ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ جېجياڭدا داۋاملىق خىزمەت تەكشۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 11:31

 

 

 

باش شۇجى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 30-كۈنى داۋاملىق جېجياڭدا خىزمەت تەكشۈردى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئەنجى ناھىيەسى يۈسۈن كەنتى ۋە ئەنجى ناھىيەلىك ئىجتىمائىي زىددىيەت-ماجىرالارنى ياراشتۇرۇش، پەسەيتىش مەركىزىگە بېرىپ، «گۈزەل يېزا-كەنت» قۇرۇش ئەھۋالى ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ زىددىيەت-ماجىرالارنى ياراشتۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

2005-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئەينى چاغدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى ئەنجى ناھىيەسى يۈسۈن كەنتىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە، «يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇنىڭ ئۆزى قىممەتلىك بايلىق» دېگەن ئىلمىي ھۆكۈمنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. باش شۇجى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئارىدىن 15 يىل ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم يۈسۈن كەنتىگە كېلىپ خىزمەت تەكشۈردى. شى جىنپىڭ كەنتنىڭ يوللىرىنى ئارىلاپ، تاغنىڭ ياپيېشىل، سۇنىڭ سۈپسۈزۈك، يوللارنىڭ رەتلىك ئىكەنلىكى، ھەممە ئائىلىلەرنىڭ چىرايلىق ئۆيلەردە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدى. كەنت ئاھالىلىرى يول بويىدا تۇرۇپ ئارقا-ئارقىدىن باش شۇجىغا سالام قىلىپ، باش شۇجىنىڭ يەنە بىر قېتىم يۈسۈن كەنتىگە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ دېھقان ھويلىسىدا نەق مەيداندىكى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ۋاقىت بەك تېز ئۆتۈپتۇ، ئەينى يىللاردىكى ئەھۋال كۆز ئالدىمدا ئېنىق تۇرماقتا. يۈسۈن كەنتىنىڭ ھازىر قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى-يېشىل تەرەققىيات يولىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئىقتىسادنى ئېكولوگىيەنى بۇزۇش بەدىلىگە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ، ئېكولوگىيەنىڭ ئۆزى بىر خىل ئىقتىساد، ئېكولوگىيەنى ئاسرىغاندا، ئېكولوگىيەمۇ بىزگە مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ. بۇ يەردىكى يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇلارنى بەك پەردازلاپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، «گۈزەل يېزا-كەنت»لەر تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەۋزەل شارائىتىغا ئىگە. بولۇپمۇ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، توغرا يولدا ماڭغاندا، يۈسۈن كەنتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، يۈسۈن پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

ئارقىدىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەنجى ناھىيەلىك ئىجتىمائىي زىددىيەت، ماجىرالارنى ياراشتۇرۇش، پەسەيتىش مەركىزىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىجتىمائىي زىددىيەت-ماجىرالارنى ياراشتۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، خىزمەتچىلەر ۋە ئىش بېجىرگۈچىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: زىددىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش-بىر دۆلەت، بىر جەمئىيەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىكى بىر ئۇللۇق خىزمەت. مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ باش مەقسىتى-خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش. پۇقرالارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم، رازى قىلساق، دۆلىتىمىز بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ-بىزنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىمىزدىكى بىر قېتىملىق چوڭ سىناق. بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق، بىز بىردىن مىڭنى پەرەز قىلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو كومپارتىيەسى ئۈزلۈكسىز ساۋاق ئېلىش ۋە تەجرىبە توپلاش، ئۆزىنى توغرىلاش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن.

 

باش شۇجى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، خاڭجۇ شىشى دۆلەتلىك نەملىك باغچىسى، شەھەر چوڭ مېڭىسىنى يۈرۈشتۈرۈش قوماندانلىق مەركىزىگە بېرىپ، شىشى نەملىكىنى قوغداش، پايدىلىنىش ئەھۋالى ھەم خاڭجۇنىڭ شەھەر چوڭ مېڭىسىدىن پايدىلىنىپ، شەھەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈردى ھەم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    شى جىنپىڭ جېجياڭدا داۋاملىق خىزمەت تەكشۈردى

    باش شۇجى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 30-كۈنى داۋاملىق جېجياڭدا خىزمەت تەكشۈردى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.