇم تۇتۇشA P P» سىنى توردا ئىشقا كىرىشتۈرگەن.

نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلار «نۆل سېلىنما، يۇقىرى پايدا ئېلىش نى يەمچۈك قىلىپ، شەخسىي ئابۇنىتلارنى تېزدىن كۆپلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «پۇل يىغقۇچى» غا ئايلاندۇرۇپ، «ئادەم تارتىش، شېرىنكانە بۆلۈشۈش» ئۇسۇلى ئارقىلىق، زور مىقداردىكى قانۇنسىز مەبلەغ ئوبوروتىنى يولغا قويغان. قىسقىغىنا يېرىم يىلدا، 10 مىڭغا يېقىن شەخسىي ئابۇنت بۇ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغان.

جىنايەت گۇماندارى لو:Xئاسماندىن بىكارغا نان چۈشىدىغان ئىش يوق، ئەگەر ئۆيدە ئولتۇرۇپ پۇل يىغساق، بۇ چوقۇم بىر ئالدامچىلىق ياكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش خەتىرى بار مەسىلە.

توردا قانۇنسىز چىقىم قىلىش دېلولىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىگە ئەگىشىپ، «توردا قانۇنسىز چىقىم قىلىش» چىقىم قىلىش ساھەسىدىكى «زەھەرلىك ئۆسمە» بولۇپ قالغان. نۆۋەتتىكى پۇل مۇئامىلە ساھەسىنىڭ تەرتىپىگە كاشىلا قىلىپ، دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن. جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئىقتىسادىي رازۋېدكا ئىدارىسى بۇ ساھەدىكى جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىستراتېگىيەلىك مەركىزى قۇرۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش، ئىشلىتىش ۋە زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرگەن.

جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئىقتىسادىي جىنايەتنى تەھقىقلەش ئىدارىسى پۇل مۇئامىلە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ لۇن: كېيىنكى قەدەمدە جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئىقتىسادىي رازۋېدكا ئىدارىسى بىلەن خەلق بانكىسىنىڭ چىقىم راسچوت مەھكىمىسى زىچ ماسلىشىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكە بولۇپ، جىنايى ئىشلارغا كۈچلۈك زەربە بېرىشنى شەكىللەندۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، توردا قانۇنسىز چىقىم قىلىش پائالىيىتىگە كۈچلۈك زەربە بېرىپ، پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تەرتىپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يان تېلېفوندا پۇل يۆتكەپ پۇل يۇيۇشقا چېتىلىپ قالغانلار

توردا چىقىم قىلىش كەسپىنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىك ئېشىش ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا، تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر تور سىرتىدىكى يوشۇرۇنچە يۆتكەشتىن تورغا يۈزلەنگەن.