ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىش» راستتىنلا كەلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-29 21:31

بۇ جاي يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلىدۇ!

 

مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىش راستتىنلا كەلدى! تېز كۆرۈپ باقايلى، قانداق قىلغاندا «مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىش» شەرتىگە يەتكىلى بولىدۇ؟

01

 

مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىش سىياسىتى كەلدى

 

1. 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرلار قانۇنى» رەسمىي يولغا قويۇلدى. يېڭى مەمۇرلار قانۇنىنىڭ بىر چوڭ يارقىن نۇقتىسى: خىزمەت ئىستاژى 30 يىلغا توشسا مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولۇشتۇر!

بۇ قېتىمقى مەمۇرلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىكى يارقىن نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىش قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى. 

مەمۇرلار قانۇنىنىڭ 93-ماددىسىدا مۇنداق دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن: 

(1) خىزمەت قىلغىنىغا 30 يىل توشقان بولسا، مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

(2) دۆلەت بەلگىلىگەن پېنسىيە يېشىغا توشۇشقا بەش يىل قالمىغان ھەمدە ئىشلىگەن ۋاقتى 20 يىلغا توشقان بولسا. 

(3) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىشقا بولىدىغان باشقا ئەھۋاللار بولسا. بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە ئالاھىدە ئىش ئورنىدىكى مەمۇرلارنى كۆرسىتىدۇ، بۇ خىل خىزمەت ئورنىنىڭ ئالاھىدە خىزمەت شارائىتى تۈپەيلىدىن، سالامەتلىكىنى ئاسراش كۆزدە تۇتۇلغاچقا، دۆلەت مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىشقا رۇخسەت قىلىدۇ. 

 

2. يېقىندا سەنشى ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى «كارخانىلارنىڭ ئالاھىدە ئىش تۈرى بويىچە مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇش چارىسى» نى بېسىپ تارقاتتى. 

ھۆججەتتە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: چارە 2020 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ئالاھىدە ئىش تۈرى ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرىنى ئەنگە ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئورۇن ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوش ئاشكارىلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، جەمئىيەت ۋە ئاممىنىڭ نازارىتى ئاشكارا قوبۇل قىلىنىدۇ. 

3. 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، خېبېي ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتى «خېبېي ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ 2020-يىللىق پۈتۈن ئۆلكىدىكى كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» نى ئېلان قىلدى. 

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: كېسەل سەۋەبىدىن پېنسىيەگە چىقماقچى بولغانلار تەكشۈرۈپ تەستىقلانغاندىن كېيىن، بىردەك 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى پېنسىيەگە چىقىدۇ، 2021-يىلى 1-ئايدا ئاي بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى تارقىتىلىدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن پېنسىيەگە چىقىشىنى تەستىقلاش ئۇچۇرىنى سىستېمىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى خېبېي ئۆلكىسىدىكى كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنى باشقۇرۇش قاتارىغا كىرگۈزىدۇ. 

02

قانداق ئەھۋالدا مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىققىلى بولىدۇ

 

بىرىنچى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملار 

 

01

كېسەل سەۋەبىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىش

 

سىياسەت بەلگىلىمىسى 

 

دۆلەت تارقاتقان [1978] 104-نومۇرلۇق ھۆججەت قاتارلىق ئالاقىدار ھۆججەتلەردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى تۆۋەندىكى ئۈچ شەرتكە ئۇيغۇن كەلسە، كېسەللىك سەۋەبىدىن پېنسىيەگە چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ: 

بىرىنچى، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى 15 يىلغا توشقان بولسا؛ 

ئىككىنچى، ئەرلەر 50 ياشقا، ئاياللار 45 ياشقا توشقان بولسا؛ 

ئۈچىنچى، ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى 1-دەرىجىدىن 4-دەرىجىگىچە ئەمگەك ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى دەپ باھالىغان بولسا.

 

بېجىرىش تەرتىپى 

 

مەلۇم قىلىش 

ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇن (ئىشسىزلار ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار ئۆزىنىڭ ئارخىپىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا) غا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

بەدەن تەكشۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇش 

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى باشقارمىسىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىدە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات شۇ جايدىكى ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كېسەل سەۋەبىدىن پېنسىيەگە چىقىش (خىزمەتتىن چېكىنىش) بويىچە ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ۋاقتى، ئورنىنى بېكىتىدۇ ھەمدە مەلۇم قىلغان ئورۇن ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئۇقتۇرىدۇ. 

پېنسىيەگە چىقىشنى بېجىرىش 

باھالاش ئارقىلىق ئەمگەك ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي قالغان ئىشچى-خىزمەتچى دېگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەنلەرنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرنى رەتلەش، شەخسىي ئىسچوتنى ئۈزۈش ۋە خادىم قىسقارتىش كەسپىنى مەلۇم قىلغۇچى ئورۇن ئىشلەشكە مەسئۇل بولىدۇ، پېنسىيە تەمىناتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ. 

