ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۆگۈندىن باشلاپ بۇ تۈزۈملەر ھەممىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-30 16:54

 

ئېلىمىزنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق ساھەسىدە ئۇل خاراكتېرلىك، ئۇنىۋېرسال قانۇن يولغا قويۇلىدۇ، قالپاق كىيمەسلىككە بېرىلىدىغان جازا پەقەت موتوسىكلىتقا قارىتىلغان بولۇپ، ۋاقتىنچە توكسىكلىتلار جازالانمايدۇ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يىللىق تەكشۈرتۈش قەغەز بەلگىسىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش مەملىكەتنى قاپلايدۇ...6-ئايدىن باشلاپ، يېڭى بىر تۈركۈم قانۇن-نىزاملار بىزنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مەملىكەت خاراكتېرلىك قانۇن-نىزام

پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ھوقۇقى قانۇن چىقىرىش كاپالىتىگە ئىگە بولدى

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىدا ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. بۇ قانۇن 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ ئېلىمىزنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق ساھەسىدىكى ئۇل خاراكتېرلىك، ئۇنىۋېرسال قانۇن ھېسابلىنىدۇ.

ئاساسىي داۋالاش سەھىيە ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى جەمئىي 10 باب، 110 ماددىغا بۆلۈنگەن، ئاساسىي داۋالاش، سەھىيە مۇلازىمىتى، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملار، دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەبلەغ كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلار «ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئىدىيەسى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنىڭ تۈزۈم قاتتىقلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، كۆپ خىل «تۈزۈم» بۇ قانۇنغا كىرگۈزۈلىدۇ. مەسىلەن، دۆلەت ساغلاملىق تەربىيەسى تۈزۈمى ئورنىتىش، پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق تەربىيەسىگە ئېرىشىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق تەربىيەلىنىشىنى ئۆستۈرۈش. دۆلەت ۋاكسىنا ئەملەش قانۇنىنى يولغا قويۇپ، ئىممۇنىتېتنى پىلانلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىش.

بۇ قانۇن يەنە كۆپ خىل داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىگە سىڭىپ كەتكەن. مەسىلەن، دۆلەت ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ؛ دۆلەت ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا ئائىلە دوختۇرى كېلىشىم ئىمزالاپ مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئائىلە دوختۇرى مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇلىدۇ؛ دۆلەت كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ قانۇن بويىچە داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھام بېرىلىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

نۆۋەتتىكى، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ يۈكى ئېغىر بولۇش، ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋەزىيىتى كەسكىن بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك ساغلاملىق مەسىلىسىگە پائال تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈپ، ئۈنۈملۈك ئارىلىشىش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ. بۇ قانۇندا ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت مەزمۇن مەخسۇس بىر باب بولۇپ، پۇقرالارنىڭ ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىدىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان؛ دۆلەت ساغلاملىق تەربىيەسىنى خەلق مائارىپى سىستېمىسىغا كىرگۈزىدۇ؛ دۆلەت ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە ئىستاتىستىكا قىلىشقا تەشكىللەيدۇ؛ دۆلەت قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ئاياللار، ياشانغانلار، مېيىپلار قاتارلىقلارنىڭ ساغلاملىق خىزمەت پىلانى تۈزىلىدۇ ۋە يولغا قويۇلىدۇ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىلىدۇ.

زوراۋانلىق قىلىپ دوختۇرنى يارىلاندۇرۇش، دورا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى، دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىشتىن بۇرۇنقى جىددىي قۇتقۇزۇش...ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگىمۇ، بۇ قانۇندا ئىنكاس قايتۇرۇلغان. مەسىلەن، ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىشى، خەۋپ يەتكۈزۈشى مەنئى قىلىنىدۇ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش مەنئى قىلىنغان. ئاممىۋى سورۇنغا بەلگىلىمە بويىچە زۆرۈر جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىسى، ئەسلىھەسى سەپلىنىدۇ.

6-ئايدىن باشلاپ قالپاق كىيمەسلىككە بېرىلىدىغان جازا موتوسىكلىت بىلەن چەكلىنىدۇ، ۋاقتىنچە توكسىكلىتقا جازا بېرىلمەيدۇ

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار«بىر قالپاق، بىر بەلباغ» بىخەتەرلىك، قوغداش ھەرىكىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، قانۇن ئىجرا قىلىش جازاسىنىڭ دائىرىسى موتوسىكلىت مىنگەندە بىخەتەرلىك قالپىقى كىيمىگەن، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىغان قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. توكسىكلىت مىنگەندە بىخەتەرلىك قالپىقى كىيمىگەنلەرگە داۋاملىق تەشۋىق قىلىپ، يېتەكلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، پائال شارائىت يارىتىلىپ، ئاممىغا بىخەتەرلىك قالپىقى سەپلەپ بېرىلىپ، ئاممىغا ئاڭلىق ھالدا بىخەتەرلىك قالپىقى كىيىشى ئەسكەرتىلىدۇ، جايلار ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ، تۈزىتىش ۋاقتىنى بېكىتىپ، ھەمدە ئادىمىيلىك بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش، ئەقلىي ھالدا قانۇن ئىجرا قىلىش، يۇمشاقلىق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇننىڭ ئۈنۈمىگە ، سىياسىي ئۈنۈمگە ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمىگە بىردەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يىللىق تەكشۈرتۈش قەغەز بەلگىسىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلايدۇ

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 16 شەھەرنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا، مەملىكەت بويىچە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يىللىق تەكشۈرتۈش قەغەز بەلگىسىنى ئېلېكترونلاشتۇرۇشنى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى، شوپۇر شۇنداقلا ئالاقىدار ساھە ۋە باشقۇرۇش تارماقلىرىنى ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 1-تۈركۈم 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى، ئىككىنچى تۈركۈم 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، بۇلار خېبېي، شەنشى، ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىڭ، جىلىن، ئەنخۇي، فۇجيەن، جياڭشى، خېنەن، گۇاڭشى، شىزاڭ، شەنشى، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا قاتارلىق 15 ئۆلكە(رايون)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە قاپلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

يىللىق تەكشۈرتۈش بەلگىسىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئالاقە تورى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى ئارقىلىق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يىللىق تەكشۈرۈش بەلگىسى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتىنى تارقىتىپ، ئاممىۋى كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىشى، كۆرسىتىشى ۋە ئىشلىتىشىگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىلىدۇ. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىلىرى ئىنتېرنېت قاتناش بىخەتەرلىك ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى ياكى «قاتناش 12123» يان تېلېفون  APPسىدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يىللىق تەكشۈرتۈش بەلگىسى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئالتە يىل ئىچىدە يىللىق تەكشۈرتۈش كەچۈرۈم قىلىنغان ئاپتوموبىللار يىللىق تەكشۈرتۈش بەلگىسى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتىنى توردا بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. يىللىق تەكشۈرتۈش ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتى توردا كۆرسىتىپ، تورسىز كۆرسىتىش ۋە بېسىپ چىقىرىپ كۆرسىتىش قاتارلىق ئۈچ خىل كۆرسىتىش ئۇسۇلى بويىچە كۆرسەتسە بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى ياكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى ئوخشىمىغان مەيداندا ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىلغان.

«جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مەمۇرىي ئىجازىتىنى يولغا قويۇش چارىسى» 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مەمۇرىي ئىجازىتىنى يولغا قويۇش چارىسى» يولغا قويۇلىدۇ، بۇ چارە مەمۇرىي ئىجازەتنى قوبۇل قىلىش، تەستىقلاش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن ۋە ئىنچىكىلەشتۈرگەن.

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى چارە مەمۇرىي ئىجازەتنى توردا بېجىرىش ئاساسى يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى تولۇقلىغان، بۇ ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ مەمۇرىي ئىجازەتنى بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. بۇ چارىدە يەنە مەخسۇس بانكا ئىسچوتى ئىجازەتنامىسى، ئالاقىدار ئىجازەتنامە ياكى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئۆزگەرتىشكە ماس كېلىدىغان تۈرلەرنىڭ تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئىجازەت بېرىلگەن بۇ ئىشلارنىڭ تەستىقلاش ۋاقتى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى بەش كۈنىگە قىسقارتىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىش بېجىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنى»دىكى ھوقۇققا ئاساسەن، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ، مەمۇرىي جازا بېرىش قاتارلىق ئىشلاردىكى ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۆگۈندىن باشلاپ بۇ تۈزۈملەر ھەممىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ

ئېلىمىزنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق ساھەسىدە ئۇل خاراكتېرلىك، ئۇنىۋېرسال قانۇن يولغا قويۇلىدۇ،