ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىككى يىغىن يېپىلدى، تۇرمۇشىڭىزدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-30 16:38

 

5-ئاينىڭ 28-كۈنى، بۇ يىللىق ئىككى يىغىن يېپىلدى. بۇ يىلدىكى ئىككى يىغىننىڭ ۋاقتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن قىسقا بولدى، لېكىن خەلق تۇرمۇشىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈش ئازراقمۇ ئازايمىدى. بۇ يىللىق ئىككى يىغىن كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىغا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

ئىشقا ئورۇنلىشىش

زۇڭلى لى كېچياڭ، 5-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، سىياسەتتىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك.» «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بۇ يىل شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توققۇز مىليوندىن ئاشتى، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى 35 مىليون ئادەم قېتىم ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى قالدۇقى ئارقىلىق ئىش ئورنىدا تەربىيەلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى داۋاملىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بۇ يىل تۆۋەن كىرىملىكلەرگە قارىتا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا چېتىلىدىغان مەمۇرىي، كەسپىي ھەقلەرنىڭ ھەممىسى بىكار قىلىنىدۇ.

ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى

5-ئاينىڭ 28-كۈنى، زۇڭلى لى كېچياڭ مۇنداق دېدى:«ھازىر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئىشسىزلىق كاپالىتى، قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشكە تېگىشلىك ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار يىلدا تەخمىنەن 60 مىليون ئەتراپىدا بولىدۇ، مۆلچەرىمىزچە كېلەر يىلى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، لېكىن كاپالەت ۋە قۇتقۇزۇش مەبلىغى يېتەرلىك، ئۇلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىقتىدارىمىز بار.»

تۇرالغۇ ئۆي

«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا، ئۆينى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلماي، تۇرالغۇ قېلىشتا چىڭ تۇرۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شەھەر-بازارلاردىكى 39 مىڭ كونا ئولتۇراق رايوندا يېڭىدىن ئىش باشلاپ ۋە ئۆزگەرتىلىپ، لىفىت ئورنىتىشقا مەدەت بېرىلدى.

ئاشلىق

يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرى خەن چاڭفۇ 5-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«دۆلىتىمىز ئۇدا ئون نەچچە يىل ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئالدى، بۇلتۇر مەھسۇلات مىقدارى بىر تىرىليون 327مىليارد 700 مىليون جىڭ بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇدا بەش يىل بىر تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى بولدى. چوشقا گۆشىنىڭ باھاسى يېقىندا ھەقىقەتەن چۈشتى، توپ تارقىتىش بازىرىدا ئۇدا 13 ھەپتە ئاز مىقداردا چۈشۈپ، ئەڭ يۇقىرى بولغان ۋاقىتتىكىدىن  %23 تۆۋەنلىدى.»

ئىستېمال

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: پىيادىلەر كوچىسى ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق سودا، تېز يوللانمىلارنىڭ يېزىغا كىرىشىنى قوللاپ، يېزا ئىستېمالى كېڭەيتىلىدۇ. زۇڭلى لى كېچياڭ، 5-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇنداق دېدى:«يېڭىدىن كۆپەيگەن قىزىل رەقەم ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى دۆلەت قەرزى مەبلىغىنىڭ %70 ئەتراپىدىكى مەبلەغ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىگە بىۋاسىتە تىرەك بولۇپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنى يېتەكلەيدۇ.»

ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مەملىكەت بويىچە 300 مىليونغا يېقىن كىشى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئالىدۇ، ۋاقتىدا، تولۇق سوممىدا تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. زۇڭلى لى كېچياڭ 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، مۇنداق دېدى:«بۇ يىل بىز كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈردۇق، دېگەنكەنمىز، چوقۇم ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.»

داۋالىنىش سۇغۇرتىسى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى 30 يۈەن كۆپەيتىلىپ، ئامبۇلاتورىيە ھەققىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلىدۇ.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئالاھىدە دۆلەت قەرزىنى ياخشى ئىشلىتىپ، ۋاكسىنا، دورا ۋە تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈش تېخنىكىسى تەتقىقاتى سېلىنمىسىنى كۈچەيتىش كېرەك، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتىش، كۆچمە تەجرىبىخانىلارنى كۆپەيتىش، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەشيا كاپالىتىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلام سەھىيە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك.

مائارىپ

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يېزا-بازار ياتاقتا يېتىپ ئوقۇش تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەر ۋە ناھىيە-بازار مەكتەپلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئالاھىدە مائارىپ، ئۈزلۈكسىز مائارىپنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، پۇقرا مائارىپىنى قوللاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، پۇقراۋىي يەسلىلەرنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش كېرەك.

سەپەر

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرى مياۋ يۈ 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇنداق دېدى:«توك قاچىلاش، ئالماشتۇرۇش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز، ھەر خىل توك قاچىلاش، ئالماشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۆز-ئارا باغلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىمىز، يەرلىكتىكى ھۆكۈمەتلەرنى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئىشلىتىلىشىدە ئاپتوموبىل توختىتىش، يۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرىمىز.

خەۋەرلىشىش

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرى مياۋ يۈ 5-ئاينىڭ 25-كۈنى مۇنداق دېدى:«بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، G5 قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى. ھازىر ھەپتىدە تەخمىنەن 10 مىڭدىن ئارتۇق G5 ئاساسىي پونكىتىنى كۆپەيتىۋاتىمىز. 4-ئايدىلا  G5 ئابۇنتتىدىن يەتتە مىليون ئادەم كۆپىيىپ، جەمئىي 36 مىليوندىن ئاشتى.»

كارخانىنى تۇراقلاشتۇرۇش

«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: پۈتۈن يىلدا كارخانىلارنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن يۈكى ئىككى تىرىليون 500 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، كارخانا قۇرۇش پۈتۈن مۇساپىسىنى توردا بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇلۇش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار قەرز پۇلىنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىش سىياسىتى كېلەر يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىلىدۇ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز پۇلىنى  ئۇزارتىش كېرەك. زۇڭلى لى كېچياڭ 5-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇنداق دېدى:«بۇ يىلقى نىشان ھەر كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن بازار سۇبيېكتىنى 20 مىڭ ئەتراپىغا يەتكۈزۈش.»

مۇھىت ئاسراش

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرى خۇاڭ رۈنچيۇ 5-ئاينىڭ 25-كۈنى مۇنداق دېدى:«دۆلىتىمىز ئىقتىسادى گەرچە بىر قەدەر چوڭ بېسىمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا يۆنىلىشنى ئۆزگەرتمەسلىك، سالمىقىنى بوشاتماسلىق كېرەك. بىرلىك GDP كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارى، ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى شەھەرلەردىكى سۈپەتلىك ھاۋا كۈن سانى نىسبىتىدىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتە، بۇ يىل ئۈزلۈكسىز تىرىشىمىز.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىككى يىغىن يېپىلدى، تۇرمۇشىڭىزدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟

5-ئاينىڭ 28-كۈنى، بۇ يىللىق ئىككى يىغىن يېپىلدى.