 

02

ئالاھىدە ئىش تۈرى بويىچە مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىش

 

ئالاھىدە ئىش تۈرى بويىچە مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئۈچ شەرتى: 

بىرىنچى، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى 15 يىلغا توشقان بولسا؛ 

ئىككىنچى، ئەرلەر 55 ياشقا، ئاياللار 45 ياشقا توشقان بولسا؛ 

ئۈچىنچى، ئالاھىدە ئىش تۈرى بىلەن شۇغۇللانغان ۋاقتى بىر يىلغا توشقان بولسا، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالاھىدە ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 10 يىل توشقان بولۇشى؛ قۇدۇق ئاستى، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 9 يىل توشقان بولۇشى؛ زەھەرلىك، زىيانلىق مۇھىتتا خىزمەت قىلغىنىغا جەمئىي 8 يىل توشقان بولۇشى كېرەك. 

بېجىرىش تەرتىپى 

شەرتكە توشىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىدارە -ئورۇنغا ئىلتىماس قىلىشى، ئىدارە -ئورۇن ئالدى بىلەن يەتتە كۈن ئېلان قىلىشى ھەمدە سانلىق مەلۇماتلارنى رەتلەپ، ئاندىن شۇ جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىشى كېرەك. (بۇنىڭ ئىچىدە، كادىرلار ئىشلىرى ۋاكالەتچىلىرى ياكى ئىشسىزلار ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىغا مەلۇم قىلىدۇ، ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنى بولمىغانلار ۋاكالەتچى ئاپپاراتقا مەلۇم قىلىدۇ)، بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك:

ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ يازما ئىلتىماسى ۋە دەسلەپكى ئارخىپى؛ 

«ھەق تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش جەدۋىلى»؛ 

«كارخانا ئىجرا قىلىدىغان ئالاھىدە ئىش تۈرى كاتالوگىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تىزىملاش جەدۋىلى»؛ 

«ئالاھىدە ئىش تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر تىزىملىكى»؛ 

«ئالاھىدە ئىش تۈرىدىن پېنسىيەگە چىققانلارنى كوللېكتىپ تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدىكى ئىلتىماس»؛ 

ئىشچى-خىزمەتچىلەر كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى؛ 

«ئېلان قىلىش ئىسپاتى». 

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسى ئالاقىدار ماتېرىياللارنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بىرلىكتە تەكشۈرۈپ، ماقۇللىغاندىن كېيىن، يوللىغۇچى ئورۇن بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ. 

 

ئىككىنچى، مەمۇرلار 

مەمۇرلارنىڭ ئىككى خىل پېنسىيەگە چىقىش ئۇسۇلى: 

بىر خىلى، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش، يەنى قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا يەتكەندە، تەيىنلەش - قالدۇرۇش ئورگىنى ئۇنى پېنسىيەگە چىقىشقا بۇيرۇيدۇ؛ يەنە بىر خىلى، ئىختىيارىي پېنسىيەگە چىقىش، يەنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن پېنسىيە شەرتىنى ھازىرلىغاندىن كېيىن، ئۆزلۈكىدىن پېنسىيەگە چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئىختىيارىي پېنسىيەگە چىقىش شەرتى تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئۆزى تەلەپ قىلىپ، تەيىنلەش-قالدۇرۇش ئورگىنىنىڭ تەستىقى بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقسا بولىدۇ: 

(1) ئەرلەر 55 ياشقا، ئاياللار 50 ياشقا توشقان ھەمدە خىزمەت قىلغان ۋاقتى 20 يىلغا توشقان بولسا؛ 

(2) ئىشلىگەن ۋاقتى 30 يىلغا توشقان بولسا. ئىختىيارىي پېنسىيەگە چىقىش ئۇسۇلىنى بېكىتىش دۆلىتىمىزدە تۇنجى قېتىملىق ئىش، شۇنداقلا دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ پېنسىيەگە چىقىش تۈزۈمىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكى. بۇنداق بولغاندا مۇلازىمەت قىلغان يىل چېكى ئۇزۇنراق، ئەمما قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشمىغان بىر قىسىم دۆلەت مەمۇرلىرى ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقالايدۇ.

بېجىرىش تەرتىپى 

دۆلەت مەمۇرلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە پېنسىيەگە چىقىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان دۆلەت مەمۇرلىرىغا پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرىپ بېرىشى، ئادەتتە دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ پېنسىيەگە چىقىش شەرتىنى ھازىرلىغانلارغا شۇ ئايدا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىشى كېرەك. 

ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پېنسىيەگە چىقماقچى بولغانلار ئۆزى ئىلتىماس قىلىپ، تەيىنلەش - قالدۇرۇش ئورگىنىنىڭ تەستىقى بىلەن پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىش» راستتىنلا كەلدى

مەمۇرلار قانۇنىنىڭ 93-ماددىسىدا مۇنداق دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن