ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-31 11:47

 

باش شۇجى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 29-كۈنى جېجياڭغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نىڭبودىكى جۇشەن پورتىغا بېرىپ، تاغنى كېسىپ ئۆتىدىغان پورت رايونى پىرىستانى، بېيلۇن داچى يۇقىرى دەرىجىلىك ماشىنا زاپچاسلىرى قېلىپى باغچە رايونىغا بېرىپ، پورت ۋە باغچە رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. 

باش شۇجى شى جىنپىڭ نىڭبو بېيلۇن داچى يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قېلىپى باغچە رايونىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىدە باغچە رايونىنىڭ باشقۇرۇش خادىملىرى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى، جېجياڭغا قايتىپ بارغان  ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپى، كارخانىلار، ئوخشاش بولمىغان كەسىپلەر تەسىرگە ئۇچرىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەتقىق قىلغان ۋاقىتتا ، ئوتتۇرا ، كىچىك كارخانىلارنى ئالاھىدە ئويلاپ، بەزى سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىنىڭ تۈپتىن ئالدىنى ئالدى؛ تېزدىن ياخشى ھالەتكە كەلتۈرەلىدى؛ يەنە كېلىپ يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈرەلىدى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشمۇ كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ بېقىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
باغچە رايونىدىكى جېنجى ماشىنىسازلىق قېلىپى چەكلىك شىركىتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى ئىشچىلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئۇلارنىڭ  تەن-سالامەتلىكىنى ئاسرىشىنى تاپىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاساسىدا، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پائال قانات يايدۇرۇپ ھەم ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىگە ھەم تەن -ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 

3-ئاينىڭ 30-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى ئەنجى ناھىيەسى تيەنخۇاڭپىڭ بازىرى يۈسۈن كەنتىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈردى، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەزكۇر كەنتنىڭ «سۈزۈك سۇ يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بايلىق» ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى ئىگىلىدى. ئارقىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەنجى ناھىيەلىك جەمئىيەتتىكى زىددىيەت-ماجىرالارنى مۇرەسسە  قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش، پەسەيتىش مەركىزىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى زىددىيەت-ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

    باش شۇجى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 29-كۈنى جېجياڭغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نىڭبودىكى جۇشەن پورتىغا بېرىپ، تاغنى كېسىپ ئۆتىدىغان پورت رايونى پىرىستانى، بېيلۇن داچى يۇقىرى دەرىجىلىك ماشىنا زاپچاسلىرى قېلىپى باغچە رايونىغا بېرىپ، پورت ۋە باغچە رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.