ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىتالىيەدە يۇقۇم نېمىشقا شۇنچە ئېغىر؟جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 15:12

 

ئىتالىيەدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتىدۇ.

شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى 2-تۈركۈمدىكى جۇڭگونىڭ ئىتالىيە يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىگە قارشى داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى مىلانغا يېتىپ باردى. 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى ئىككىنچى تۈركۈمدىكى جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، جېجياڭ داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى قارمىقىدىكى بىرىنچى دوختۇرخانىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى چيۇ يۈنچىڭ بىلەن كۆرۈشتى.
چيۇ يۈنچىڭ نۆۋەتتە ئىتالىيە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشتا دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ مەسىلىنى ئاشكارىلىدى يەنى نۇرغۇن كىشى ئۆزىنى تەكشۈرتمىگەن، يۇقۇش مەنبەسى تېخىچە بايقالمىغان.

 

 

 

 

چيۇ يۈنچىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ئىتالىيەدە ھەر كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمارلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ، بۇ يۇقۇش مەنبەسىنىڭ تېخى بايقالمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇ نۆۋەتتە ئىتالىيە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشتا دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە.
چيۇ يۈنچىڭ مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈش رېئاكتىپى ۋە تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ كۈچى يېتەرلىك بولمىغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى   تەكشۈرتمىدى، شۇڭا يۇقۇم مەنبەسى بايقالمىدى. شۇ سەۋەبتىن مەھەللە، كىشىلەر توپى ئارىسىدا زىچ ئۇچراشقۇچىلار ھەتتا بىمارلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ياخشى باشقۇرۇلمىدى، توختىماي يۇقۇملاندى، بۇ ئەڭ چوڭ مەسىلە.
چيۇ يۈنچىڭ يەنە مۇنداق دېدى: ئىتالىيەدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنى كونترول قىلىشنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىسى يۇقۇم مەنبەسىنى كونترول قىلىش، ئامال بار مەنبەدىن ئۈزۈپ تاشلاش، گۇمانلىق بىمارلارنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش تەكلىپى بېرىش.
بارلىق يۇقۇملانغۇچى كىشىلەرنى تېپىپ چىقىپ، چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىغا ئوخشاش ئايرىۋەتكەندىلا ئاندىن يۇقۇملانمايدۇ، بۇ ئەڭ مۇھىم ۋاسىتە. ئىتالىيە پەقەت داۋالاش قوشۇنىنى كۆپەيتىش، قۇتقۇزۇش-داۋالاش مەنبەسىنى كۆپەيتىش، يۇقۇش مەنبەسىنى تىزگىنلەشكىلا تايانغاچقا، يۇقۇمنى كونترول قىلىش ئۈنۈمى ناھايىتى ناچار بولغان.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جۇڭگو مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئىتالىيەنى داۋالاش ياردىمى ۋە داۋالاش بويۇمى بىلەن تەمىنلەشتىن سىرت، ئىتالىيەنىڭ شۇ جايدىكى دوختۇرخانىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، بىمارلارنى داۋالاش، تېببىي خادىملارنىڭ خىزمەت ھالىتى ۋە دوختۇرخانىنىڭ كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى ئىگىلىدى.
چيۇ يۈنچىڭ مۇنداق دېدى: شۇ جايدىكى دوختۇرخانىدا، دوختۇرلارنىڭ كېسەلگە بولغان تونۇشى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئايرىۋېتىش تەدبىرى جايىدا قوللىنىلمىغان. مەلۇم دوختۇرخانىدا ھەتتا نەچچە يۈز بىمار تەڭلا بىللە تۇرغان، «دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىش»، «گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش» ئەھۋالى ئېغىر بولغاچقا، دوختۇرخانىمۇ كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان جايغا ئايلانغان. جۇڭگو مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بۇ ئەھۋاللارغا قارىتا شۇ جايدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئايرىش تەدبىرى، دورا يەتكۈزۈش سىستېمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە تەكلىپ بەردى.
 چيۇ يۈنچىڭ مۇنداق دېدى: ئىتالىيەدىكى ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ مۇداپىئە شارائىتى بىر قەدەر ئاددىي بولغان دوختۇرخانىدا نورمىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ئاسان ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئېلىپ كەلگەن ماددىي ئەشيا ۋە تەجرىبىلەرنىڭ ئۇلارغا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
چيۇ يۈنچىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىم جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئىچىدە، يەنە ئىككى جۇڭيى دوختۇرى بار. ئۇندىن باشقا مۇتەخەسسىسلەر يەنە بىر قىسىم جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى ئېلىپ كەلدى، ھازىر 400 دىن ئارتۇق بىمارغا مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ،  جۇڭگو تېبابىتى دورىسى يېنىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ياكى ئۇنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، يۇقۇم مەزگىلىدە ئىتالىيەدىكى جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئوخشاشلا تەسىرگە ئۇچرىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، جۇڭگو مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى شۇ جايدىكى جۇڭگولۇقلارنى يىغىپ ، ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئۇلارغا تەسەللى بەردى.
ئىگىلىنىشىچە، كەلگۈسىدە جۇڭگو مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىتالىيەنىڭ لومبارد، مىلان قاتارلىق يۇقۇم ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر رايونلارغا قويىدىكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىتالىيەدە يۇقۇم نېمىشقا شۇنچە ئېغىر؟جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق

ئىتالىيەدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتىدۇ.