ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭ سىفەن داشۆسى ئەڭ بالدۇر ئوقۇش باشلىغان ئالىي مەكتەپ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 08:16

 

 

بۈگۈن سەھەردە، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى قىزغىن ئىزدەش تىزىملىكىگە چىقتى.
ئىزدەلگەن مەزمۇن بولسا، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلان قىلغان مەكتەپكە قايتىش ئۇقتۇرۇشى
شىنجاڭ سىرتىدىكى ساۋاقداشلار 3-ئاينىڭ 28-، 29-كۈنلىرى مەكتەپكە قايتىدۇ، خۇبېي ئۆلكىسى ۋە بېيجىڭلىق ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭ سىرتىدا. 

 

جىددىي ئۇقتۇرۇش! پىرىنسىپ جەھەتتىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىرتىدىكى(ھەممە شىنجاڭنىڭ سىرتىدا تۇرۇۋاتقان) ئوقۇغۇچىلار 3-ئاينىڭ 28-، 29-كۈنلىرى مەكتەپكە كېلىپ تىزىملاتسا بولىدۇ،شىنجاڭ ئىچىدىكى (ھەممە شىنجاڭنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان) ئوقۇغۇچىلار 4-ئاينىڭ 11-، 12-كۈنى كېلىپ تىزىملاتسا بولىدۇ. تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن، يېپىق شەكىلدە باشقۇرۇلىدۇ. تۆۋەندىكى ئالاھىدە ئەھۋاللاردا مەكتەپكە قايتسا بولمايدۇ(خۇبېي، بېيجىڭغا بارغانلىقىنى ئەنگە ئالدۇرۇشقا تېگىشلىك كىشىلەر، ھازىر خۇبېي ۋە بېيجىڭدا  تۇرۇۋاتقانلار). نۆۋەتتە بەدىنىدە بىنورمال ئەھۋال كۆرۈلگەنلەر مەكتەپكە قايتمايدۇ. كۆپچىلىك بېلەت سېتىۋېلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، قاتناش قورالى ۋە قېتىم سانىنىڭ ئۇچۇرىنى ئەۋەتكەندىن كېيىن بىر تۇتاش توشۇلىدۇ. تىزىملاتقانلار ئىككى كۈندە يېتىپ كېلىشى، كېچىكمەسلىكى كېرەك.


ئۇقتۇرۇش چىقىشىغىلا، ئوقۇغۇچىلار ھودۇقۇپ كەتتى، بېلەتنىمۇ ئالمىغان تۇرسا، ئوقۇش باشلاش ۋاقتى بەك ئالدىراپ كەتتىمۇ قانداق؟ ھېچ بولمىغاندا 10 كۈندىن 15 كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇشى كېرەك ئىدى.
ئارقىدىن، مەكتەپ توردا تارقالغان مەكتەپكە قايتىش ئۇچۇرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، كونكرېت ۋاقىت لايىھەسى تېخى تۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى، كۆپچىلىكنىڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشنى كۈتۈشى توغرىسىدا رەسمىي ئىنكاس قايتۇردى.

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    شىنجاڭ سىفەن داشۆسى ئەڭ بالدۇر ئوقۇش باشلىغان ئالىي مەكتەپ؟

    شىنجاڭ سىفەن داشۆسى قىزغىن ئىزدەش تىزىملىكىگە چىقتى.