ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-11 15:18

 

 

 

 

 

 

 شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونى ئەنجېن كوچىسى ئەنخۇالى مەھەللىسىگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ 1-سېپىنىڭ يۇقۇمنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىدا ئەنجېن كوچىسى ۋە ئەنخۇالى مەھەللىسىدە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مەھەللىلەرنىڭ كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈش، نۇقتىلىق ئاممىنى نازارەت قىلىشتەك «ئىككىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەھەللە يۇقۇمنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشتىكى 1-سەپ شۇنداقلا سىرتتىن كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك مۇداپىئە لىنىيەسى. مەھەللىدىن ئىبارەت بۇ مۇداپىئە لىنىيەسىنى ساقلىغاندىلا، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىش، يامراش يوللىرىنى ئۈنۈملۈك ئۈزۈپ تاشلىغىلى بولىدۇ. مەملىكەت بويىچە مەھەللىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتىكى تاقابىل تۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش كۈچىنى مەھەللىلەرگە قارىتىپ، مەھەللىنىڭ تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بارلىق مەھەللىلەرنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتىكى مۇستەھكەم قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى ئارقىلىق «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈپ ۋە كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىك رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەھەللە ئاھالىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ خەلق مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

 

 

 بۇ يىل 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ پايتەخت تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى بېيجىڭ دىتەن دوختۇرخانىسى يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنى قۇتقۇزۇش، داۋالاش، ئىلغاپ تەكشۈرۈش، ئايرىۋېتىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، بېيجىڭ شەھىرىدىكى تۇنجى دىياگنوز قويۇلغان  بىمارنى قوبۇل قىلىپ داۋالىدى. شى جىنپىڭ دىتەن دوختۇرخانىسى ئامبۇلاتورىيە بىناسىنىڭ 1-قەۋىتىدىكى يۈرۈشۈشنى نازارەت قىلىش مەركىزىگە بېرىپ، نازارەت قىلىش ئېكرانى ئارقىلىق، بىمارنىڭ بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە ۋىدىيو ئارقىلىق كېسەلخانىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان تېببىي خادىملار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى داۋالاش لايىھەسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋاملىق پۈتۈن كۈچى بىلەن  بىمارلارنى داۋالاپ، قوبۇل قىلىپ داۋالاش نىسبىتى ۋە داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، يۇقۇملىنىش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە ئىلھاملاندۇردى ھەمدە ئۇلارغا ئۆزىنى ياخشى قوغداشنى تاپىلىدى.

 

 

 شى جىنپىڭ خۇبېي ۋە ۋۇخەندىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. شى جىنپىڭ دىتەن دوختۇرخانىسىنىڭ يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇش، داۋالاش مەركىزىدە، ۋۇخەن شەھىرىدىكى يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنى داۋالاۋاتقان جىنيىنتەن دوختۇرخانىسى، شيېخې دوختۇرخانىسى، خوشېنشەن دوختۇرخانىلىرى بىلەن ۋىدېيودا كۆرۈشۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى تېببىي خادىملار، كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىدى، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېببىي خادىملار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ 1-سېپىگە ئاتلىنىپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەل ئالۋاستى بىلەن ئېلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئىشلەپ، كېچە-كۈندۈز باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، پارتىيە، خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇشتەك روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تىركىشىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، تېببىي خادىملار قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئالاھىدە جاپاغا چىدايدىغان، ئالاھىدە كۈرەش قىلالايدىغان روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇرۇش سېپىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن بىمارلارنى داۋالاپ، ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىشى كېرەك.

 

