ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-22 18:08

 

 

 

 

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2956 ئىدى. 5-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنغا 2897 ۋەكىل قاتناشتى، 59 ۋەكىل قاتنىشالمىدى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن كەلدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدا، يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى جەنشۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى ئېچىلدى دەپ جاكارلىدى. يىغىن مەيدانىدىكى ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.

ئارقىدىن، يىغىنغا قاتناشقان بارلىق خادىملار يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا قۇربان بولغانلار ۋە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى.

يىغىننىڭ قارالمىسىغا ئاساسەن، لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلات جەمئىي سەككىز قىسىمغا بۆلۈندى: بىرىنچى، 2019-يىلى ۋە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈش؛ ئىككىنچى، بۇ يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ۋە كېيىنكى باسقۇچتىكى خىزمەتلەرنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ئۈچىنچى، ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇش سالمىقىنى زورايتىپ، تېرىشىپ كارخانىلارنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىش ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ تۆتىنچى، ئىسلاھاتقا تايىنىپ بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىش؛ بەشىنچى، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا تېزدىن بۇرۇلۇش ياساشقا تۈرتكە بولۇش؛ ئالتىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يەتتىنچى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنىڭ ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇش؛ سەككىزىنچى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشنى چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بىز ۋەزىيەتكە ھەر تەرەپلىمە ھۆكۈم قىلىپ، يۇقۇمدىن بۇرۇن ئويلاشقان كۆزلىمە نىشانىنى مۇۋاپىق تەڭشىدۇق، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ھەققىدە كونكرېت نىشاننى ئوتتۇرىغا قويمىدۇق، ئالدى بىلەن ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان-ۋەزىپىسىنى تېرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش؛ شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن توققۇز مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەھەر-بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %6 ئەتراپىدا، شەھەر-بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 ئەتراپىدا تىزگىنلەش؛ ئىمپورت-ئېكسپورتنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارالىق كىرىم-چىقىمنى ئاساسەن تەڭپۇڭ قىلىش؛ ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ئاساسەن تەڭ قەدەمدە ئېلىپ بېرىش؛ ھازىرقى ئۆلچەم ئاستىدىكى يېزا نامرات نوپۇسىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، بارلىق نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش؛ زور پۇل-مۇئامىلە خېيىم-خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش؛ بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى يارىتىشقا كېتىدىغان ئېنېرگىيە سەرپىياتى ۋە ئاساسلىق بۇلغىمىلارنى چىقىرىش مىقدارىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىپ، 13-بەش يىللىق پىلاننىڭ نىشان-ۋەزىپىسىنى تېرىشىپ ئورۇنلاش كېرەك.

يىغىننىڭ قارالمىسىغا ئاساسەن، يىغىندا، گوۋۇيۈەننىڭ 2019-يىللىق  خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ھەم 2020-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى ھەققىدىكى دوكلاتى، 2020-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ پىلان لايىھەسى، 2019-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2020-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى ھەققىدىكى دوكلاتى، 2020-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسىگە قاراپ چىقىلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چېن ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى لايىھەسى ھەققىدە ئىزاھات بەردى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، ۋاڭ چېن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ھەققىدىكى قانۇن تۈزۈمى ۋە ئىجرا مېخانىزمىنى ئورنىتىش ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە ئىزاھات بەردى.

 

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى ئېچىلدى

    13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.