ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭدا6-ئايدا قار ياغدى، خوتەندە قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-29 21:35

 

 

 

 

 

(ۋىدېيونى تورداشلار تەمىنلىگەن)

6-ئاينىڭ 28-كۈنى (تۈنۈگۈن) كەچ سائەت 17:30 ئەتراپىدا، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىدە يۆنىلىشى غەربتىن شەرققە بولغان كۈچلۈك قۇم-بوران چىقتى، ئەڭ قىسقا كۆرۈش ئارىلىقى 50 مېتىرغىمۇ يەتمىدى، بۇ يول يۈرۈشكە ۋە قاتناشقا زور تەسىر كۆرسەتتى.

شىنجاڭ خوتەن شەھىرىدە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن قۇم بورانلىق ھاۋا رايى يولدا كېتىۋاتقان كىشىلەرنى تەمتىرىتىپ قويدى. شامال كۈچى توققۇز بالغا يەتتى، بىر قىسىم دەرەخ شاخلىرى بوراندا سۇنۇپ، ئاسماننى چاڭ توزان قاپلاپ، كۆرۈش ئارىلىقى 50 مېتىرغىمۇ يەتمىدى، سىرتقا چىققان شەھەر ئاھالىلىرى مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى، ئاپتوموبىللارنىڭ چوڭ چىرىغى يېقىلدى. قۇم بورانلىق ھاۋا رايىدا قاتناش ۋە ئېلېكتىر تورىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شۇ جايدىكى قاتناش ۋە ئېلېكتىر خىزمەتچىلىرى قۇم بورانغا قارىماي قاتناشنى راۋانلاشتۇردى ۋە كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

كېرىيە ناھىيەسىدە ئوچۇق ھاۋا كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە «قاراڭغۇ كېچە»گە ئايلاندى. قويۇق چاڭ-توزان، كۈچلۈك بوران تۈپەيلى سىرتتىكى كىشىلەرنىڭ يول يۈرۈشى تەسكە توختىدى، ناھىيە بازىرىدىكى قاتناشقا ۋاقىتلىق چەك قويۇلدى، يولدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسى چوڭ چىراغلىرىنى ياقتى، شوپۇرلار قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قوماندانلىقىدا، ئاپتوموبىلىنى يول بويىغا تەرتىپلىك توختىتىپ، چاڭ-توزاننىڭ پەسىيىپ قاتناشنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى كۈتتى.

 

خوتەندىكى قۇم بورانلىق ھاۋارايىنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ ھاۋارايىدا يەنە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن؟ تۇغقانلىرىمىزنىڭ نەق مەيداندىن ئەۋەتكەن ۋىدېيولىرىنى كۆرگىڭىز بارمۇ؟ ۋىدېيولۇق خەۋىرىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئېكراننىڭ ئەڭ ئاستى سول بۇرجىكىدىكى «阅读原文»نى بېسىپ كۆرۈڭ.

 

 قارنىڭ قېلىنلىقى 30 سانتىمېتىرغا يەتتى

شىنجاڭنىڭ كۆپ جايلىرىدا 6-ئايدا قار ياغدى

مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلىنىپ يېرىم ئايدىلا يەنە تاقالدى 

 

 

 

29-ئىيۇن (بۈگۈن)، شىنجاڭنىڭ ئىلى، تارباغاتاي، بايىنغولىن قاتارلىق جايلىرىدا قېلىن قار ياغدى، قىسمەن رايونلاردا قارنىڭ قېلىنلىقى 30 سانتىمېتىرغا يەتتى، ساياھەتچىلەر قېلىن پاختىلىق چاپانلىرىنى كىيىۋالدى. قېلىن قارنىڭ تەسىرىدە قىسمەن رايونلاردا كىچىك تىپتىكى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى، ئەمدىلا قاتناش باشلانغىنىغا يېرىم ئاي بولغان مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش تىزگىنلەندى. 

 

 

 

ئەسكەرتىش: سەپەرگە چىققاندا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭدا6-ئايدا قار ياغدى، خوتەندە قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى

29-ئىيۇن (بۈگۈن)، شىنجاڭنىڭ ئىلى، تارباغاتاي، بايىنغولىن قاتارلىق جايلىرىدا قېلىن قار ياغدى،