ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش ھەربىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-29 21:34

 

تۈنۈگۈن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-سانلىق يىغىنىدا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاراپ چېقىلدى. بۇ قېتىمقى 2-قېتىم قاراپ چىقىش ئارگىنالىدا ھامىيلىق قىلغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى يەنىمۇ چىڭىتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكى، بىخەتەرلىكى، زوراۋانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزەش كۈچەيتىلدى.

2-قېتىملىق قاراپ چىقىش ئارگىنالىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بەلگىلىمىلەرنىڭ ئەتراپلىق، ئەمەلىي بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. نۇرغۇن مەزمۇنلار نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىلىتىلدى، مەسىلەن، ئۆيدە قالغان بالىلارنىڭ ھامىيسى بولماسلىق، مەكتەپ زومىگەرلىكى، تور دەخلى-تەرزى قاتارلىقلار. ھامىيلار، مەكتەپ، ئالاقىدار تارماقلار، جەمئىيەت توپىنىڭ زادى قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى تېخىمۇ ئېنىق ئېيتىلدى.

مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەر تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى، بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي. قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئالاھىدە بىر توپ، بولۇپمۇ كىچىك بالىلار، ئۇلارنىڭ خەۋپ-خەتەر ۋە دەخلى-تەرزگە بولغان تونۇشى مۈجمەل. ئائىلە، مەكتەپ، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، قوغداشنى تولۇق قاپلىشى، ئىمكانقەدەر يوچۇق قالدۇرماسلىقى كېرەك. بىر تەرەپنىڭ بوشاڭلىقى تۈپەيلى بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدە «بىخەتەرلىك قارا ئۆڭكۈرى» ۋە ياكى «يوشۇرۇن بۇلۇڭ-پۇشقاق» پەيدا بولسا، ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن. شۇڭا، قانۇندا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش، چىڭىتىش ئىنتايىن زۆرۈر. ھەربىر بالىنىڭ قۇياش نۇرى ئاستىدا ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش ھەربىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى!

تۈنۈگۈن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