ئارقىدىن شى جىنپىڭ يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇش، داۋالاش مەركىزىدە ۋىدېيولۇق يىغىننى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەن، خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جياڭ چاۋلياڭنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى، خۇبېي قوماندانلىق ئىشتابىغا ۋاكالىتەن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، خۇبېيدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ 1-سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان تېببىي خادىملار، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى ۋە ھەرقايسى سەپلەردىكى يولداشلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى، بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا بەختكە قارشى قازا قىلغان ئاممىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، بىمارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خۇبېي، بولۇپمۇ ۋۇخەندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئومۇملۇقنى كۆزلەپ، ئاڭلىق ھەرىكەت قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلدى؛ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرى بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇردى، ھەر قايسى رايونلاردىن خۇبېي ۋە ۋۇخەنگە ياردەمگە بارغان تېببىي خادىملار، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر- جەڭچىلىرى شۇنداقلا ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خادىملار قانچە جاپا-مۇشەققەت بولسا، شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەشتەك قورقماس ئىنقىلاب روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇيرۇقنى ئاڭلاپ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئېگىلمەس-پۈكمەس ئىرادە بىلەن قۇربان بېرىشتىن قورقماي، قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى. كۆپچىلىك نۇرغۇن جاپالىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىگە زور تۆھپە قوشتى.

 

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى خۇبېي ۋە ۋۇخەن خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنى ۋۇخەنگە ئەۋەتىپ، ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ 1-سېپىدىكى خىزمەتلەرگە بولغان يېتەكچىلىكنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى ھەم خۇبېي خەلقى ۋە ۋۇخەن خەلقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلدى. ۋۇخەن-قەھرىمان شەھەر، خۇبېي خەلقى، ۋۇخەن خەلقى-قەھرىمان خەلق، تارىختا ئەزەلدىن جاپا-مۇشەققەت، قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمىگەن، يولداشلار بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يەڭسىلا، بىز چوقۇم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

 

 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خۇبېي ۋە ۋۇخەن-يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتىكى ئەڭ مۇھىم جاي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدىغان جاي. ۋۇخەن غەلىبە قىلسا، خۇبېي غەلىبە قىلىدۇ، خۇبېي غەلىبە قىلسا، پۈتۈن مەملىكەت غەلىبە قىلىدۇ. نۆۋەتتە، خۇبېي ۋە ۋۇخەننىڭ يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىش، يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇشقا توغرا كېلىدۇ. بىرىنچى، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى قەتئىي قوبۇل قىلىش كېرەك. مەنبەسىدىن تىزگىنلەش، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش-يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ تۈپ تەدبىرى. تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كارىۋىتىنى تېزدىن كۆپەيتىپ، چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىنى ياخشى ئىشلىتىپ، مېھمانخانا، تەربىيەلەش مەركىزىنى ئېلىپ ئىشلىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئايرىش كارىۋىتىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇپ، بىمارلارنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ داۋالاش لازىم. ئىككىنچى، داۋالاپ ساقايتىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىمار، مۇتەخەسسىس، بايلىق، داۋالاپ ساقايتىشنى مەركەزلەشتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، بىر قەدەر ياخشى كىلىنىكىلىق داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە دورىلارنى تاللاپ تەتقىق قىلىشنى تېزلىتىش لازىم. ئۈچىنچى، جەمئىيەت قاتلىمىدىن باشقۇرۇپ تىزگىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتە پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەتراپلىق، پۇختا ئىشلەپ، تۇرمۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، داۋالاپ ساقايتىش، روھىي جەھەتتىن يېتەكلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى جايىدا ئىشلەپ، جەمئىيەت ئومۇملۇقى، مۇقىملىقىنى قوغداش لازىم. تۆتىنچى، جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، خۇبېي ۋە ۋۇخەنگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئەھمىيەت بېرىپ، بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىدىغان مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش روھى، 1-سەپتىكى تېببىي خادىملار، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلارنىڭ تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەتئىي ئىشەنچىسى، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەمدە بولۇش قەتئىي ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش؛ نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەن ئىشلىرىغا ئاشكارا، ئېنىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، جامائەت پىكرىنى يېتەكلەشنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش؛ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش قانۇنى ۋە ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ساۋاتلىرىغا بولغان تەشۋىقىي-تەربىيەنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشكە يېتەكلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. بەشىنچى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىگە بولغان بىر تۇتاش قوماندانلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇشى؛ گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى-ماسلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ۋۇخەن قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىشى؛ مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى-خۇبېي ۋە ۋۇخەننىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىگە ھەم يېتەكچىلىك قىلىشى ھەم تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى لازىم. خۇبېي بىلەن ۋۇخەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى نۆۋەتتىكى بىرىنچى مۇھىم ئىش قىلىپ، ھەر قايسى شەھەر، ئوبلاست ۋە ناھىيە، يېزىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش كۈچەيتىپ، قوماندانلىق سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنكاستا كەسكىن، تېز، توشۇشتا يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك، ئىجرادا قەتئىي، كۈچلۈك بولۇشى كېرەك.

 

 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە غەمخورلۇق قىلىش لازىم، ئۇلار كېچە-كۈندۈز ئىشلەپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ئىنتايىن جاپا تارتماقتا، نۇرغۇن تېببىي خادىملار بەختكە قارشى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ قالدى، بەزىلىرى ھەتتا ھاياتىنى تەقدىم قىلىپ، تېببىي خادىملارنىڭ مېھرىبانلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئالىيجاناب روھىنى گەۋدىلەندۈردى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىپ ھەم كۆڭۈل بۆلۈپ، مۇنەۋۋەر تىپلار ۋە ئىلغار ئىش-ئىزلارنى كۈچلۈك تەشۋىق قىلىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، تۇرمۇش، بىخەتەرلىك، ئادىمىيەت غەمخورلۇقىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

 

 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش-خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن سالامەتلىكىنى قوغدايدىغان بىر مەيدان كەسكىن كۈرەش. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىنچىكە، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشى لازىم. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەتلەرنىڭ رەھبىرى كادىرلىرى سەپنىڭ ئالدىدا قوماندانلىق قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى كۈچەيتىشى؛ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار 1-سەپكە بېرىپ، ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇش، ھەممەيلەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، ھەممەيلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر بىر خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، ھەر بىر ھالقىنى جايىدا ياخشى قىلىشى كېرەك. زور سىناق ئالدىدا، كادىرلارنى تېخىمۇ تەكشۈرۈش، پەرق ئېتىش لازىم. ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلىرىنى ماختاش، تەقدىرلەش، دادىل ئىشلىتىش؛ ئىستىلدا ئەستايىدىل بولمىغان، ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتكەن، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتقان، قۇرۇق تالاش-تارتىش قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ئاممىنى كەڭ دائىرىدە قوزغاپ ۋە ئاممىغا تايىنىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىرادىدىن سېپىل ياساپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتىكى خەلق كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش لازىم.

 

 

شى جىنپىڭ دىتەن دوختۇرخانىسىدىن ئايرىلىپ چاۋياڭ رايونلۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەركىزىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، چاۋياڭ رايونىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم-پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەركەزلىرىنىڭ جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا بولغان بىر قېتىملىق سىناق. بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشى-ھەم ياخشى روھىي قىياپەت ۋە روشەن تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈردى ھەم نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلەرنى ئاشكارىلاپ بەردى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئاساسلىق قۇرۇلۇش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئىختىساسلىقلىرى، پەن تەتقىقات كۈچلىرى، قانۇن چىقىرىش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى كۈچەيتىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 

 

شى جىنپىڭ كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا يىغىننى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ پايتەخت بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيىتى ئېغىر، قىلچە بوشاڭلىق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش توغرىسىدىكى تۈرلۈك ھەل قىلغۇچ تەدبىر،ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،سىرتتىن كىرىش، ئىچكى جەھەتتىن كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ھالقىنى قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇم مەنبەسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۈزۈپ تاشلاپ، يۇقۇمنىڭ تەسىر دائىرىسىنى ئىمكانقەدەر تىزگىنلەش لازىم.چاغاندىن كېيىن بېيجىڭغا قايتىپ كېلىدىغانلار تەدرىجىي كۆپىيىۋاتقان، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىش خەۋپ-خەتىرى شىددەت بىلەن ئېشىۋاتقان ۋەزىيەتكە قارىتا، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قاراتمىلىق تۈزۈپ چىقىش نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش. بالدۇر بايقاش،بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشتا چىڭ تۇرۇپ، يېقىندىن ئۇچراشقانلارنى ئىمكانقەدەر بىر تۇتاش مەركەزلەشتۈرۈپ تېببىي كۆزىتىش كېرەك. مەھەللىدە بىرلىشىپ مۇداپىئە كۆرۈش تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى دەرھال دوكلات قىلىش لازىم.بۈيۈك مەلۇمات قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، يۇقۇم مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىشنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئورۇنلىرىدىكى خادىملار ۋە ماددىي ئەشيالارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىشىپ مۇداپىئە كۆرۈش تىزگىنلەش مېخانىزمى  قوللاش ۋە ماسلاشتۇرۇش كېرەك. 

 

 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: داۋالاش، قۇتقۇزۇشنى كۈچەيتىپ، نەتىجىلەرنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەۋزەللىككە ئىگە  داۋالاش كۈچلىرىنى تەشكىللەپ، يۇقۇملىنىش ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈملۈك داۋالاش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش لازىم. دەرىجىگە ۋە تۈرگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇپ  داۋالاش قۇتقۇزۇشنى يولغا قويۇپ، دىياگنوز قويۇلغانلارنىڭ يىغىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق يىغىپ،كېسىلى ئېغىر، خەتەرلىك بىمارلارنى مەركەزلىك داۋالاپ قۇتقۇزۇش ۋە پۈتۈن كۈچ بىلەن داۋالاپ قۇتقۇزۇش، بولۇپمۇ ھامىلىدارلار، بوۋاقلار، بالىلار قاتارلىق بىمارلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان  كەسكىن ئەھۋاللارغا تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ، دوختۇرخانىلارنى كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىش، كارىۋات كۆپەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، قوبۇل قىلىپ داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، كارخانىلارنى پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەشكىللەپ، ئالاقىدار ئۈسكۈنە، ۋاكسىنا، دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، بالدۇرراق بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. 

 

 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرىدىغان جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىپ، ئىرادىدىن سېپىل ياسايدىغان، قىيىنچىلىقلارنى بىرلىكتە يېڭىدىغان قۇدرەتلىك ئىجابىي كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئىلمىي مۇداپىئە بىلىملىرىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاممىنى يۇقۇمغا توغرا قاراشقا يېتەكلەپ، ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش لازىم. جەمئىيەتنىڭ   كۆڭۈل   بۆلۈشى ۋە جامائەت پىكرىنىڭ دىققىتىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك. سۇ، توك، گاز،ئىسسىقلىق قاتارلىق شەھەرنىڭ  ھاياتلىق لىنىيەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، شەھەرنىڭ نورمال ھەرىكىتىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. مال باھاسىنى ئۆستۈرۈش، بېسىمدارلىق قىلىش، توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قەتئىي زەربە بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش داۋامىدا كۆرۈلگەن تۈرلۈك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. 

 

 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش لازىم. ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىش ئاساسىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى، يۇقۇمنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىق كېرەك. ئىقتىسادنىڭ ھەرىكىتىنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادقا بولغان تەسىرىنى ئىمكانقەدەر تۆۋەنلىتىپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداش لازىم.  قۇرۇلۇۋاتقان تۈر قۇرۇلۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يېڭى تۈرلەردە ئىش باشلاش لازىم. ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمالىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تور ئىستېمالىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ساغلاملىق تۈرىدىكى ئىستېمالنى كېڭەيتىش كېرەك. كارخانا،كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرىغان كارخانىلارنى پۇل مۇئامىلە، ئادەم ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قېيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەنسېرى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە شۇنچە ئەھمىيەت بېرىش، بولۇپمۇ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كەڭ كۆلەملىك خادىم قىسقارتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 

   شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى، ھەر قايسى ئورۇنلار، بېيجىڭدىكى مەركەز كارخانىلىرى ۋە قىسىملار پايتەختنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى پائال قوللىشى ۋە ماسلىشىشى لازىم. ئالاقىدار تارماقلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ۋاقتىدا تارقىتىپ تولۇقلىشى كېرەك. بېيجىڭنىڭ داۋالاش بايلىقى، داۋالاش كۈچىنىمۇ بىر تۇتاش پىلانلاش مېخانىزمى ئورنىتىپ،بېيجىڭدىكى مەركەز ئورۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم. 

دىڭ شۆشياڭ، شياۋ جيې، جاۋ كېجى ۋە دۆلەتلىك سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى. 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى

شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونى ئەنجېن كوچىسى ئەنخۇالى مەھەللىسىگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ 1-سېپىنىڭ يۇقۇمنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.