ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ بايرام يېتىپ كەلمەستىنلا خۇش خەۋەرلەر يېتىپ كەلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-27 17:43

 

يەنە ئۇزۇنغا قالمىغان ۋاقىتتا دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىدۇ، ساياھەتكە تەييارلاندىڭىزمۇ؟ بۈگۈن (5-ئاينىڭ 27-كۈنى)دىن باشلاپ، تور ۋە تېلېفون ئارقىلىق دۈەنۋۇ بايرىمى كۈنىدىكى پويىز بېلىتىنى سېتىۋالالايسىز.

 

ئەسكەرتىش: بۇ جايلارنىڭ بېلىتىنى بالدۇرراق سېتىۋېلىڭ

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى ئېلىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشنىڭ دائىملىق باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىنكى تۇنجى ساياھەت قىسقا دەم ئېلىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە، يەنى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يولدا 33 مىليون 850 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلدى، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5 مىليون 640 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلدى. 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يولدا توشۇلغان يولۇچى 7 مىليون 370 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، چاغاندىن كېيىنكى كۈندىلىك يولۇچى توشۇش مىقدارىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى.

جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتى تەكشۈرۈپ ئۆلچىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەتتە ئەڭ قىزىق ئون ئورۇن تۆۋەندىكىچە: گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ، سىچۈەن، شەندۇڭ، خېبېي، خېنەن، خۇنەن، شەنشى، ئەنخۇي، شىنجاڭ. ئەگەر يۇقىرىقى جايلارغا ساياھەتكە بارماقچى بولسىڭىز، تېزدىن بېلەت تالىشىڭ.

 

قىسمەن ئايروپىلان بېلەتلىرى ئوقپويىزدىنمۇ ئەرزان

يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئوقپويىز بېلىتىنى سېتىۋالالمىسىڭىز ھېچ گەپ يوق، سىز ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. دۈەنۋۇ بايرىمى كۈنى بېيجىڭدىن باشقا شەھەرلەرگە بارىدىغان ئايروپىلان بېلەت باھاسى ھەتتا ئوقپويىزدىنمۇ ئەرزان. تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

   بېيجىڭ-گۇاڭجۇ لىنىيەسى: ئىككى ئارىلىقتا قاتنايدىغان ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ بېلەت باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 590 يۈەن، 615 يۈەن، 680 يۈەن، 720 يۈەن، 735 يۈەن، 781 يۈەن، 820 يۈەن، 840 يۈەن ئەتراپىدا. ئىككى ئارىلىقتا قاتنايدىغان ئوقپويىزنىڭ 2- دەرىجىلىك ئورۇن باھاسى 862 يۈەن.

   بېيجىڭ-شېنجېن لىنىيەسى: ئىككى ئارىلىقتا قاتنايدىغان ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ بېلەت باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 418 يۈەن، 650 يۈەن، 695 يۈەن، 750 يۈەن، 756 يۈەن، 860 يۈەن، 886 يۈەن، 900 يۈەن ئەتراپىدا. ئىككى ئارىلىقتا قاتنايدىغان ئوقپويىزنىڭ 2- دەرىجىلىك ئورۇن باھاسى 944.5 يۈەن.

   بېيجىڭ-چېڭدۇ لىنىيەسى: ئىككى ئارىلىقتا قاتنايدىغان ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ بېلەت باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 490 يۈەن، 510 يۈەن، 550 يۈەن، 560 يۈەن، 700 يۈەن، 760 يۈەن ئەتراپىدا. ئىككى ئارىلىقتا قاتنايدىغان ئوقپويىزنىڭ 2-دەرىجىلىك ئورۇن باھاسى 778.5 يۈەن.

  بېيجىڭ-چۇڭچىڭ لىنىيەسى: ئىككى ئارىلىقتا قاتنايدىغان ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ بېلەت باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 555 يۈەن، 563 يۈەن، 670 يۈەن، 680 يۈەن ئەتراپىدا. ئىككى ئارىلىقتا قاتنايدىغان ئوقپويىزنىڭ 2-دەرىجىلىك ئورۇن باھاسى 792 يۈەن.

  بېيجىڭ-كۈنمىڭ لىنىيەسى: ئىككى ئارىلىقتا قاتنايدىغان ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ بېلەت باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 500 يۈەن، 650 يۈەن، 700 يۈەن، 800 يۈەن، 870 يۈەن، 1000 يۈەن، 1017 يۈەن ئەتراپىدا. ئىككى ئارىلىقتا قاتنايدىغان ئوقپويىزنىڭ 2-دەرىجىلىك ئورۇن باھاسى 1147.5 يۈەن.

  بېيجىڭ-شيامېن لىنىيەسى: ئىككى ئارىلىقتا قاتنايدىغان ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ بېلەت باھاسى 440 يۈەن، 680 يۈەن، 700 يۈەن، 729 يۈەن ئەتراپىدا. ئىككى ئارىلىقتا قاتنايدىغان ئوقپويىزنىڭ 2- دەرىجىلىك ئورۇن باھاسى 803.5 يۈەن.

بۇ بېلەت باھاسى يۈرىكىڭىزنى تىپچەكلىتەلىدىمۇ؟ ئوقپويىز بېلىتىنى سېتىۋالالمىسىڭىز ئەپسۇسلانماڭ، باشقىچە سەپەر ئۇسۇلىنى تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

 

كۆپلىگەن ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتى ھەقسىز ياكى ئېتىبار بېرىلىدۇ

يۇقۇم ساياھەتچىلىككە زور تەسىر يەتكۈزدى، يۇقۇمنىڭ كونترول قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كۆپلىگەن جايلار ساياھەتچىلىكنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە، كەڭ كۆلەمدە تەدبىر قوللاندى. نۇرغۇن جايلاردىكى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى ھەقسىز قىلىش ياكى ئېتىبار بېرىش ئارقىلىق ساياھەتچىلەر جەلپ قىلىندى.

يۈننەن ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى بىردەك %50 ئېتىبار باھادا سېتىشنى ئېلان قىلدى. ساياھەت كوپىراتىپى تەشكىللىگەن ساياھەت ئۆمەكلىرى «بىر يان تېلېفون بىلەن يۈننەننى ساياھەت قىلىش» سۇپىسى ئارقىلىق بېلەت سېتىۋالسا، مەنزىرە رايونىنىڭ بېلەت باھاسى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. 

بۇنىڭدىن باشقا، يېقىندا، شاڭخەي مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپچىلىكى «100 مەنزىرە نۇقتىسىدا نەپ يەتكۈزۈش» قاتارلىق يۈرۈشلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. شەرقتىكى مەرۋايىت، شاڭخەي ھايۋانات باغچىسى، شاڭخەي جېنجياڭ شادلىق باغچىسى، شاڭخەي دېسنىي باغچىسى قاتارلىق 121 مەدەنىيەت-ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئېتىبار بېرىلىدۇ، قىسمەن مەنزىرە رايونلىرىدىكى ئېتىبار پائالىيىتى يىل ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. فۇجيەن ئۆلكىسىمۇ يېقىندا مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مىڭغا يېقىن ئېتىبار سىياسىتىنى يولغا قويدى، فۇجيەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەنزىرە رايونلىرى ھەقسىز ياكى ئېتىبار سىياسىتىنى يولغا قويدى، قىسمەن مەنزىرە رايونلىرىدىكى ئېتىبار پائالىيىتى يىل ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. گۈيجۇ ئۆلكسىمۇ مەنزىرە رايونى كىرىش بېلىتىنى ھەقسىز قىلدى، ساياھەتچىلەر ئالدىن كېلىشىكىنى بويىچە مەنزىرە رايونىغا كىرەلەيدۇ.

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ بايرام يېتىپ كەلمەستىنلا خۇش خەۋەرلەر يېتىپ كەلدى

يەنە ئۇزۇنغا قالمىغان ۋاقىتتا دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىدۇ، ساياھەتكە تەييارلاندىڭىزمۇ؟