ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىزدە يەنە 5090 يۇقۇملانغۇچى كۆپەيدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-14 15:38

2-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت نۆلدىن 24كىچە، 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغان 5090 بىمارنىڭ كۆپەيگەنلىكى، يەنە 2174 بىمارنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقى، يەنە 121 بىمارنىڭ قازا قىلغانلىقى (خۇبېيدا 116، خېيلوڭجياڭدا ئىككى، ئەنخۇي، خېنەن، چۇڭچىڭدا بىردىن)، 2450 گۇمانىي بىمارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

شۇ كۈنى يەنە 1081 بىمار ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، 26 مىڭ 905 كىشىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى.

2-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 24 كىچە، دۆلەتلىك سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى مەلۇم قىلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان بىمار جەمئىي 55748، (بۇنىڭ ئىچىدە كېسىلى ئېغىرلاشقانلار 10204)، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان كىشى جەمئىي 6723، قازا قىلغانلار جەمئىي 1380، ھازىر دىياگنوز قويۇلغان بىمار 63851، گۇمانىي بىمار 10109. نۆۋەتتە يېقىندىن ئۇچراشقان جەمئىي 493067 ئادەم ئىز قوغلاپ تېپىلدى، يەنە 177984 ئادەم تېببىي كۆزىتىلمەكتە.

خۇبېيدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان 4823 بىمار كۆپەيدى (ۋۇخەندە 3910)، 690 كىشى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى (ۋۇخەندە 370)، 116 بىمار قازا قىلدى (ۋۇخەندە 88)، ھازىر 46806 بىمارغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى (ۋۇخەندە 32959)، بۇنىڭ ئىچىدە 9278 بىمارنىڭ كېسىلى ئېغىر (ۋۇخەندە 7492). جەمئىي 3862 كىشى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى (ۋۇخەندە 2016)، جەمئىي 1318 كىشى قازا قىلدى (ۋۇخەندە 1016)، جەمئىي 51986 بىمارغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى (ۋۇخەندە 35991). يېڭىدىن 1154 گۇمانىي بىمار كۆپەيدى (ۋۇخەندە 473)، ھازىر گۇمانىي بىمار 6169 (ۋۇخەندە 2585).

بۇنىڭدىن باشقا، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىدا دىياگنوز قويۇلغان بىمار جەمئىي 81 بولۇپ، جۇڭگو شياڭگاڭدا 53 (بىرى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، بىرى قازا قىلدى)، جۇڭگو ئاۋمېندا 10 (ئۈچى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى)، جۇڭگو تەيۋەندە 18 (بىرى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى).

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىزدە يەنە 5090 يۇقۇملانغۇچى كۆپەيدى

شۇ كۈنى يەنە 1081 بىمار ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، 26 مىڭ 905 كىشىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى.