ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رەئىس شى جىنپىڭ خوۋارد شۇلتزغا جاۋاب خەت يازدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-15 10:23

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-يانۋار ئامېرىكا ستارباكس شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى خوۋارد شۇلتزغا جاۋاب خەت ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ستارباكس شىركىتى بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە داۋاملىق ئىجابىي رول ئوينىشىغا ئىلھام بەردى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بىر مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەت جاپالىق تىرىشتى. جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى، ستارباكس قاتارلىق ئامېرىكا كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ستارباكس شىركىتىنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى شۇلتز رەئىس شى جىنپىڭغا خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى تەبرىكلەپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有