ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ توققۇز خىل ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، دەرھال دېلو مەلۇم قىلىڭ!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-30 16:42

 

يېقىندا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتارلىق توققۇز تارماق بىرلىكتە «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زىيانكەش يەتكۈزۈش دېلولىرىنى مەجبۇرىي دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى بېسىپ تارقاتتى، پىكىردە مۇنداق بەلگىلەندى: قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كەسىپلىرى بىلەن زىچ ئۇچرىشىدىغان ھەر خىل تەشكىلاتلار ۋە ئۇلارنىڭ كەسىپكارلىرى، خىزمەت جەريانىدا جىنسىي دەخلى-تەرۇز، خارلاش، بوزەك قىلىش، تاشلىۋېتىش، ئالداپ سېتىۋېتىش قاتارلىق قورامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇنسىز زىيانكەشلىك قىلىدىغان توققۇز خىل ئەھۋالنى بايقىغاندا، دەرھال جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا دېلو مەلۇم قىلىش ياكى پاش قىلىش كېرەك.

خىزمەت جەريانىدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنسىز دەخلى-تەرزگە ئۇچراش ياكى قانۇنسىز دەخلى-تەرزگە ئۇچراش دەپ گۇمان قىلىنغان ھەمدە قانۇنسىز دەخلى-تەرزگە ئۇچراش خەۋپى بايقالغان ئەھۋاللار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كۆپىيىش ئەزاسى ياكى شەخسىيەت ئورنى بىنورمال زەخىملىنىشكە ئۇچرىغان ياكى شۇنداق گۇمان بولسا؛

2. 14 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلار جىنسىي دەخلى-تەرزگە ئۇچرىغان، ھامىلىدار بولغان، بالا چۈشۈرگەن ياكى شۇنداق گۇمان بولسا؛

3. 14 ياشتىن ئاشقان قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلار جىنسىي دەخلى-تەرزگە ئۇچراپ ھامىلىدار بولسا ۋە بويىدىن ئاجراپ كەتسە؛

4. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بەدىنىنىڭ كۆپ يەرلىرىدە زەخىملىنىش، ئېغىر ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ئەس-ھوشى جايىدا بولماسلىق، ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچراش، بوزەك قىلىنىش، خورلاش، ئۇرۇش ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ناركوز قىلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار بولسا؛

5. قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، ئۆزىنى يارىلاندۇرۇش، ئىشتا يارىلىنىش، زەھەرلىنىش، باشقىلار تەرىپىدىن ناركوزلىنىش، ئۇرۇش قاتارلىق بىنورمال سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مېيىپ بولۇش، ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلسە؛

6. قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تاشلىۋېتىلگەن ياكى ئۇزۇن مەزگىل ھالىدىن خەۋەر ئالدىغان ئادەم يوق ھالەتتە تۇرغان بولسا؛

7.قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كېلىش ئورنى ئېنىق بولماسلىق، يوقاپ كەتكەن ياكى ئالداپ سېتىۋېتىلگەن، سېتىۋېلىنغانلىقىنى بايقىغان بولسا؛

8. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تىلەمچىلىك قىلىشقا تەشكىللەنگەنلىكى بايقالغان بولسا؛

9. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا ئەھۋاللار ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنسىز زىيانكەشلىككە ئۇچراش خەۋپى بولسا؛

دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى دەرھال قوبۇل قىلىشى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇپ نازارەت قىلىشى كېرەك.

بۇنىڭدىن باشقا، پىكىردە يەنە مۇنۇلار بەلگىلەندى: جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى زىيانكەشلىككە ئۇچراش گۇمانىدىكى دېلو مەلۇماتى ياكى پاش قىلىشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال قوبۇل قىلىشى كېرەك، دېلونىڭ دەسلەپكى ئەھۋاللىرىنى ئېنىق سورىشى، ھەمدە خاتىرە قالدۇرۇشى كېرەك. دېلونىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىش گۇمانى بارلارنى قانۇن بويىچە دېلو قوبۇل قىلىپ تەكشۈرۈش؛ جىنايەت گۇمانى بارلارنى قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش كېرەك. ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولمىغانلىرىنى، باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى دېلو قوبۇل قىلغان ياكى دېلو ئاچقاندىن كېيىن ئۈچ كۈن ئىچىدە دېلو مەلۇم قىلغان ئورۇنغا دېلونىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىشى ھەمدە تەكشۈرۈش ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن ئىلگىرى دېلو مەلۇم قىلغان ئورۇنغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زىيان يەتكۈزۈش دېلولىرىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ توققۇز خىل ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، دەرھال دېلو مەلۇم قىلىڭ!

يېقىندا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتارلىق توققۇز تارماق بىرلىكتە «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زىيانكەش يەتكۈزۈش دېلولىرىنى مەجبۇرىي دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى بېسىپ تارقاتتى،