ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نەنجىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-29 21:26

جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇقىم ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولماقتا.

جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇقىم ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولماقتا.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چېگرا سىرتىدا يۇقۇمنىڭ تېز كېڭىيىپ يامرىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا ئىقتىساد-سودا پائالىيىتى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىدى، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ يەنە ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بەردى. بۇ يىل 1-پەسىلدە جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %1.6 ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىر تىرىليون يۈەندىن ئاشقان شەھەرلەر ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇردى. يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىشنىڭ كەينىدە، شۇ جاينىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقلىرى بار. بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە نەنجىڭ شەھىرى بويىچە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسىپلىرىگە سېلىنغان مەبلەغ %24.4 ئېشىپ، ئاساسلىق يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچلىرى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاندى. 

چاڭجياڭ دەرياسى بويىغا جايلاشقان نەنجىڭ مۇفۇ دەريا ساھىلى يەنزىجى مەنزىرە بەلبېغىدا ئىلگىرى 400دىن ئارتۇق كىچىك خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى، قۇم پىرىستانى زىچ جايلاشقان ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ يەر تاقاش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، «ئىشلەپچىقىرىش قىرغاق لىنىيەسى»نىڭ ھەممىسىنى «ئېكولوگىيە قىرغاق لىنىيەسى»گە ئۆزگەرتتى. 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نەنجىڭ داڭلىق شەھەر قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، پولات-تۆمۈر، نېفىت خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئاساس قىلىش ھالىتىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتتى. بۇ يىل 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن «2020-يىللىق نەنجىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەپتىلىكى زىجىنشەن يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بۇلۇت ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، نەنجىڭ چىلىن پەن-تېخنىكا شەھەرچىسىنى ئورتاق قۇرۇپ، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسال ئىلىم-پەن مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نەنجىڭ رايون يېڭىلىق يارىتىش يۇقىرى پەللىسىنى بەرپا قىلدى. 

بۇ يىل ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە باشقا جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىساد، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، ھاياتلىق ساغلاملىقى، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى، ئېشىش قۇتۇپى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نەنجىڭ يېڭىلىق يارىتىش يۇقىرى پەللىسىنى نىشانلاپ، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىشقا داۋاملىق مەبلەغ سالدى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ليۇ يۈنجيې يېتەكچىلىك قىلىپ قۇرغان زىجىنشەن تەجرىبىخانىسى يېقىندا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 5G مىللىمېتىرلىق دولقۇن ئۆزىكى ياساپ چىقىلدى ھەمدە پېچەتلەش ۋە سىناق قىلىش تاماملىنىپ،  ھەر بىر يولنىڭ تەننەرخى 1000 يۈەندىن 20 يۈەنگە چۈشۈرۈلدى. ليۇ يۈنجيې مۇنداق دېدى: «بىز تايانچ ئالاقە تورى تەجرىبىسىنى ھەل قىلدۇق، بىزنىڭ 13 شەھەر، 2000 كىلومېتىر توردا ئېلىپ بارغان تەجرىبىمىزدە سىلكىنىش دەرىجىسى 100 مىكرو سېكۇنتتىن كىچىك بولدى.»

2014-يىلى 12-ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ نەنجىڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەن-تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنى زىچ بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكا بىلەن كەسىپلەرنىڭ يوچۇقسىز جىپسىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. نەنجىڭ باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پەن تەتقىقاتتا تىرىشىپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 2018-يىلىدىن بۇيان، نەنجىڭدا ئۇدا ئۈچ يىل ئۆتكۈزۈلگەن «يېڭى يىلدىكى تۇنجى يىغىن»، «يېڭى يىلدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ھۆججەت»لەرنىڭ ھەممىسىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مەركەز قىلىنىپ، ئىختىساسلىقلار كوللېكتىپى كۆپ پايغا ئىگە بولغان، بازارلاشتۇرۇپ مەشغۇلات قىلىدىغان يېڭىچە تەتقىقات ئاپپاراتى «نەنجىڭ ئەندىزىسى»دە يېڭىلىق يارىتىلدى، بۇ ھەقتە ئىزدىنىلدى.

نەنجىڭ جياڭبېي يېڭى رايونى بېيجىڭ داشۆسى مولېكۇلا مېدىتسىناسى نەنجىڭ مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇش تەتقىقات يۇرتىنى كىرگۈزۈپ، كەسىپ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، يېڭى دورا تەتقىقاتى ئاممىۋى تېخنىكا مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلدى. بېيجىڭ داشۆسىنىڭ 90-يىللاردا تۇغۇلغان دوكتورى گاۋ كەييۈ ھازىر مەلۇم دورا چەكلىك شىركىتى يېڭى دورا تەتقىقات سۇپىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ، ئۆمەك باشلاپ سۈت بېزى راكى دورىسى ياساش تۈرىنى قانات يايدۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ تەرەپتە پەن تەتقىقات مۇھىتى ۋە تۈر جەھەتتىن قوللاش سالمىقى ناھايىتى زور، مەن بەش، ئالتە خىزمەتكە قوبۇللاش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، نەنجىڭنىڭ ماڭا تېخىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىدىم. بۇ مۇنبەرنىڭ مېنى جەلپ قىلىدىغان نۇرغۇن يەرلىرى بار. 

نۆۋەتتە نەنجىڭدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن  يېڭىدىن 600دىن ئارتۇق بازار سۇبيېكتى كۆپىيىۋاتىدۇ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ سانى 1844تىن 4680گە يەتتى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ مەھسۇلات قىممىتى بۇ يىل بىر تىرىليون 300 مىليارد يۈەندىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە كۈچلۈك كارخانا 15كە يېتىدۇ. نەنجىڭ شەھىرى يېڭىلىق يارىتىش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى لى فاڭيى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز ئەنگە ئالدۇرغان يېڭىچە تەتقىقات ئاپپاراتىدىن 210ى بار، بىز ئۈچ يىلدا 800مىڭغا يېقىن ئىستۇدېنتنى نەنجىڭدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلدۇق. ھەر قايسى ساھەدىكى سەركىلەرمۇ نەنجىڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىدىكى ياخشى كەيپىياتىنى ھېس قىلىپ، نەنجىڭدا خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىپ، ئۆز تالانتىنى كۆرسەتتى. 

يېقىندا، نەنجىڭ يەنە يېڭى ئۇل قۇرۇلۇشى، يېڭى ئىستېمال، يېڭى كەسىپ، يېڭى شەھەردىن ئىبارەت تۆت ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى، ئېشىش قۇتۇپىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈردى. نەنجىڭ شەھەرلىك پارتكوم تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شى بىن مۇنداق دېدى: نەنجىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا ياخشى ئەۋرىشىملىك ۋە ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، مېنىڭچە بۇ ئاساسلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نەنجىڭنىڭ ئىزچىل يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ نەتىجىسى، بىز يېڭىچە تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار، ئوتتۇرا، چوڭ تىپتىكى پەن-تېخنىكا كەسپى تۈرلىرى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تۇتقۇلارنى چىڭ تۇتۇپ، زور بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك يېڭى تۈر، يېڭى كارخانا، يېڭى قۇۋۋەتنى يېتىشتۈرۈپ چىقىمىز، بۇ بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇپ، كەلگۈسى تەرەققىياتقا تىرەك بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچىمىزگە  ئايلىنىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نەنجىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلدى

جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