ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

باشقا جايغا يۆتكەلگەن 20 مىڭ كەنت ئاھالىسىنىڭ يېڭى تەپسىلاتلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-15 08:42

 

1-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 10:00غىچە، خېبېي ئۆلكىسى 523 كىشىگە ئېنىق دىياگنوز قويغانلىقىنى دوكلات قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىجياجۇاڭ شەھىرىدىن 494ى، شىڭتەي شەھىرىدىن 28ى، لاڭفاڭ شەھىرىدىن بىرى بار. 1-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 10غىچە، خېبېي ئۆلكىسى جەمئىي 320 نەپەر كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىنى دوكلات قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىجياجۇاڭدىن 308 ى، شىڭتەيدىن 12 سى بار. 

 

يېقىندا خېبېيدا يۈز بەرگەن يۇقۇم ئاساسەن يېزىلارغا مەركەزلەشكەن. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى يەرلىك دېھقانلار بولۇپ، شىجياجۇاڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت نۇقتىلىق كەنتلەردىكى ئاھالىلەرنى باشقا جايغا يۆتكەپ مەركەزلىك ئايرىشنى قارار قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، خېبېيدىكى يۇقۇم بېيجىڭ، شەنشى، سەنشى، ۋۇخەن قاتارلىق نۇرغۇن ئۆلكە، شەھەرلەرگە چېتىلىدۇ. ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە ئاز دېگەندە يەتتە ئۆلكە، شەھەردە خېبېيدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلارنىڭ ھەرىكەت قىلغان ئىزى بارلىقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. ھازىر يۇقۇم يۈز بەرگەن رايوندىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ئايرىش ئەھۋالى قانداق؟ يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى توسۇش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەتلىرى قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ؟

 

 

 

 

شىجياجۇاڭ جېڭدىڭدا مەركەزلىك ئايرىش قۇراشتۇرما ئۆيى سالماقچى

 

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى گۇ جۈنلىڭ: مەن ھازىر خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرى جېڭدىڭ ناھىيەسى جېڭدىڭ يېڭى رايونىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قۇراشتۇرما ئۆيلەر سېلىنىدىغان يەردە، مەن بۇ يەرگە كېلىپ، قاڭالتىردىن ياسالغان بىر قىسىم توسۇقلارنى كۆردۈم، بۇ توسۇقلار بۇ بىر ئىككى كۈندە ئورنىتىلمىغان بولۇشى مۇمكىن، قارىماققا بىر نەچچە ئاي بولغاندەك قىلىدۇ، قارىغاندا بۇ يەر ئىلگىرى باشقا قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن تەييارلانغان يەر بولۇشى مۇمكىن. قورشاۋ توسۇقنىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن، بۇ يەرنىڭ قاقاس يەر بولۇپ، ئوتتۇرىدا سۇ پۈركۈش ماشىنىسى، قۇرۇلۇش ماشىنىسى، يەنە بىر قىسىم يۈك توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرىنى بايقىدىم. بۇ يەرنىڭ ئەتراپىدا كەنت ياكى ئاھالىلەر توپلىشىغان بازارلار يوق ئىكەن، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلەشكە قولاي ئىكەن.

 

مەركەزلىك ئايرىش قۇراشتۇرما ئۆيى چەت جايغا سېلىنىدىكەن، توك بىلەن تەمىنلەشكە قانداق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؟

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى گۇ جۈنلىڭ: ھەرقانداق قۇرۇلۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن توك بولۇشى كېرەك، 12-يانۋار كەچ سائەت 7 دىن باشلاپ، شىجياجۇاڭ جېڭدىڭ ناھىيەسىدىكى ئېلېكتىر شىركىتى بۇ يەرگە كېلىپ نەق مەيداننى تەكشۈردى، جىددىي كېچىلەپ لايىھە تۈزۈپ، خادىملارنى تەڭشىدى. 13-يانۋار سەھەر سائەت 5 ئەتراپىدا، پىلاندىن ئىككى سائەت بۇرۇن قۇرۇلۇش قىلىشقا كېرەكلىك توك ھازىرلاندى.

بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 8 دە، شىجياجۇاڭ ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ تەخمىنەن 300 نەچچە كىشىلىك ئەترىتى بۇ يەرگە يېتىپ كېلىپ، ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرىنى رەسمىي ياتقۇزۇشقا باشلىدى.

ئۇلار كەلگۈسىدە بۇ رايوننى توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تەخمىنەن 18 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا قوش لىنىيەلىك كابېل، يەنە تەخمىنەن 36 تىرانسفورموتور تەييارلىدى.

 

شىجياجۇاڭدا مەركەزلىك ئايرىش قۇراشتۇرما ئۆيىدىن قانچىسى سېلىنىدۇ؟ كىم سالىدۇ؟

 

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى گۇ جۈنلىڭ: مەن قۇرۇلۇش ئورنىغا كىرىشتىن بۇرۇن، خېبېي B نومۇرلۇق ئاپتوموبىللارنى كۆردۈم، تاڭشەنگە تەۋە ئاپتوموبىللار بولسا كېرەك. بۇنىڭدىن ئىلگىرى تاڭشەندە قۇراشتۇرما ئۆي سالىدىغان ئۈچ كارخانىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ تەرەپكە قۇراشتۇرما ئۆينىڭ زاپچاسلىرى ۋە تاختايلارنى توشۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم. بايا مەن بىر قۇراشتۇرما ئۆي كارخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، ئۇنىڭدىن ئىگىلىشىمچە، ئۇلار بۈگۈن سائەت 8 ئەتراپىدا، تەخمىنەن 160~ 170 يۈرۈش قۇراشتۇرما ئۆينىڭ بىرىنچى تۈركۈمدىكى ماتېرىياللىرىنى بۇ يەرگە توشۇپ كەلگەن، بۈگۈن كەچتە 400 يۈرۈشتىن ئارتۇق قۇراشتۇرما ئۆي توشۇپ كېلىنىدىكەن، ئۇلار جەمئىي 1200 يۈرۈشتىن ئارتۇق قۇراشتۇرما ئۆي يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانىكەن. ئۇنىڭدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئۇلاردىن باشقا يەنە ئىككى كارخانا ئايرىم -ئايرىم 800 يۈرۈش ۋە 1200 يۈرۈش قۇراشتۇرما ئۆينى توشۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، جەمئىي 3000 يۈرۈشكە يېقىن قۇراشتۇرما ئۆي يەتكۈزۈلىدىكەن. 

 

خېبېيدىكى يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى كۆپ قىسىم ئۆلكىلەرگە چېتىلىدۇ

 

بۇ قېتىمقى خېبېيدىكى يۇقۇمدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلارنىڭ ھەرىكەت ئىزى كۆپ ئۆلكىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. نۆۋەتتە، شەنشى، گۇيجۇ، سەنشى، بېيجىڭ، خۇبېيدا خېبېي ئۆلكىسىدە بايقالغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلارنىڭ ھەرىكەت ئىزى بايقالدى. بۇمۇ بىزگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە بىپەرۋالىق قىلساق بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

 

گاۋچېڭ رايونىدىكى يۇقۇم كۆرۈلگەن نۇقتىلىق كەنتلەردىكى ئاھالىلەر نېمە ئۈچۈن باشقا جايغا يۆتكەپ ئايرىۋېتىلىدۇ؟

خېبېي ئۆلكىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەركىزى ۋىرۇس تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى چى شۈنشياڭ: كەنت ئاھالىلىرىنى ئائىلىدە ئايرىش ئاسانلا ئائىلە ئەزالىرى بىلەن قوشنىلار ئارىسىدا تارقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يېزىلاردا ياشانغانلار كۆپ، ھەممىسىنىڭ يان تېلېفونى يوق، مەدەنىيەت سەۋىيەسى بىر قەدەر تۆۋەن، ئالاقىلىشىش بىر قەدەر قىيىن. ئۇنىڭدىن باشقا كەنتنىڭ تازىلىق شارائىتى بىر قەدەر ناچار، ئائىلە تازىلىق ئەسلىھەلىرى ئاددىي، گەندە، ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىنتايىن قىيىن. ئەگەر مەركەزلەشتۈرۈپ ئايرىۋېتىش يولغا قويۇلمىسا، ھەقىقىي ئايرىۋېتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولمايدۇ. ئەگەر باشقا جايغا ئۈزۈل ـ كېسىل يۆتكەلمىسە، ئاۋارىچىلىك كۆپ بولىدۇ، يۇقۇم مەنبەسىنى ئۈزۈل ـ كېسىل تۈگىتىش ناھايىتى تەسكە توختايدۇ. يۇقۇش مەنبەسىنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلىمىغاندا، يۇقۇم يەنە داۋاملىق تارقىلىپ، ئالدىدىكى خىزمەتلەرنى يوققا چىقىرىدۇ.

 

باشقا جايغا يۆتكەپ مەركەزلىك ئايرىش يولغا قويۇلسا، يۆتكىلىش جەريانىدا يۇقۇملىنىش كۆرۈلەمدۇ ـ يوق؟

خېبېي ئۆلكىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ۋىرۇس تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى چى شۈنشياڭ: يۆتكەش جەريانىدا يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقمايدۇ، يادرولۇق مەسىلە مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش كېرەك، شىجياجۇاڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ جەھەتتە خىزمەتلەرنى ناھايىتى ئىنچىكە ئىشلىدى. يىغىپ ئايرىشتا، ئاساسلىقى يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار ۋە ئۇلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار ئايرىلغان بولۇپ، ئاپتوموبىلغا چىققاندا ھەممەيلەن ماسكا تاقاپ ئارىلىق تاشلاپ ئولتۇردى، ئاپتوموبىلنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى %50 ئىچىدە كونترول قىلىندى؛ ئۇنىڭدىن باشقا ئاپتوموبىلغا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، قەغەز، ئىچىملىك سەپلەندى. يۆتكەش جەريانىدا ئۆزئارا يۇقۇملىنىشتىن تېخىمۇ ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاھالىلەردىن ئامال بار ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنى ئېلىپ يۈرمەسلىك تەلەپ قىلىندى.

 

مەركەزلىك ئايرىش نۇقتىسىدىكى ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خادىملىرى يېتىشەمدۇ؟

 

خېبېي ئۆلكىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ۋىرۇس تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى چى شۈنشياڭ: بۇنىڭدا چاتاق يوق، مەركەزلىك ئايرىپ كۆزىتىش نۇقتىسىنى ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن، سەھىيە-يۇقۇم مۇداپىئەسى خادىملىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر تۈردىكى خادىملار تەشكىللەنگەن، بىر ئادەمگە بىر ئېغىز ئۆي ئاجرىتىلغان، ئايرىلغانلار ئۆيدىن چىقىشقا بولمايدۇ، تاماقنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز، كەنت ئاھالىلىرى تاماقنى ئۆيگە ئەكىرىپ يەيدۇ، باشقىلار بىلەن زادىلا ئۇچراشمايدۇ. ياتاقتىمۇ دېزىنفېكسىيە قىلىدىغان نەرسىلەر بار، ناھايىتى تولۇق سەپلەنگەن.

 

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ روھىي ھالىتىنى تەڭشەشكە قانداق ياردەم بېرىلىدۇ؟

خېبېي ئۆلكىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ۋىرۇس تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى چى شۈنشياڭ: كەنت ئاھالىلىرى ئادەتتە كەنت ئىچىدە ئەركىن يۈرۈپ ئادەتلەنگەن، ئۇلارنى سىرتقا چىقارمىسا چوقۇم ئىچى پۇشىدۇ، شۇڭا بەلگىلىمە بويىچە ئايرىپ كۆزىتىش نۇقتىلىرىغا تېلېۋىزور، كىتاب، گېزىت ياكى باشقا كۆڭۈل ئېچىش بۇيۇملىرىنى سەپلىدۇق، ھەرىكەت قىلىشى ئۈچۈن يەرگە يوگا سېلىنچىسى سېلىپ قويدۇق، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئازادە تۇتۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ئايرىپ كۆزىتىش نۇقتىلىرىغا پىسخىكا دوختۇرى سەپلەندى، قانداق قىيىنچىلىق بولسا پىسخىكا دوختۇرىغا تېلېفون قىلىپ ياردەم سورىسا بولىدۇ. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، كۆپ قىسىم كەنت ئاھالىلىرى ئايرىش نۇقتىسىغا بارغاندىن كېيىن خىزمەتلىرىمىزگە ناھايىتى ياخشى ماسلاشتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

باشقا جايغا يۆتكەلگەن 20 مىڭ كەنت ئاھالىسىنىڭ يېڭى تەپسىلاتلىرى

1-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 10:00غىچە، خېبېي ئۆلكىسى 523 كىشىگە ئېنىق دىياگنوز قويغانلىقىنى دوكلات قىلدى،