ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلق ئارمىيەسىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-31 17:20

 

 

 

 

«خەلق ئارمىيەسى باشتىن-ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق تامامەن ئىشىنىدىغان قەھرىمان ئارمىيە». 

بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس بۇرچى بولىدۇ. ئارمىيە قۇرۇلغان 93 يىلدىن بۇيان، مەيلى ئۇرۇش يىللىرىدا بولسۇن ياكى تىنچلىق يىللىرىدا بولسۇن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋرلەردىكى ئوخشاش بولمىغان «مەسئۇلىيەتچانلىقى» تومۇرداش مەنىۋى نۇر چاچتى. 

مەيلى نەيزە بىلەن ئېلىشقان قەھرىمانلار ليەنى، دۇڭ سۈنرۈي، چيۇ شاۋيۈن، خۇاڭ جىگۇاڭ قاتارلىق ھەر قايسى تارىخى دەۋرلەردە مەيدانغا كەلگەن قەھرىمانلار توپى ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلار بولسۇن، ۋە ياكى بۈگۈنكى كۈندىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلانغان يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابى ھەربىيلەر بولسۇن، ئۇلار «مەسئۇلىيەتچانلىقى» ئارقىلىق جۇڭگو ھەربىيلىرىنىڭ جاراڭلىق قەسىمىنى نامايەن قىلماقتا.

مەسئۇلىيەتچانلىق-د‍ۈشمەن شەمشىرى ئالدىدا، قاتتىق جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىش؛

مەسئۇلىيەتچانلىق-پارتلاتقۇچ دورىنى كۆتۈرۈپ، يوشۇرۇن ئىستىھكامنى پارتلىتىش؛ 

مەسئۇلىيەتچانلىق-يالقۇنجاپ تۇرغان ئوت بەدىنىنى كۆيدۈرسىمۇ، مىدىرلىماستىن مەزمۇت تۇرۇش؛ 

مەسئۇلىيەتچانلىق-كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، مىلتىقنىڭ ئاغزىنى ئېتىش؛   

مەسئۇلىيەتچانلىق-يۇقۇم كۆرۈلگەندە، بۇيرۇق بىلەن تەڭلا ھەرىكەت قىلىش؛ 

مەسئۇلىيەتچانلىق-بوران-چاپقۇنغا قارىماي، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ، مەشىق قىلىش؛ 

مەسئۇلىيەتچانلىق-قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇرتنى، ۋەتەننى قوغداش؛ 

مەسئۇلىيەتچانلىق-يىراققا سەپەر قىلىپ، تىنچلىقنى قوغداش.

«قۇدرەتلىك ئارمىيە بولمىسا، قۇدرەتلىك ۋەتەننىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس». 1-ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى پەيتىدە، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە تورى «خەلق ئارمىيەسىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى» ناملىق مىكرو ۋىدېيونى ئىشلەپ، قەھرىمان جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە ھۆرمەت بىلدۈردى. 

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    خەلق ئارمىيەسىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى

    «خەلق ئارمىيەسى باشتىن-ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق تامامەن ئىشىنىدىغان قەھرىمان ئارمىيە».