ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-27 11:03

 

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە بېيجىڭدا 20 دۆلەت گۇرۇھى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە «يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى بىرلىكتە يېڭەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى، جۇڭگو خەلقى جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي، باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە تىزگىنلەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، ئومۇمىي خەلقنى سەپەرۋەر قىلىش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئاشكارا، ئېنىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ بىر مەيدان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلق جېڭىنى باشلىدى. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، غايەت زور قۇربان بېرىش بەدىلىگە، نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كەلدى، لېكىن بىز يەنىلا ھوشيارلىقنى قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىز كېرەك. نۆۋەتتە، يۇقۇم يەر شارى مىقياسىدا يامراۋاتىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ بۇ ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە بىرلىكتە غەلىبە قىلىش. جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ ھەمراھ بولۇپ قاتناشتى. شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى جۇڭگوغا سەمىمىي ياردەم بەردى ۋە قوللىدى، بىز بۇ دوستلۇقنى باشتىن-ئاخىر ئەستە ساقلايمىز ۋە قەدىرلەيمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىك پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارى مىقياسىدا يامراپ، خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىگە غايەت زور تەھدىت سالماقتا، يەر شارىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگە غايەت زور خىرىس پەيدا قىلماقتا. شى جىنپىڭ يىغىن قارالمىسى توغرىسىدا مۇنداق تۆت تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرىنچى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش يەر شارى بويىچە تاقابىل تۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھى سەھىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىنى بالدۇرراق ئېچىپ، ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىپ، دورا، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ چېگرا ھالقىپ تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى ئاجىز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە بىرلىكتە ياردەم بېرىش كېرەك. مەن 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ياردەم بېرىش تەشەببۇسىنى چىقىرىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئۇچۇر ئالاقىسى، سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش، ھەرىكەت جەھەتتە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشكە پايدىلىق ئۇسۇللاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، دورا ۋە ۋاكسىنىنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ياساشنى قانات يايدۇرۇشنى ھەمدە يۇقۇم تارقالغان دۆلەتلەرگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

ئىككىنچى، خەلقئارا بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش كېرەك. جۇڭگو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تور بىلىملىرى مەركىزى قۇرۇپ، بارلىق دۆلەتلەرگە ئېچىۋەتتى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كۈچىنى توپلاپ، بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، دورا، ۋاكسىنا، تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. رايون ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئالاقە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

ئۈچىنچى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى پائال قوللاش كېرەك. جۇڭگو دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تۈزۈشنى قوللايدۇ. مەن 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا تايىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش كۆرسەتمىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئالاقە قىلىش، ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى مۇۋاپىق پەيتتە ئېچىش كېرەك. تۆتىنچى، خەلقئارا ماكرو ئىگىلىك سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەر ماكرولۇق سىياسەت ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش سالمىقىنى بىرلىكتە ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك مالىيە ۋە پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. جۇڭگو خەلقئارا بازارنى خام ئەشيا، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىدۇ. ئاجىز ئاممىنى قوغداپ، خەلقنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جۇڭگو ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇپ بېرىپ، سودا مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ئىمپورت دائىرىسىنى پائال كېڭەيتىپ، سىرتقا مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلدى: 20 دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرى ئورتاق تەدبىر قوللىنىپ، تاموژنا بېجىنى كېمەيتىپ، كەچۈرۈم قىلىپ، توسۇقلارنى بىكار قىلىپ، سودىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كۈچلۈك سىگنال بېرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش روھىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھى ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماكرولۇق سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇش توغرىسىدا ۋاقتىدا مېخانىزم خاراكتېرلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز مۇشۇنداق ئاچقۇچلۇق  پەيتتە، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، بىز جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ،  ئۆز-ئارا ياردەم بېرىدىغانلا بولساق، يۇقۇم  ئۈستىدىن  ئۈزۈل-كېسىل غەلىبە قىلىپ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى كۈتۈۋالالايمىز.

بۇ يىل 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەئىس دۆلىتى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھى سالمان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرى ۋە مېھمان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، شۇنداقلا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ھەر قايسى تەرەپلەر سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۇنيا مىقياسىدا تېز سۈرئەتتە يامراۋاتىدۇ، دۇنيا ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە دۇنيا ئىقتىسادى، پۇل مۇئامىلە، سىياسىيغا غايەت زور سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە. پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن بۇ ئورتاق كىرىزىس ئالدىدا، ھېچقانداق بىر دۆلەت ئۆزىنىڭلا غېمىنى يېمەسلىكى كېرەك، خەلقئارا جەمئىيەت ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئىتتىپاقلىشىشقا ۋە ھەمكارلىشىشقا موھتاج، تېزدىن ماسلاشتۇرۇپ، كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك ئۈزۈپ تاشلاپ، دورا ۋە ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش قاتارلىق پەن تەتقىقات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بىمارلارنى قۇتقۇزۇش، داۋالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى كۈچلۈك قوغدىشى كېرەك. ئۈنۈملۈك مالىيە ۋە پۇل سىياسىتى ئارقىلىق، دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دۇنيا پۇل مۇئامىلىسىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۆۋەنلىتىش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەر دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە ئاجىز ئاممىنىڭ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەردى. باشلىقلار يىغىنىدا «20 دۆلەت گۇرۇھى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى باياناتى» ئېلان قىلىندى. دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى. 20 دۆلەت گۇرۇھى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنى سەئۇدى ئەرەبىستانى ئۇيۇشتۇردى، ۋىدېيولۇق ئېچىلدى، يىغىن يەر شارى بويىچە يۇقۇمغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

 

 

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە بېيجىڭدا 20 دۆلەت گۇرۇھى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى