ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن تېلېفونلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 11:20

 

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگودا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە، سىز جۇڭگودىن ھال سورىدىڭىز ھەم قوللىدىڭىز، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە ھەر ساھەسى بەس-بەستە ياردەم قولىنى سۇندى، جۇڭگو خەلقى بۇنى ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ. نۆۋەتتە گېرمانىيە يۇقۇمنىڭ كەسكىن خىرىسىغا دۇچ كەلدى، جۇڭگو خەلقى بۇنىڭغا قارىتا ئوخشاش ھېسسىياتتا. جۇڭگو گېرمانىيەنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، داۋاملىق كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ۋىدېيودا پىكىر ئالماشتۇردى، گېرمانىيە مۇتەخەسسىسلىرىمۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىللە جۇڭگوغا تەكشۈرۈشكە كەلدى. جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە داۋالاش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ۋاكسىنا ۋە دورا تەتقىقاتى قاتارلىق تەرەپلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ساغلاملىقى، بەخت-سائادىتى ۋە يەر شارىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ، مەن سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدىكى گېرمانىيە خەلقىنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىشىغا تىلەكداشمەن. 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ۋىرۇسنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق، ئۇ پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس. ھەر قانداق دۆلەت چەتتە قاراپ تۇرسا، ئۆزىنىڭلا غېمىدە بولۇپ، باشقىلار بىلەن كارى بولمىسا بولمايدۇ. بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق كۈچىنى نامايان قىلىپ، ئاكتىپ كۈچنى جارى قىلدۇردى. 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. جۇڭگو گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش، يۇقۇمغا ئىتتىپاقلىشىپ تاقابىل تۇرۇش ساداسىنى چىقىرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇشنى خالايدۇ. ھازىرقى ئەھۋالغا ھەم يىراق كەلگۈسىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەت ئىچى ئۈنۈمى بىلەن يەر شارى تەسىرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇپ، داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش شۇنداقلا بازارنى ئېچىۋېتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يەر شارى تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئوچۇق، مۇقىم، بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە مۇھىم سىياسىي قارالمىلارنى داۋاملىق ياخشى پىلانلاپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، يۇقۇمنىڭ زەربىسىنى ئازايتىشى لازىم.

مېركېل مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ياۋروپانىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى كەسكىن بولماقتا، گېرمانىيە كەسكىن ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللانماقتا. گېرمانىيە جۇڭگونىڭ ۋاقتىدا قىممەتلىك ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ۋاكسىنا، دورا تەتقىقاتى قاتارلىق ساھەلەردىكى پەن تەتقىقات ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەشنى ئۈمىد قىلىدۇ. گېرمانىيە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ئارقىلىق يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرى ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا قوللىشىپ، نۆۋەتتىكى كىرىزىسنى تۈگىتىش، يەر شارىنىڭ ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. گېرمانىيە يۇقۇم تۈگىگەندىن كېيىن جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە-جۇڭگو، ياۋروپا-جۇڭگو مۇھىم ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن تېلېفونلاشتى.