ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سىياسىي كېڭەش13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ3-يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-21 20:41

 

 

 

 

 

ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، گۈللىنىش ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات پىلانى ئۈستىدە تەڭ مەسلىھەتلىشەيلى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى يەتتە كۈندە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2000 دىن ئارتۇق ئەزاسى ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، بۇرچ ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ مۇجەسسەملەيدۇ. 

خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك زالىدا چىراغلار چاقناپ، ھەيۋەتلىك كەيپىياتقا تولغانىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىغا ئېسىلغان جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ گېربى چاقناپ تۇراتتى، ئىككى تەرىپىگە قىپقىزىل ئون بايراق تىزىلغانىدى. 

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېلىلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خۇخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، لى بىن، باتۇر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى. 

پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. 

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 2151، ئەمەلىي قاتناشقىنى 2057 بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن. 

چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە جاڭ چىڭلى يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. 

ئارقىدىن يىغىنغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەر بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا قۇربان بولغانلار ۋە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

يىغىندا ئالدى بىلەن سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىڭ قارالمىسى قاراپ چېقىلىپ ماقۇللاندى.

ۋاڭ ياڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىندا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2019-يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، باش شۇجى شۇ جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسى، تۈپ تەلىپى، كۈچەش نۇقتىنى مۇپەسسەل بايان قىلىپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بىلەن بولغان ئىچكى باغلىنىشىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى.

ۋاڭ ياڭ خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ ئۆتكەن بىر  يىلدىن بۇيانقى خىزمىتىنى تۆت مۇھىم نۇقتا ۋە تۆت تەرەپتىن يەكۈنلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى ھەمدە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «بەشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشتى. يېقىنقى مەزگىلدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، خەلق سىياسىي كېڭىشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، ھەرقايسى قاتناشقان ئورۇنلار ۋە ئەزالارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش كۆرۈشىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلدى. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئۆز خىزمەت ئورنىدا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى.

ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2020-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدىغان ۋە «13-بەش يىل»لىق پىلان تاماملىنىدىغان يىل. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى مۇنداق: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2-، 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بىر-بىرىگە سىڭىشىشى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا پىكىر-تەكلىپ بېرىش بىلەن ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنىڭ بىر-بىرىگە تۈرتكە بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان پارتىيە-گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەرساھە ئەربابلىرىنى كەڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، سەپەرۋەر قىلىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، كۈچنى مۇجەسسەملەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا تۆھپە قوشۇش.

ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكرى»دە نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. جەزمەن چىڭ تۇتۇپ ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسنى پۇختىلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي ئېغىشماستىن چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلق سىياسىي كېڭىشى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش، خەلق سىياسىي كېڭىشى ئىشلىرىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

ۋاڭ ياڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ئەزالار، «ئىككى يۈز يىللىق» كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي بىرىكىش نۇقتىسىدا، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى ئېغىر. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى. 

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جېڭ جيەنباڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، يىغىندا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىدىن بۇيانقى تەۋسىيە خىزمىتى ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەر قايسى قاتناشقان ئورۇنلىرى ۋە ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىندا 5488 تەۋسىيە سۇندى، قاراپ چىقىش ئارقىلىق، 4089 تەۋسىيە تۇرغۇزۇلۇپ، بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان 175 ئورۇننىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىپ، ھەممىسى  ۋاقتىدا بېجىرىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى. دائىمىي كومىتېت تەۋسىيە خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، خىزمەت تۈزۈم سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى؛ تەۋسىيەلەرنى بېجىرىشتە كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭىشى  تەۋسىيە خىزمىتىنىڭ چىڭ تۇرۇش داۋامىدا راۋاجلىنىشىغا، مۇستەھكەملىنىش داۋامىدا مۇكەممەللىشىشىگە  تۈرتكە بولدى. 

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ چېن، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۈنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يۇشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، خۇ چۈنخۇا، گو شېڭكۇن، خۇاڭ كۈنمىڭ، سەي چى، يۇ چۈەن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، جۇ چياڭ، جاڭ جۈن قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تەكلىپكە بىنائەن ئېچىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى قاتارلىقلار تەكلىپكە بىنائەن ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سىياسىي كېڭەش13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ3-يىغىنى ئېچىلدى

ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، گۈللىنىش ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات پىلانى ئۈستىدە تەڭ مەسلىھەتلىشەيلى