ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇيىل نۇقتىلىق قىلىنىدىغان بۇ ئىشلارتۇرمۇشىمىزغا تەسىركۆرسىتىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-29 15:58

 

5-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئىككى خىزمەت دوكلاتى ئېلان قىلىندى. «دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزۈش جىنايىتىنى جازالاش»، «نامراتلارنى يۆلەش پۇل-ماللىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش جىنايىتىنى قاتتىق جازالاش»، «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتىنى قاتتىق جازالاش» قاتارلىق مەزمۇنلار ئىككى مەھكىمە بۇ يىل نۇقتىلىق قىلىدىغان ۋە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ ئىشلاردۇر.

1.دائىملىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈرلۈك جىنايەتلەرنى قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك؛ 

[ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى] دائىملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈرلۈك جىنايەتلەرنى قانۇن بويىچە جازالاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جانلىقلار بىخەتەرلىكى، جامائەت ساغلاملىقى بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايدۇ.

[ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى] يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز ئۆلتۈرۈش ۋە سودىلىشىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى قاتتىق جازالايدۇ.

2.مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؛

[ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى] قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق جىنايەت دېلولىرىنى قانۇن بويىچە ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قاراپ چىقىپ، ھەربىر دېلونى قانۇن ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ.

[ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى] كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەيىبلەشنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە كىرگەن قارا كۈچلەرگە ، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق دېلولارنى بېجىرىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك، دائىم ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. 

3.دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى قەتئىي جازالاش كېرەك؛

[ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى] دۈشمەن كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش، بۆلگۈنچىلىك قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىدۇ. 

[ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى] دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى قەتئىي جازالايدۇ. 

 

4.نامراتلارنى يۆلەش پۇل-ماللىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش جىنايىتىنى قاتتىق جازالاش كېرەك؛ 

 

[ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى] «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ساھەسىدىكى جىنايەتچىلەرنى قاتتىق جازالاپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەدلىيە كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە، مۇھىت بايلىقى قاتارلىق دېلولارنى سوت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى كۈچلۈك ئەدلىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

[ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى] نامراتلارنى يۆلەش پۇل-ماللىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش جىنايىتىنى قاتتىق جازالاپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى دېلوغا چېتىشلىق پۇل-مالنى تېز قايتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

5.يۇقۇمغا چېتىشلىق زىددىيەت، ماجىرالارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ ھەل قىلىشقا قاتنىشىش كېرەك؛

[ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى] ئەرز قىلىش دەرىجىسىگە يەتمىگەن ماجىرالارنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇرەسسە قىلىش، ئىجرا قىلىش ئارقىلىق يارىشىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقۇم سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زىددىيەت، ماجىرالارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىدۇ.

ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى رايون، جىنس كەمسىتىشلىرىنى قەتئىي قانۇن بويىچە تۈزىتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ ئەمگەك توختامى مۇناسىۋىتىنى سەۋەبسىز بىكار قىلىش ھەرىكىتىنى قەتئىي قانۇن بويىچە تۈزىتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئادىل ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.

[ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى] يۇقۇملۇق كېسەلگە چېتىشلىق زىددىيەت، ماجىرالارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ پەسەيتىشكە قاتنىشىپ، يۇقۇملۇق كېسەلدىن كېيىنكى جەمئىيەتنى تۈزەشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 

6.جامائەت بىخەتەرلىكى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى جىنايەتلەرنى قاتتىق جازالاش كېرەك. 

 

[ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى] جامائەت بىخەتەرلىكى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى جىنايەتلەرنى قاتتىق جازالاپ، يېڭىچە جىنايەت مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ.

[ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى] جامائەت پاراۋانلىقى دەۋاسىنى تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، جامائەت ساغلاملىقى، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، توردا دەخلى-تەرۇز قىلىش، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى جامائەت پاراۋانلىقى زىيىنى دېلولىرىنى پائال، پۇختا بېجىرىدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتىنى قاتتىق جازالاپ،«1-نومۇرلۇق تەپتىش تەكلىپى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

 

7. شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە جىنايەتلىرىنى قاتتىق جازالاش كېرەك.

 

 [ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى] مۈلۈك ھوقۇقى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئەدلىيەلىك قوغداشنى كۈچەيتىپ، سودا مەخپىيەتلىكىنى قوغدايدۇ. سانلىق مەلۇمات ھوقۇقى ۋە شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

[ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى] پۇل مۇئامىلە جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى قاتتىق جازالايدۇ.

8.ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك.

[ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى] خىزمەت ئۈستىدە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى قانۇن بويىچە جازالاپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىدۇ.

[ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى] نازارەت قىلىش بىلەن تەپتىش قىلىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتنى قانۇن بويىچە جازالايدۇ.

 

9.ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە يېمەكلىك ساھەسىدىكى جامائەت پاراۋانلىقىغا زىيان يەتكۈزۈش دېلولىرىنى گەۋدىلىك ياخشى بېجىرىش كېرەك.

 

[ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى] خەلقنىڭ ساداسىنى بىرىنچى سىگنال قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىدۇ. 

[ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى] ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە يېمەكلىك ساھەسىدە جامائەت پاراۋانلىقىغا زىيان يەتكۈزۈش دېلولىرىنى گەۋدىلىك ياخشى بېجىرىدۇ. 

10.شەھەر جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىش كېرەك. 

 

[ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى] شەھەر جەمئىيىتىنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىپ، خەلق سوتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

[ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى] يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىدۇ. 

 

11.ئاقىل سوت مەھكىمىسى، ئاقىل تەپتىش قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ؛ 

 

[ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى] يۇقۇم مەزگىلىدە ئەقلىي سوت مەھكىمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئالاقە تورى قانۇن يۈرگۈزۈش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، توغرا قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق رەقەملىك ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ. 

[ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى] تەپتىش ئىشلىرىنى ئىلمىي باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاقىل تەپتىش ئىشلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئاساسىي قاتلام تەپتىش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدۇ.

12.قانۇن يۈرگۈزۈش چىرىكلىكىنى قاتتىق جازالاش كېرەك.

 

[ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى] شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، تاشقى ۋە ئىچكى خادىملارنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈشتىكى «ئۈچ بەلگىلىمە» قاتارلىق قاتتىق بەلگىلىمە ۋە چەكلەش بۇيرۇقلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىنى قەتئىي توسۇپ ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يوشۇرۇن مەشغۇلات قىلىشقا بوشلۇق قالدۇرماي، «دېلو ئارقىلىق ئەخلاقنى چۈشەندۈرۈش، دېلو ئارقىلىق ئىنتىزامنى چۈشەندۈرۈش، دېلو ئارقىلىق قانۇننى ئىزاھلاش» ئىبرەت تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، قەتئىي تاقەت قىلماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن قانۇن يۈرگۈزۈشتىكى چىرىكلىكنى قاتتىق جازالاپ، «قاتتىق» ئاساسىي رىتىمنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، پاكلىق قانۇنى ئارقىلىق قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

[ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى] پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «قاتتىق» ئاساسىي رىتىم ئاستىدا پۈتۈن سىستېمىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىي تۇتۇپ، تەپتىش قوشۇنىنى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان تەپتىش پولات قوشۇنى بەرپا قىلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇيىل نۇقتىلىق قىلىنىدىغان بۇ ئىشلارتۇرمۇشىمىزغا تەسىركۆرسىتىدۇ

5-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئىككى خىزمەت دوكلاتى ئېلان قىلىندى.