ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خۇا چۈنيىڭ: نېمانچە يوغان قالپاق بۇ؟!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 18:29

 

 

 

 

 

3-ئاينىڭ 31-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر ”يېقىندا، ئامېرىكا قاتارلىق ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۆز دۆلىتىدە يۇقۇم يامرىغانلىقىنى جۇڭگوغا دۆڭگەپ، جۇڭگونى ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتنى يوشۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا دائىر يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، كىشىلەرنى ئامېرىكىنىڭ بۇ كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدىن گۇمانلاندۇرۇپ قويدى دەپ ئەيىبلىدى، يەنە يۇقۇم تۈگىتىلگەندىن كېيىن جۇڭگودىن "ھېساب ئالىدىغانلىقى"نى بىلدۈرۈشتى. بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟“ دەپ سورىدى.

 

خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۇنيا مىقياسىدا يامرىدى، بولۇپمۇ ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئېغىر ئەھۋال كېلىپ چىقتى. ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرى ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلىۋاتىدۇ. لېكىن خۇددى سىز ئېيتقاندەك، ئايرىم كىشىلەر قۇلاققا ياقمايدىغان گەپلەرنى قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەت ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان ھازىرقى ۋەزىيەتكە مۇخالىپ ئىش تۇتۇۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر نەچچە نۇقتىنى تەكىتلەيمەن:
يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى ۋىرۇس، شۇڭا ئۇنى بايقاش، تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە دەلىللەشكە مۇئەييەن ۋاقىت كېتىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2019-يىل 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، خۇبېي ئۆلكىسى جۇڭگو-غەرب تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ نەپەس يولى ۋە ئېغىر كېسەللىك ئىلىمى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ جىشيەن ئۆزى ئېنىق دىياگنوز قويغان ئۈچ گۇمانلىق بىمارنى دوكلات قىلغان؛ 3-ئاينىڭ 29-كۈنى، خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھەرلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى ئالاقىدار كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركەزلىرى ۋە دوختۇرخانىلارغا يۇقۇملۇق كېسەللىك ئىلىمى بويىچە تەكشۈرۈش ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن؛ 3-ئاينىڭ 30-كۈنى، ۋۇخەن شەھەرلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى «سەۋەبى نائېنىق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش خىزمىتى ھەققىدە جىددىي ئۇقتۇرۇش» چىقارغان؛ 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، دۆلەت سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋۇخەنگە بېرىپ تەكشۈرگەن. 2020-يىل 1-ئاينىڭ 3-كۈنى، جۇڭگو دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلدى؛ 3-ئاينىڭ 11-كۈنى، جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ بەش گېن گۇرۇپپىسىنى تورغا چىقاردى ۋە دۇنيا بىلەن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن سانلىق مەلۇماتلارنى ھەمبەھرىلەشتى؛ 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇڭگو  ۋۇخەننىڭ يوللىرىنى قامال قىلىش قاتارلىق ئومۇميۈزلۈك، ئۈزۈل-كېسىل، قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللاندى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى دەل ۋاقتىدا كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھايات بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋاقتىدا كەسكىن، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، نەچچە يۈز مىڭ ئادەمنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى دەپ باھا بەردى. نۇرغۇن دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ تەجرىبىسى ۋە ئۇسۇللىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە پايدىلىق ئۆرنەك بولۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. جۇڭگو ئاشكارا، مەسئۇلىيەتچان بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك تەرىپىگە ئېرىشتى.
بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا باھا بەرمەكچى ئەمەس، لېكىن خۇددى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى، خەلقئارا تاراتقۇلار ئېيتقاندەك، جۇڭگو بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا دۇنيا ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈپ بەردى. لېكىن ئالاقىدار دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ زور تۆھپىسى ۋە قۇربانلىقلىرى بەدىلىگە ئېرىشكەن قىممەتلىك كۆزنەك مەزگىلدىن تولۇق پايدىلىنالىدىمۇ يوق، بۇ ھەقتە ئالاقىدار دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئېنىق تونۇشقا ئىگە، خەلقمۇ ھەقىقىي ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ.
ئامېرىكىنى مىسالغا ئالساق، جۇڭگو 1-ئاينىڭ 3-كۈنىلا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئامېرىكىغا رەسمىي يوسۇندا قەرەللىك ھەمبەھرىلەپ بەردى. 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئامېرىكا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ۋە ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋۇخەنگە بارىدىغانلارغا سالامەتلىك ئەسكەرتىشى چىقاردى، 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئامېرىكا ۋۇخەندىكى كونسۇلخانىسىنى تاقىغانلىقىنى ۋە خادىملىرى ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 2-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بارلىق جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە ئۆتكەن 14 كۈن ئىچىدە جۇڭگو بېرىپ باققان چەت ئەللىكلەرگە چېگرانى تاقىدى. شۇنچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، ئامېرىكىدا ھېلىھەم جار سېلىپ، جۇڭگونى ئەيىبلەۋاتقانلار بار، ئۇلارنىڭ يۈرىكى پوكۇلدىمامدىغاندۇ؟ خىجىل بولمامدىغاندۇ؟ بۇ كىشىلەر جۇڭگوغا يوغان قالپاق ياساپ كىيگۈزۈپ قويماقچى، جۇڭگونى ئەڭ چوڭ قۇربانلىق قىلىۋەتمەكچى. لېكىن بۇ قالپاق بەك چوڭ، كەچۈرۈڭلار، بېشىمىزغا كىيگۈزەلمەيسىلەر.
يۇقۇم خۇددى بىر ئەينەكتەك ھەركىمنىڭ نىيىتىنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى، پەزىلىتىنىڭ ئېسىل-پەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتىدۇ. ۋىرۇسنىڭ ئىدېئولوگىيە بىلەن، ئېرىق بىلەن كارى يوق. يۇقۇم ئالدىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر تەقدىرداش، قولدىن كەتكەن ۋاقىتنى قارا چاپلاش، ھۇجۇم قىلىش، قالپاق كىيگۈزۈش ئارقىلىق تولۇقلىۋالغىلى بولمايدۇ، پەقەت ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشقاندىلا يۇقۇمدىن غالىب كەلگىلى بولىدۇ.
ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت باشلىقلىرى ئالاھىدە يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭىشنى مۇراجىئەت قىلدى. جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن پايدىلىق ئۇسۇللارنى ھەمبەھرىلىشىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى، شۇنداقلا ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرگە قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو شۇنداق دېدى ھەم دېگىنىنى قىلىدۇ. ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە بىخەتەرلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئۆز خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە سالامەتلىكىگە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، سىياسىي بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە مەغرۇرلۇقنى تاشلاپ، دىققىتىنى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا قارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خۇا چۈنيىڭ: نېمانچە يوغان قالپاق بۇ؟!

3-ئاينىڭ 31-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر ”يېقىندا، ئامېرىكا قاتارلىق ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۆز دۆلىتىدە يۇقۇم يامرىغانلىقىنى جۇڭگوغا دۆڭگەپ، جۇڭگونى ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتنى يوشۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا دائىر يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، كىشىلەرنى ئامېرىكىنىڭ بۇ كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدىن گۇمانلاندۇرۇپ قويدى دەپ ئەيىبلىدى،