ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دېھقان-چارۋىچىلارغا خۇشخەۋەر! شىنجاڭ بۇ كەسپلەرنى گۈللەندۈرىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 17:53

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېھقانچىلىق رايونلىرىدا چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويىدۇ

بەش يىلدا سەككىز مىليون تۇياق قوي، 200 مىڭ تۇياق سۈت كالىسى، 300 مىڭ تۇياق گۆش كالىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلىدۇ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلدىن باشلاپ ئاپتونوم رايون دېھقانچىلىق رايونلىرىدا چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشقا باشلاپ، سىياسەت ۋە تۈر جەھەتتىن قوللاشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، بەش يىل ئىچىدە سەككىز مىليون تۇياق قوي، 200 مىڭ تۇياق سۈت كالىسى، 300 مىڭ تۇياق گۆش كالىسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىشكە تىرىشىدىكەن. ئاپتونوم رايوندا چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، مەۋقەنى يۇقىرى دەرىجىلىك بازار ئېھتىياجىغا قويۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، مىقدارنى ئاشۇرۇپ، خاس چارۋىچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋىي چارۋىچىلىق تەرەققىياتىدىكى يېڭى ۋەزىيەتنى يارىتىدىكەن.

3-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى جاڭ لۇ (ئوڭدا) ئاتۇش شەھىرى سۈنتاغ يېزىسى قۇلانچى كەنتىدە تۇغقىنى زەلىيە ئەكپەر بىلەن بىللە كالىغا يەم بەرمەكتە.

 

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايون چارۋىچىلىقنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆممىقوناق شاخ-شۇمبىسى قاتارلىق يەم-خەشەك ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يەم-خەشەكنى ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دېھقانچىلىق رايونلىرىدا كۆلەملەشكەن، ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىقىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، قوي، كالا باقمىچىلىقىنى كېڭەيتىپ، ھازىرقى چوشقا ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرىدىكەن. تيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا بىر تۈركۈم كۆلەملەشكەن سۈت كالىسى باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇپ، سۈت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرىدىكەن. سۈتچىلىك، گۆش پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان باشلامچى كارخانىلارنى ئاساسلىق تەرەققىيات نىشانى قىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەمدىكى زامانىۋىي چارۋىچىلىق كەسپى ئۈلگىلىك رايونى يارىتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىلوس كۆممىقونىقى، بېدە قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك يەم-خەشەكنى تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، «بۇغداي+سىلوس قونىقى» ئېڭىز ئورنىغا تېرىش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، «ئاشلىقنى يەم-خەشەككە ئۆزگەرتىش» كۆلىمىنى بىر مىليون مودىن ئاشۇرىدىكەن. ئوت-چۆپ، زىرائەت شاخ-شۇمبىلىرىنى پىششىقلاپ يەم-خەشەككە ئايلاندۇرۇش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، يەم-خەشەكتىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، يەم-خەشەكنىڭ بوغما ھالەتتىكى چەكلەنمە مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىدىكەن.

بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە نامرات رايونلاردا ئالاھىدە قۇش باقمىچىلىقىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، توشقان، ئېشەك قاتارلىق خاس كەسپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشنى قوللاپ، يەر شارائىتى بويىچە قوي-كالا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىرلەمچى-ئىككىلەمچى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىدا «چوڭ چارۋىلارنى مۇۋاپىق تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆي قۇشلىرىنى گەۋدىلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، خاس باقمىچىلىق تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش» ئىدىيەسى بويىچە، «ئاشلىقنى يەم-خەشەككە ئۆزگەرتىش» كۆلىمىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىپ، تېرىش بىلەن بېقىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئەندىزىنى كېڭەيتىپ، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تور قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، مىڭلىغان-ئون مىڭلىغان ئائىلە باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون چارۋا-قۇش نەسىلچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك قوش نەسلىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىش، دولان قويى نەسلىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىش قاتارلىق بەش كالا، قوي نەسىلچىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇشقا باشلاپ، ئېشەك، توشقان، ئالاھىدە قۇش قاتارلىق ئەلا نەسىل كۆپەيتىش سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەلا نەسىل ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە بار بولغان چارۋا-قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەلا سۈپەتلىك چارۋا-قۇشنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۇرۇق بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىكەن.

2019-يىلى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستا خاس چارۋا-قۇش باقمىچىلىقى تېز راۋاجلىنىپ، 40 مىليوندىن ئارتۇق ئۆي قۇشىنى كاتەكتىن چىقىرىش ئىقتىدارى يېڭىدىن كۆپەيدى، توشقان، غاز، ئۆردەك قاتارلىق خاس كەسىپلەر يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدى، ئېشەك، كەپتەر كەسىپلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى، چارۋىچىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش، دېھقانلار كىرىمىنىڭ سىجىل، مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينىدى.

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    دېھقان-چارۋىچىلارغا خۇشخەۋەر! شىنجاڭ بۇ كەسپلەرنى گۈللەندۈرىدۇ

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېھقانچىلىق رايونلىرىدا چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويىدۇ