ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىكى بەزى يېڭىلىقلار

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-21 17:04

您的浏览器不支持 audio标签

مۇخبىرىمىز ئەنۋەر ئەركىن خەۋىرى: 

يېڭى نۇسخىدىكى «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»  بۇ يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىندى، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش مەسىلىسى ئىزچىل ھەرقايسى تەرەپلەر دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىگە ئايلاندى. 

بېيجىڭ شەھىرىدە ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش بىلىملىرى تەشۋىق قىلىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەر مەدەنىي بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا يېتەكلەندى.

ھازىر بېيجىڭنىڭ ھەممىلا يېرىدە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ تاشلاش ساندۇقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، تۇرپان شەھەرلىك باغۋەنچىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مۇلازىمىتى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ھۆرنىسا قادىر بۇ يىل بېيجىڭغا كېلىپ بۇ يېڭىلىقنى ھېس قىلدى.

بۇ يىللىق ئىككى يىغىن ئېچىلىدىغان مەيدان، ۋەكىل ئەزالار چۈشكەن مېھمانخانىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ تاشلاش ساندۇقى ۋەكىل ئەزالارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 

    中央广播电视总台 央广网 版权所有