ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھەل قىلغۇچ پەيتتە كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-22 11:25

 

ئىستانسىمىز «ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش كۈچلۈك ئىشەنچى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى-مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىۋاتقان پەيتتە» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى.

ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇملۇقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ غايەت زور پاراخوتنى دولقۇنلار يېرىپ، مەزمۇت ئالغا ئىلگىرىلەتتى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ھالقىلىق ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلدى، مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ساھەسىدە مىسلىسىز نەتىجىلەر قولغا كەلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ئۈزلۈكسىز نامايەن بولدى. يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىللىق ئىككى يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋاقتى ئارقىغا سۈرۈلدى، يىغىن مۇددىتى قىسقارتىلدى. ئەمما بارلىق ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ ۋەزىپىسى تېخىمۇ كۆپ، ئۇلارغا قويۇلغان تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى، مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ ئېغىر. بارلىق ۋەكىللەر ۋە ئەزالار بۇرچ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، خەلق بەرگەن ھوقۇقنى ياخشى يۈرگۈزۈشى كېرەك.

ئوبزوردا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قېلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش تارىخىي ۋەزىپىسى ئالدىدا بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خەلق جېڭىدە نامايەن بولغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش روھىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىر تاختا شاھمات بولۇشتا، يۇقىرى تۆۋەن بىر نىيەتتە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. بارلىق ۋەكىللەر ۋە ئەزالار ياخشى كۆۋرۈكلۈك، تۈگۈنلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەز قىلىپ، دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇش، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇش ئاساسىدا، كۆپنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى تىرىشىپ توپلاپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كۆپنىڭ كۈچىنى توپلاپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش كۈچلۈك ئىشەنچىسى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    ھەل قىلغۇچ پەيتتە كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيلى

    ئىستانسىمىز «ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش كۈچلۈك ئىشەنچى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى-مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىۋاتقان پەيتتە» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى.